ئالتۇندىن بىباھا ئالتۇن رەڭ مەرۋايىت
نۇر تورى تەرجىمىسى ، ئەقىدە شىركىتى كەسپى جەھەتتىن تەھرىرلىدى
فىلىپپىننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى پالاۋان ئارىلىدىن چىقىدىغان بىر خىل مەرۋايىت بار بولۇپ، بۇ خىل مەرۋايىت دۇنيادا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. بۇ خىل مەرۋايىتنىڭ سىرتقى قىسىمى ئالتۇن رەڭلىك بولۇپ، رەڭگى ئالتۇن بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئادەتتە بۇ خىل مەرۋايىت بازاردا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، چۈنكى مىقدارى ھەقىقەتەن بەك ئاز.
ئالتۇن رەڭ مەرۋايىتنىڭ يېتىلىش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ، ئالدى بىلەن بىر ئەلا سۈپەتلىك كىچىك ئويستېر قۇلۇلىسى تەييارلىنىپ، كىچىك مەرۋايىت ئوستېر قۇلۇلىسى ئىچىگە كۆچۈرۈلىدۇ. كىچىك ئوستېر قۇلۇلىسىنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، مەرۋايىتمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ، بارغانسېرى مۇكەممەللىشىدۇ.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئالتۇن رەڭ مەرۋايىت چوڭىيىدۇ، پۈتكۈل جەريانغا ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئوستېر قۇلۇلىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ، يەنە بەزى مەرۋايىتنىڭ سۈپىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
ئالتۇن رەڭ مەرۋايىت فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، بىرما، مالايسىيا، ياپونىيە، جۇڭگو، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقسىمۇ لېكىن مىقدارى ناھايىتى ئاز. فىلىپپىننىڭ پالاۋان ئارىلى ۋە ھىندونېزىيە ئىشلەپچىقىرىلغان ئالتۇن رەڭ مەرۋايىت ئەڭ سۈپەتلىك بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئالتۇن رەڭ مەرۋايىت قۇلۇلىسى بېقىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، مىقدارى ناھايىتى ئاز، بىر تىزىق ئالتۇن رەڭلىك مەرۋايىت مارجان ياساپ چىقىشقىمۇ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت كېتىدۇ. ئالتۇن رەڭ مەرۋايىت مارجاننىڭ قىممىتى ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئالتۇن مارجاندىن ئون ھەسسە يۇقىرى.
دۇنيا بويىچە ھەر يىلى پەقەت 100 كىلوگرام ئالتۇن رەڭلىك مەرۋايىت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پەقەت 1000 تال ئالتۇن رەڭلىك مەرۋايىت مارجان ياسىغىلى بولىدۇ.