A-A+

مەرۋايىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە ئامىل

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

1417782594

1 . شەكلى

مەرۋايىت يارىلىشىدىن ھەر خىل شەكىلدە يارىلىدىغان بولۇپ ، تەبىئىي يۇمىلاق ، دانچىسى توق كەلگەن مەرۋايىتلار ئەتىۋارلىق گۆھەر قاتارىدا سانىلىپ باھاسىمۇ قىممەت بولىدۇ.

wKhQdFSLfNeESRb5AAAAAHcohCE295

2 . پارقىراقلىقى 

مەرۋايىتنىڭ پارقىراقلىقى بولمىسا قىممىتى بولمايدۇ . مەرۋايىتلار قانچە پارقىراق ، نۇرلۇق ، ئاق بولسا شۇنچە پۇلغا يارايدۇ . 

14-150F51J94J24

3 . تېرىسى 

مەرۋايىتنىڭ يۈزى سىلىق ، تەكشى ،تۈز  بولسا قىممىتى بولىدۇ . يۈزى مۇدۇر-چۇقور ، قىڭغىر-مايماق كەلگەن مەرۋايىتلار ئېزىپ مەرۋايىت تالقىنى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ .

20130127222101_zRTLL.thumb.700_0

4 . چوڭ-كىچىكلىكى

مەرۋايىتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى باھاسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . 7 ~ 9 مىللىمىتىر چوڭلۇقتىكى مەرۋايىت كۆپ ئۇچرايدۇ . 10 مىللىمىتىر چوڭلۇقتىكى مەرۋايىت ئاز ئۇچرايدۇ . 11 مېللىمىتىردىن چوڭ مەرۋايىت گۆھەر ھېسابلىنىپ ئاز ئۇچرايدۇ .

81-tg7WcW0L._UL1500_

5 . پار كەلتۈرۈش

مەرۋايىت يارىلىشىدىن ھەر خىل شەكىلدە يارىلىدىغان بولغاچقا ، قۇلۇلىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىن كېيىن شەكلى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ شەكلى ،چوڭ - كىچىكلىكى  ،پارقىراقلىقى ئوخشاش بىر تىزىق مەرۋايىتنى تىزىشمۇ خىلى كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش .

BLUEOCEAN-XLS3010-1

6 . چىگىش سەنئىتى 

مەرۋايىتلارنى يىپقا ئۆتكۈزۈپ چىگىشمۇ ئۆزگىچە بىر تۈرلۈك سەنئەت بولۇپ ، مەرۋايىتلار سىپتا،چىرايلىق چىگىلسە يىپى ئۈزۈلمەي چىڭ ، پۇختا تۇرىدۇ. يىپى ئۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ پەقەت بىر تاللا مەرۋايىت چۈشۈپ كېتىدۇ.

000000000102479186_1_800x800

7 . قۇلىپى 

ئوخشاش بىر تىزىق مەرۋايىتقا مىس قۇلۇپ سالساق باھاسىمۇ ئادەتتىكىچە بولىدۇ . ئەگەر ئالتۇن قۇلۇپ سالساق تەبىئىيلا باھاسى ئۆرلەيدۇ . 

مەنبە : 珠宝网

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ