ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەتچىلىكى نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلمايدۇ؟
ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىش تارىخىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالالايمىز. ئەمما ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ئەنئەنىگە ئىگە زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىش (زەرگەرلىك) كەسپىمىز تارىختىكى ئاجايىپ كۆز قاماشتۇرىدىغان جۇلاسىنى يوقۇتۇپ نىمجان، زەئىپ بىركەسىپكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنداقتا شۇنچە پارلاق مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى ياراتقان ئەنئەنىۋى ۋە غوللۇق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر زادى نېمە؟ بىز بۇ سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىمىز.
1. جۇغراپىيەلىك ئامىل
شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدە، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان. زامانىۋى تېخنىكا كىرگۈزۈش ۋە خەلقئارالىق بازارغا يۈزلىنىش جەھەتلەردە زامان، ماكان ۋە تىل چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، يەنى چەتئەل تېخنىكىلىرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىش ۋە كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، پەقەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر زەرگەرچىلىقىنىڭ زامانىۋىلىقتىن ئايرىلىپ قېلىش، تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب.
2. ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئۈسكىنلەر قالاق
ئاپتونوم رايونىمىزدا زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىش ھازىرغا قەدەر ئاساسەن ئىپتىدائىي شەكىلدە، يەنى يەككە ئىگىلىك ھالىتىدە، خەلقىمىزنىڭ زىبۇ-زىننەتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسايىن ئېششى سەۋەبىدىن زىبۇ ـ زىننەت كەسپىنىڭ كۆلىمى بىرقەدەر كېڭەيگەن بولسىمۇ، زامانىۋى ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلەر كەمچىل بولغانلىقتىن پەقەت ئەنئەنىۋى قالاق ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇيغۇر زىرىلىرىنى ياساش ئۇسلۇبىدىكى مىللىي ھۈنەر سەنئىتىمىزدىن باشقا، سۈپەتلىك، رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە تېخنىكىلىق سەۋىيەسى يۇقىرى، دەۋر ئېقىمىغا ماس يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكى يوق.
مەسىلەن: زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىشىدا لازېرلىق تېخنىكا، 3D لىق پىرىنتېرلاش قاتارلىق تېخنىكىلار 2000-يىللاردا ئاۋۋال گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئومۇملاشتى كېيىن شياڭگاڭ، شېنجېنلاردا ئىشلەپچىقىرىشقا سەپلەندى. بۇ تېخنىكىلار بولسا بىزنىڭ زەرگەرلىرىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تېخى يېڭى شەيئى.
3. مودېل پاسونىلاردىكى قەھەتچىلىك
ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت بازىرىدا ئۆزىمىز لايىھەلەپ مودېل ئىجاد قىلىش يوق دېيەرلىك، ساپ ئالتۇن ۋە ئايارلىق (كاراتلىق) ئالتۇنلارنىدىكى پاسون ئالاھىدىلىكىدە بېقىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز، %95 ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تەييار مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە فۇجئەن ئۆلكىسىنىڭ جىندېلى قېلىپچىلىق شىركىتى باشچىلىقىدىكى بىرقانچە شىركەتلەرنىڭ گەج قېلىپىلىرى ئارقىلىق جاھاندارچىلىق قىلىۋاتىمىز. مەخسۇس زىبۇ-زىننەت لايىھەلەش يۇمشاق دېتالى jewel CAD زەرگەرلىرىمىز ئۈچۈن تېخى ناتونۇش. بۇ جەھەتتىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىمىزمۇ شىنجاڭدا يوق. زەرگەرلىرىمىزدا كەسپىي جەھەتتە قانداق يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش چۈشەنچىسى كەمچىل بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى يېتەرسىز، تەييارغا ھەييار بولۇش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ كەلدى. مودېل دورامچىلىقى زەرگەرلىرىمىزدا تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلماسلىق، مودېل شەكىل جەھەتتىن يىڭىلق ياراتماسلىقتەك پاسسىپ ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەتچىلىگىنىڭ ھايات-ماماتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنىڭ قولىدا بولۇپ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدى.
4. كەسپى خادىملار كەمچىل
زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىشىمىزدا كەسىپلىشىش ئاجىز ۋە ئاستا بولغاچقا بۇ جەھەتتىكى تېخنىك خادىملار يوق، كەسپى تەربىيەلەش تۈزۈلمىسى شەكىللەنمىگەن، كەسپى خادىملارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تەكلىپ قىلىشتا نۇرغۇنلىغان توسالغۇلار بار.
مەسىلەن: ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى، ھاۋا كىلىماتى، تېخنىكا ۋە تېخنىكلارنى كىرگۈزۈشتە تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق ئامىللار مەۋجۇت بولۇپ شىنجاڭنىڭ زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئۈچۈن ناھايىتى پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە.
مەنبە : نۇر تورى