A-A+

دۇنيادىكى 8 چوڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى شىركىتى

2017-يىل 26-فېۋرال جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 111 قېتىم

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

2016-يىللىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تىزىملىكى ئاشكارىلاندى. ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ 2015-يىل ئىيۇندىن بۇرۇن ئاياغلاشقان 2014-يىللىق مالىيە يىلىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تىجارەت سوممىسىغا ئاساسەن 2016-يىللىق يەر شارىدىكى 100 چوڭ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى شىركىتى باھالاپ چىقىلغان تىزىملىكتە ئالدىنقى 8 چوڭ كۈچلۈك قاتارىغا قايسى دۆلەتلەر كىرەلىگەندۇ؟ جۇڭگودىكى يەنە قانچە شىركەت بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغاندۇ؟ قېنى تۆۋەندە بىز بۇ شىركەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:


LVMH گۇروھى:

20161226175739480

ئالىي دەرىجىلىك مودا كيىىم ۋە كۆن-خۇرۇم ياساش سودىگىرى لوئۇيىس ۋۇيتتون (Louis Vuitton) بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ھاراق ئىشلەپ چىقىرىش سودىگىرى موئېت ھېننېسسىي (Moet Hennessy)نىڭ بىرلىشىپ قۇرغان چوڭ تىپتىكى زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان گۇروھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ گۇروھ 1743-يىلى قۇرۇلغان. ئاساسلىقى كۆن-خۇرۇم بۇيۇملىرى، چاپان، ئاياغ قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. 2014-يىللىق مالىيە يىلىدا زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىش سوممىسى 23 مىليارد 297 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


Richemont گۇروھى

20161226175742288

شىۋېتسارىيە زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى شىركىتى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مىلياردېر سودىگەر ئانتون رۇپېرت 1988-يىلى قۇرغان. بۇ گۇروھنىڭ ئاساسلىقى ئۈنچە-مەرۋايىت، قول سائەت، قوشۇمچە ھۆججەت ھەمدە مودا كىيىم قاتارلىق تۆت خىل سودا ساھەسىگە چېتىشلىق بايراقدار دۇكانلىرى بار. 2014-يىللىق مالىيە يىلىدىكى سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 13 مىليارد 217 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


Estee Lauder گۇرۇھى

20161226175745683

ئامېرىكا Estee Lauder شىركىتى قارمىقىدىكى گىرىم-بويۇملىرىنىڭ بايراقدار ماركىسى. قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە تېرە ئاسىراش ئۈنۈمى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. Estee Lauder شىركىتى پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش سودىگىرى. 1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بىر ئايال تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيقاندا، Estee Lauder خانىم ئۆز نامىدىكى بۇ شىركەتنى قۇرغان. شىركەتنىڭ تارىخىمۇ خېلىلا ئۇزۇن. بۇنىڭ 2014-يىللىق مالىيە يىلىدىكى سېتىش سوممسىى 10 مىليارد 780 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. 


Luxottica گۇروھى

20161226175747411

ئىتالىيەدىكى مەخسۇس كۆزئەينەك ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەمدە ساتىدىغان دۆلەت ھالقىغان گۇروھ شىركىتى. ئالدىنقى بىر قانچە شىركەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ گىرىم بۇيۇملىرىنى ياكى كۆن-خۇرۇم بۇيۇملىرىنى ساتماي پەقەت ۋە پەقەت كۆزئەينەكلا ساتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ كۆزئەينىكى ئادەتتىكى كۆز ئەينەكلەرگە ئوخشمايدۇ. بۇنىڭ سېتىش سوممىسىمۇ 10 مىليارد 172 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


Swatch گۇروھى

20161226175750724

ئاساسلىقى قول سائىتى ساتىدۇ. شىۋېتسارىيەدە ئىشلەنگەن. دۇنيا سائەتلىرىنىڭ ياشلىق كۈچى دەپ تەرىپلەنگەن. Swatch شىۋېيتسارىيە داڭلىق سائەتلىرىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى. بۇ سائەتلەر ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ مودىسى، جانلىق لاھىيەسى ھەمدە ئەنئەنىۋىي شەكىلنى بۇزۇپ تاشلىغاندىكى ئەڭ زامانىۋىي قۇرۇلمىسى، ۋە مودىرىن تۇرمۇش رېتىمى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىيەلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق مودا ماركىلار مانا بۇنىڭدەك زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ باقمىغان. قىسىقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، تەۋرەنمەس ئورۇن تىكلەش ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بۇنىڭ سېتىش سوممىسىمۇ 9 مىليارد 223 مىليونغا يەتكەن.


 Kering گۇروھى

20161226175754135

بۇ گۇرۇھ 1963-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا پاي كونترول قىلغان فىرانسىيە شىركىتى. بۇنىڭ بايرىقىدا بىر يۈرۈش خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلار، مەسىلەن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، تەنھەرىكەت & ، تۇرمۇش مودا بۇيۇملىرى ھەمدە پارچە سېتىش ماركىلىرى بولۇپ، سېتىش دائىرىسى 120 نەچچىدىن ئارتۇق دۆلەتلەرنى قاپلىغان. بۇنىڭ سېتىش سوممىسىمۇ 8 مىليارد 880 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


Chow Tai Fook گۇروھى

20161226175757601

بۇ شىركەت جېڭ يۈ تۇڭ دوكتور ھەمدە ئۇنىڭ جەمەتى ئىگىلىكىدىكى ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان خۇسۇسىي سودا گۇروھى. بۇ گۇروھنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا، كەسپىي تىجارىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان. جۇڭگودىكى بىردىنبىر دۇنيانىڭ ئالدىنقى 10 شىركەتكە كىرەلىگەن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى شىركتى. سېتىش سوممىسى 8 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


فىرانسىيە Loreal گۇروھى

20161226175801257

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ بىرى. 1907-يىلى قۇرۇلغان. تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. Loreal ھەر خىل گىرىم بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ. مەيلى پۈتۈن دۇنيانىڭ قايسىلا يېرىدە بولسۇن ۋە ياكى جۇڭگونىڭ قايسىلا شەھىرىدە بولسۇن ناھايىتى يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. بۇنىڭ سېتىش سوممىسى 8 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ