A-A+

قەرز ئېلىم-بېرىم مۇناسىۋىتىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

2017-يىل 26-فېۋرال كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 150 قېتىم

قولىمىزدىكى مەبلەغ ئوبوروتى بانكىدىلا بولۇشى ناتايىن بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلار، تونۇش-بىلىشلەر پۇل سورايدىغان ئەھۋاللارمۇ ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەلئىچى قەرز سۇپىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئەلئىچى قەرزى توغرىسىدىكى ماجىرالارمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. كونىلاردا «ھېسابلىق دوست ئايرىلماس» دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا ئەلئىچى قەرزى توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى بىلىۋېلىشمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر.

timg

ئەلئىچى قەرزى دېگىنىمىز پۇل-مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق تەسىس قىلىنماستىن، تەبىئىي ئادەم، قانۇنىي ۋەكىل، باشقا تەشكىلاتلار ئارا ھەمدە ئۆز-ئارا قەرز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى ھەمدە ئۇنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 

يەنى، تەبىئىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ياكى تەبىئىي ئادەم بىلەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئوتتۇرىسىدىكى قەرز «ئەلئىچى قەرزى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سودا قەرزىدىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا، ئەلئىچى قەرز ماجىراسى بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز ماجىراسىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. 

ئىككى خىل سۇبيېكتنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بانكا نازارەت كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەت كومىتېتى، سۇغۇرتا نازارەت كومىتېتى تەستىقلاپ تەسىس قىلىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. ئەلئىچى قەرزىنىڭ سۇبيېكتىنى يۇقىرىدىكى ئورگانلار تەسىس قىلمايدۇ، مەسىلەن: ئاز سوممىلىق قەرز شىركىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلاپ تەسىس قىلىدۇ، پۇل-مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارىلاشمايدۇ.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ۋاڭ لىنچىڭ ئىلگىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەلئىچى قەرزىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى سوتلاشقا دائىر مەسىلىلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، مەيلى دېلونىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش بولسۇن ياكى توختامنىڭ كۈچى ۋە ئۆسۈمى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بولسۇن، نىسبەتەن تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن. 

ئالدى بىلەن بىز قانداق ئەھۋالدا دېلونىڭ خاراكتېرىنىڭ ئەلئىچى قەرزى بويىچە بېكىتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەگەر قەرز بېرىپ تۇرغۇچى ئادەم ئۆزىنىڭ مەبلەغ ھېساباتىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى باشقا ئادەمنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرسە، بۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ قانداق كېلىشكەنلىكىگە قاراش كېرەك. 

مەسىلەن: مەيلى قەرز ئالغۇچى ئىشلەتكەن مەبلەغ ھېسابات ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەرز بەرگۈچى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، بەلگىلەنگەن مەبلەغنىڭ پايدىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ كېلىشكەن بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ توختىمى مەيلى مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ياكى قەرز ئېلىش بولسۇن، ئوخشاشلا ئەلئىچى قەرزى دەپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك كېلىشىم بولمىسا، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىش ياكى قەرز ئېلىش ماجىراسى دەپ بېكىتىلىدۇ. 

ئەگەر قەرز تىلخېتى يوق، پەقەت بانكىنىڭ ھېسابات يۆتكەش ئىسپاتى بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ 

بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكارنىڭ قەرز قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئەلئىچى قەرز دېلوسىنىڭ پاكىتىنى تەكشۈرۈشتە، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مەزمۇن بولۇشى كېرەك: بىرىنچىدىن، يېزىقچە تىلخەت ياكى قەرز ئېلىش توختىمى ئارقىلىق قەرز مۇناسىۋىتى ئىسپاتلىنىشى كېرەك. تەبىئىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز توختىمى ئېغىزچە كېلىشىم بولسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئېغىزچە كېلىشىمدە ئىسپات ئېلىش بىر قەدەر قىيىن. ئىككىنچىدىن، ئەلئىچى قەرز دېلوسىدا قەرز بېرىپ تۇرغۇچىنىڭ پۇل بەرگەنلىك ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. 

يۇقىرىدىكى ئىككى يادرولۇق ئامىلنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، بىراق تونۇش-بىلىشلەر قەرز ئالغاندا ھەمىشە قەرز ئېلىش تىلخېتى يوق بولۇپ، پەقەت بانكىنىڭ پۇل يۆتكەش ئىسپاتى بولىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بەلگىلىمىدە بىر ئىسپات كۆرسىتىپ مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەش پىرىنسىپى بار، يەنى: دەۋاگەر ئىسپات كۆرسەتكەندىن كېيىن، جاۋابكار ئىسپات كۆرسىتىدۇ، جاۋابكار ئىسپات كۆرسەتكەندىن كېيىن، دەۋاگەر يەنە ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر ئىسپات كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئىسپات مەسئۇلىيىتىنى دەۋاگەرگە ئىتتىرەلەيدۇ. 

ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن، ئەگەر دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان پاكىتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى %75تىن يۇقىرى بولسا، سوتچى دەۋاگەر تەشەببۇس قىلغان پاكىت ئورۇنلۇق دەپ قارايدۇ، ئەگەر جاۋابكار ئۆزىنى ئاقلىسا، جاۋابكار قارشى ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. سوتچىنىڭ دەۋاگەرنىڭ تەشەببۇسىغا بولغان ئىشەنچىسى %75تىن تۆۋەن بولسا، جاۋابكارنىڭ قارشى ئىسپاتى غەلىبىلىك بولغان بولىدۇ.  

ئەر-ئايالنىڭ بىرى ئالغان قەرزدە يەنە بىر تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بولامدۇ؟ 

ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە ئەر-ئاياللار ئىچىدىكى بىر تەرەپ شەخسىي نامدا قەرز ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپ ئەھۋالدىن خەۋەرسىز بولىدىغان، قەرز ئىگىسى ئەر-ئايالنى جاۋابكار ئورنىدا ئەرز قىلىدىغان، بىراق تىلخەتتە بىر تەرەپ ئىمزا قويغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر «نىكاھ قانۇنىنى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش-2»دىكى بەلگىلىمىگە تەقلىد قىلىنسا، ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق قەرزى دەپ قارىلىشى كېرەك. 

بىراق ئەمەلىي دېلونى سوتلاشتا، يەنىلا ئەھۋالغا قاراش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 2015-يىلى سوتلىغان بىر قېتىملىق ئەلئىچى قەرز دېلوسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدە، ئەر-ئايال ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق تۇرمۇشى ياكى ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن قەرز بولغان بولسا، ئاندىن ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق قەرزى بولىدۇ دەپ قارالغان. 

يەنى، نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە قەرزنىڭ ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق قەرزى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، قەرز ئالغان پۇلنىڭ ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن-ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئەگەر ئەر-ئايال مۇددەتتىن بۇرۇن شەخسىي قەرز دەپ كېلىشكەن بولسا ياكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا بېقىش مەجبۇرىيىتى بولمىغان دوستلىرىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە مەبلەغ ياردەم قىلغان بولسا ياكى بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا مەبلەغ توپلاپ تىجارەت قىلىپ، تاپقان كىرىمنى تۇرمۇشتىكى ئورتاق قەرزنى قايتۇرۇشقا ئىشلەتمىگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى قەرز ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلانمايدۇ. 

تونۇشلارغا قەرز بەرگەندە دەۋانىڭ ۋاقىت چېكىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئىككى تەرەپ قاچان پۇل قايتۇرۇشنى بېكىتمىگەن ئەھۋالدا، قەرزدار پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇشقا بولىدۇ، قەرز ئىگىسىمۇ خالىغان ۋاقىتتا قەرزداردىن پۇلنى سوراشقا بولىدۇ، بىراق قارشى تەرەپكە مۇۋاپىق تەييارلىق ۋاقتى بېرىش كېرەك. بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بولغان دەۋانىڭ ۋاقىت چېكى مەسىلىسى بار. 

يەنى، قانۇننىڭ مەنپەئەتدارنى قوغدىشى ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: سىز ئىزچىل قارشى تەرەپتىن پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماي، قارشى تەرەپمۇ ئىزچىل پۇلنى قايتۇرمىغان بولسا، نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز بىر كۈنى قارشى تەرەپتىن پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز، سوت مەھكىمىسى خالىغان ۋاقىتتا سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزنى قوغدىشى ناتايىن. 

مەملىكىتىمىزنىڭ ھەق-تەلەپ دەۋاسىنىڭ ئادەتتىكى دەۋا ۋاقىت چېكى 2 يىل بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ۋاقىت چېكى ئىچىدە، مەنپەئەتدار ئىلتىماس سۇنسا، سوت مەھكىمىسى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچىنى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دەۋا ۋاقىت چېكى توشقاندىن كېيىن، مەنپەئەتدار مەنپەئەتدار ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە، سوت مەھكىمىسى قوغدىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھوقۇق مەنپەئەت دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان كۈندىن باشلاپ 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

شەخسلەر شىركەت نامىدا قەرز ئېلىپ، ئۆزى شەخسىي ئىشلەتسە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ 

رېئال تۇرمۇشتا، بەزى كارخانا قانۇنىي ۋەكىللىرى كارخانىنىڭ نامىدا ئەلئىچى قەرز توختىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىدۇ، ئەگەر قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا تولۇق ئىسپاتى بولسا، نۆۋەتتە بىر قانچە خىل مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى بار: 

1. قانۇننىڭ نىسپىيلىكىگە ئاساسەن، كارخانا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

2. ئالدى بىلەن كارخانا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، قانۇنىي ۋەكىلدىن تۆلىتىۋالىدۇ. 

3. كارخانا قانۇنىي ۋەكىلى ھۆكۈمەت پۇلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەنلىكتىن، شەخسىي قەرز ھېسابلىنىپ، قانۇنىي ۋەكىل ئۆزى قەرز قايتۇرىدۇ.

4. كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بىلەن كارخانا چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ئەگەر كارخانا قانۇنىي ۋەكىلى شەخسىي نامدا قەرز توختىمى ئىمزالىغان بولسا، ئېنىقلا شەخسىي ئۆزى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىراق سوت قىلىش ئەمەلىيىتىدە، كارخانا قانۇنى ۋەكىلى شەخسىي نامدا قەرز توختىمى ئىمزالاپ، ئەگەر پۇلنىڭ ھەممىنى كارخانىغا ئىشلەتكەن، ھەممىنى كارخانىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرغان بولسا، كارخانا بىلەن شەخس چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. چۈنكى پۇلنىڭ ھەممىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتكە ئىشلەتكەن بولغاچقا، كارخانىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

ئەلئىچى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى، ئۆسۈمى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ 

بەلگىلىمە بويىچە، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24 ئىچىدە ھەمدە %24نى ئۆز ئىچىگە ئالسا ئىناۋەتلىك بولىدۇ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %36دىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ئەگەر ئۆسۈم بېكىتىلمىگەن بولسا، ئۆسۈم يوق دەپ قارىلىدۇ، بىراق قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن ئېشىپ كېتىپ قايتۇرغان بولسا، ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتىكى ئۆسۈم بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 

ئەگەر ئۆسۈم كېلىشىمى ئېنىق بولمىسا، سوتچى ئىككى خىل ئەھۋالغا قارايدۇ: 

بىرىنچى خىل ئەھۋالدا، تەبىئىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز بولۇپ، ئۆسۈم كېلىشىمى ئېنىق بولمىسا، ئۆسۈم يوق دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋالدا، ئۆسۈم كېلىشىمى ئېنىق بولماي، قەرز بەرگۈچى ئۆسۈم تەلەپ قىلسا، ئۆسۈم بېرىش كېرەك، بىراق قانداق بېرىش، قانچىلىك بېرىشنى، سوتچى يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئادىتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىدۇ. 

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ