A-A+

پاي چېكى ھەسسىدارلىق شېركىتى ۋە پاي چېكى

2017-يىل 21-فېۋرال كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 88 قېتىم

پاي چېكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئانچە غەيرىي ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە ئۆزىڭىز پاي چېكى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىز، خىزمەتداش ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىچىدە پاي چېكى ئويناپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغانسىز، بىراق چۈشىنىش بىرقەدەر تەس بولغان پاي چېكى بازىرىنىڭ گاھ ئۆرلەپ گاھ چۈشۈشلىرىگە، بۇ بازاردىكى 2000 غا يېقىن شېركەتلەرنىڭ خىلمۇخىل پاي چېكىلىرىگە قاراپ قاياقتىن قول سېلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن.

timg

پاي چېكىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ قانداق شېركەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنداق بىر ئاددىي مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:

تۇرپاندا يىمىشنىڭ باھاسى كىلوسى 6 يۈەن بولسۇن، ئۈرۈمچىدە بولسا 8 يۈەن. مەلۇم كىشى بۇنىڭدىكى باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە يېمىش يۆتكەشنى پىلانلىدى، دەپ پەرەز قىلايلى. يۆتكەش ھەققى ۋە باشقا خىراجەتلەرگە تەخمىنەن كىلوسى 0.5 يۈەننى چىقىرىۋەتسەك، ھەر كىلوگرامدىن 1.5 يۈەن ساپ پايدا ئالغىلى بۇلىدۇ. بۇ سودىغا ئاز دىگەندە 10 يۈەن دەسمايە سېلىش كېرەك. بىراق بۇ كىشىنىڭ قولىدا 6000 يۈەنلا پۇلى بار، شۇڭا ئۇ بۇ سودىنى بىر دوستى بىلەن شېرىكلىشىپ قىلماقچى بولدى، دوستى 4000 يۈەن دەسمايە قوشتى. ئۇلار ئۈرۈمچىگە بىر بېرىپ كىلىپلا 2500 يۈەن ساپ پايدىغا ئېرىشتى ۋە قوشقان دەسمايىسى بۇيىچە بۇ كىشى 1500 يۈەن، دوستى 1000 يۈەننى ئالدى. ئەگەر بۇ سودىدا زىيان چىقسا زىيانمۇ ئەلۋەتتە يۇقارقى نىسبەت بۇيىچە بۆلىنىدۇ، يەنى 3000 يۈەن زىيان بولدى دەپ پەرەز قىلساق، بۇكىشى 1800 يۈەننى، دوستى 1200 يۈەننى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

بۇ مىسال گەرچە ئاددىي بولسىمۇ لىكىن ئۇ شېرىكلىشىپ سودا قىلىشنىڭ ماھىيىتىنى، يەنى سالغان مەبلەغ بىلەن ئېرىشكەن پايدا زىيان ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ھەرخىل كارخانىلار بارلىققا كەلدى. ئۆز ئارا پاي قوشۇپ شېرىكلىشىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى كارخانا شەكلىنىڭ ئەڭ ئىلغار بىر شەكلى بولۇپ، چەتئەللەردە نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا شەكىللەنگەن. بىز دائىم نامىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان دۇنيادىكى بەزى داڭلىق شېركەتلەر، مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ IBM، كوكا-كولا، گىرمانىيەنىڭ شىمىنزى، ياپونىيەنىڭ سونىي، سۇڭشيا قاتارلىق شېركەتلىرىنىڭ ھەممىسى پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىگە كىرىدۇ. كۆپچىلىككە تونۇش بولغان چاڭخۇڭ ماركىلىق تېلىۋىزور، شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ماركىلىق يۇڭ توقۇلما مەھسۇلاتلىرى بولسا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدۇر.

پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى پاي چېكى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ توپلاپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىدۇر. ئۇنداقتا پاي چېكى دىگەن زادى قانداق نەرسە؟ پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرى شېركەتنىڭ ئومومىي ئەھۋالى، شېركەتنىڭ ئىلگىرىكى نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى كەڭ جامائەتكە تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق جامائەت ئارىسىدىن ‹شېرىك› توپلايدۇ. شېركەتكە شېرىك بولۇشنى خالايدىغانلار شېركەت تارقاتقان پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شېركەتكە مەبلەغ قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پاي چېكى سېتىۋالغۇچىلار شېركەتنىڭ پايچىكلىرىغا ئايلىنىدۇ، پاي چېكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىدىكى پاي چېكى ئۇلارنىڭ پايچىكلىق سالاھىيىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇلار بۇ ئىسپات ئارقىلىق شېركەتنى باشقۇرۇش ۋە شېركەتنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ھوقوقىغا ئېرىشەلەيدۇ. پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرى بولسا بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق توپلىغان مەبلەغنى شېركەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. شۇڭا پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ پاي چېكى تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ توپلىشى ئۇلارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا كېرەكلىك بولغان مەبلەغكە ئېرىشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ۋە كۆپ ساندىكى پاي ھەسسىدارلىق شېركەتلىرىنىڭ نىشانىدۇر.

پاي چېكى تارقىتىش كىشىلەرنىڭ قولىدىكى تارقاق مەبلەغلەرنى توپلاپ، ئۇنى چوڭ ئىشلارغا ئىشلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. مەسىلەن، بىر جايدا تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىدى. ئەگەر بۇ جايدا تۆمۈر يول ياسالسا، بۇ يەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى باشقا جايلارغا چىقىرىش، باشقا جايلاردىكى تاۋارلارنى بۇيەرگە ئەكىرىش ئارقىلىق بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ. بىراق دۆلەتنىڭ ھازىرچە بۇ جايغا مەبلەغ چىقىرىپ تۆمۈر يول ياساش پىلانى يوق. بۇ تۆمۈر يولنى ياساش ئۈچۈن 10 مىللىيارد يۈەن پۇل كىتىدۇ. يەرلىك مالىيە بولسا بۇنچىلىك كۆپ مەبلەغ چىقىرالمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇنداق بىر ئۇسۇلنى قوللاندى: ئالدى بىلەن بىر پاي ھەسسىدارلىق شېركىتى قۇردى. بۇ شېركەت جەمئىي 10 مىللىيارد پاي چېكى تارقاتتى، يەرلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئۇلارنىڭ %50 پېيىنى، يەنى 5 مىللىيارد يۈەن قىممىتىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋالدى، ئۇنىڭدىن كىيىن شۇ جايدىكى مەبلەغ كۈچى زور بىرقانچە شېركەتلەر بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ 4 مىللىيارد يۈەن قىممىتىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان 1 مىللىيارد يۈەن قىممىتىدىكى پاي چېكى بولسا كەڭ جامائەتكە تارقىتىلدى. مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ جايدا 10 مىللىيارد يۈەن مەبلەغ توپلىنىپ، تۆمۈر يول ياسالدى. تۆمۈر يول پۈتۈپ، كىرگەن ئىقتىسادىي كىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا پاي چېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شېركەتكە مەبلەغ قوشقانلار ئۆزلىرىنىڭ پاي نىسبىتى بۇيىچە تەقسىم قىلىشتى.

مانا بۇ مىسالدىن، پاي چېكى تارقىتىشنىڭ تارقاق مەبلەغلەرنى توپلاش ئارقىلىق مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك رولىنىڭ بارلىقىنى، ئىقتىسادىي پائالىيەتنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىشتەك ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.

پاي تۈزۈمى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك نۇرغۇن ئىلغارلىقلىرى بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى چوڭ شېركەتلەرنىڭ ئوموميۈزلۈك قوللىنىدىغان بىرخىل كارخانا تۈزۈمى شەكلىگە ئايلاندى. بۇخىل كارخانا تۈزۈمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ مەبلەغ توپلاش ۋە سودا خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى شېركەت پايچىكلىرىنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن، شېركەتنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ۋە بارلىق پايچىكلارنىڭ ھوقوقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىرقەدەر مۇكەممەل ۋە دىموكراتىك بولغان كارخانا باشقۇرۇش تۈزىمىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى شېركەتلەر پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ، مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پاي چەكلىك شېركىتىنى قۇرىدۇ. بۇنىڭ جەريانى تۆۋەندىكىدەك بۇلىدۇ:

ئالدى بىلەن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ كىلىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، باشقا شېركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، پاي چەكلىك شېركىتى قۇرۇش ئىلتىماسىنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈلمە ئىسلاھات كومىتىتىغا سۇنىدۇ. تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كومىتىتى شېركەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كىيىن، پاي چەكلىك شېركىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىجازىتى بېرىدۇ. پاي چەكلىك شېركىتى ئىجازەتكە ئېرىشكەندىن كىيىن، تەييارلىق كومىتىتى مالىيە، يەر باشقۇرۇش قاتارلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ تەستىقى بىلەن يەر، مال-مۈلۈكنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش، باھالاش قاتارلىق بىرقاتار بىر يۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ. تەييارلىق پۈتكەندە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پاي چەكلىك شېركىتىنى رەسمىي قۇرۇشنى تەستىقلايدۇ.

يۇقىرىقىدەك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ تۈزۈلمىسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قۇرۇلغان پاي چەكلىك شېركىتىىنڭ ھەممىسىنىڭلا پاي چېكىنى بازارغا سېلىشى ناتايىن. ئەگەر پاي چېكىنى بازارغا سېلىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەن قارىمىقىدىكى ئاكسىيەنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش كومىتىتىنىڭ ھەرقايسى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىش بىجىرىش ئىشخانىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئاكسىيە شېركەتلىرىنىڭ كونسۇلتاتسىيىسىنى ئاڭلايدۇ. كونسۇلتاتسىيە جەريانىدا مەزكۇر پاي چەكلىك شېركىتىنىڭ باشقۇرۇش، مالىيە تۈزۈمى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرى پاي چېكىنى بازارغا سالغان پاي چەكلىك شېركەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە باشقۇرىلىدۇ. ئەگەر ئۆلچەمگە يەتتى دەپ دەپ قارىسا، ئاكسىيەنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش كومىتىتىغا پاي چىكىنى بازارغا سېلىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنىدۇ. ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كىيىن شاڭخەي ياكى شىنجىن ئاكسىيە بازارلىرىدا پاي چېكىنى بازارغا سالىدۇ.

پاي چەكلىك شېركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىش ئىشى مۇرەككەپ، ئىنچىكە، ئەستايىدىل تەكشۈرىلىدىغان خىزمەت بولۇپ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ. شېركەتنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن، شېركەتلەر كەڭ پايچىكلىرىغا پايدا بېرىش ئۈچۈن تىجارىتىنى ياخشىلاپ، توپلانغان مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشىش ھەرقانداق پاي چېكىنى بازارغا سالغان شېركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئەگەر شېركەتنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شېركەتنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياخشى بولماي تىجارىتىدە ئۇدا ئىككى يىل زىيان كۆرۈلسە، ئۇ ھالدا بۇ شېركەت ST قالپىقىنى كىيىدۇ. ئۈچىنچى يىلى زىيىنىنى تۈگىتىپ پايدىغا ئېرىشەلىسە قالپىقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ئەگەر يەنە داۋاملىق زىيان تارتسا PT قالپىقىنى كىيىپ بازاردىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كىلىدۇ.( يۇقارقى PT، ST ئاتالغۇلىرى ھەققىدە كىيىنكى يازمىلاردا ئايرىم توختىلىمىز.)

ئەمدى بىز يەنە پاي چېكىگە قايتىپ كىلەيلى.

ئەگەر سىز H شېركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان بولسىڭىز، پېيىڭىزنىڭ سانى قانچىلىك بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، سىز بۇ شېركەتنىڭ بىر پايچىكىگە ئايلىنىسز، سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى پاي چېكى بۇنىڭ ئىسپاتى بۇلالايدۇ. سىزمۇ بىر پايچىك بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن H شېركىتىنىڭ بارلىق ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە شېركەت تەقسىم قىلغان پايدىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقوقىغا ئىگە بولىسىز.

ئەڭ دەسلەپكى پاي چېكى قەغەز شەكلىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قەغەز ئۈستىگە شېركەت نامى، پايچىكنىڭ ئىسمى ۋە پاي چېكىنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلاتتى. ھازىر پاي چېكى بازىرىدا ئوبورۇت قىلىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى كومپىيوتۇرغا كىرگۈزۈلۈپ، پاي چېكى سودىسىمۇ كومپىيوتۇر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولدى. قولىڭىزدىكى ھېساب ئېچىش كارتوچكىسىغا تايىنىپ، نەچچە سىكونت ئىچىدىلا ئۆزىڭىز خالىغان مەلۇم شېركەتنىڭ پاي چېكىنى ئېلىپ ساتالايسىز. ئالغان ياكى ساتقان پاي چېكىڭىزنىڭ باھاسى، سانى، ئاشقان مەبلىغىڭىز، تۆلىگەن رەسمىيەت ھەققىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنىمۇ ھېسابات كارتوچكىڭىز ئارقىلىق كومپىيوتۇردىن تەكشۈرەلەيسىز.

پاي چېكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئالاھىدىلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك:

1. پاي چېكىنىڭ مۇددەتسىزلىكى

H شېركەت پاي چېكى تارقاتتى، سىز ئۇنى سېتىۋالدىڭىز، شېركەت پاي چېكى سېتىش ئارقىلىق توپلىغان مەبلىغى كىرىم سۈپىتىدە شېركەتكە تەۋە بۇلىدۇ. سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنى قايتۇرۋىتەلمەيسىز. چۈنكى ‹شېركەت قانۇنى› دا ئاشۇنداق بەلگىلەنگەن. ئەگەر قايتۇرۋالماقچى بولسىڭىز پاي چېكى بازىرىدا سېتىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ. مانا بۇ پاي چېكىنىڭ مۇددەتسىزلىكى.

2.پاي چېكىنىڭ ھوقوق، مەسئۇلىيەتچانلىقى

سىز H شېركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ شېركەتنىڭ بىر پايچىكىغا ئايلاندىڭىز. بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ شېركەتنى باشقۇرۇشقا ئارىلىشىش ھوقوقىڭىز بۇلىدۇ، يەنى، پايچىكلار يىغىنىغا قاتنىشىش، شېركەتنىڭ سودا ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش، پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھوقوقىڭىز بۇلىدۇ. مەسئۇلىيەتچانلىقى دىگىنىمىزدە، H شېركىتى پاي چېكى تارقانقانىكەن، ئۇنىڭ بارلىق پايچىكلارنى ئومومىي ئەھۋالىدىن ۋاقتى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش مەسئۇلىيىتى بۇلىدۇ.

3.پاي چېكىنىڭ ئوبوروتچانلىقى

ئەگەر سىز H شېركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالسىڭىز، پۇلىڭىزنى شېركەتتىن مەڭگۈ قايتۇرۋالالمايسىز، دىدۇق. بىراق بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئەگەر سىز بۇ شېركەتكە داۋاملىق مەبلەغ قوشۇشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنى پاي چېكى بازىرىدا باشقىلارغا سېتىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ، يەنى پاي چېكىنى ئوبوروت قىلىشقا بۇلىدۇ.

4.پاي چېكىنىڭ خەۋپ-خەتەرلىكلىكى

سىزنىڭ پاي چېكى سېتىۋالغانلىقىڭىز ماھىيەتتە سىز باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ سودا قىلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەرقانداق سودىنىڭ خىيىم-خەتىرى بۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، پاي چېكىنىڭمۇ خەۋپ-خەتىرى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن كىلىدۇ: بىرى، سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ باھاسى پاي چېكى بازىرىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ چۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك سىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشىڭىز ياكى زىيانغا ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن؛ يەنە بىرى، سىز سېتىۋالغان پاي چېكىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈش ياكى ئۆسمەسلىكى شېركەتنىڭ روناق تېپىش ياكى تاپماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ. ئەگەر سىز پاي قوشقان بۇ شېركەت ۋەيران بولسا، سىز ھەتتا پۈتۈن دەسمايىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

مەنبە : باغداش تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ