زايۇم دېگەن نېمە؟
زايوم gong zhai 公债 دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە دۆلەت جەمئىيەتتىن ئالغان قەرز، يەنى مەبلەغ غەملەش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىغا چىقىرىپ بېرىدىغان قەرز ئالغانلىق يازما ئىسپاتى بولۇپ، دۆلەت بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە، كېلىشىمدىكى شەرت ۋە قەرەلگە ئاساسەن ئۆسۈم بېرىدۇ ۋە قەرەلى توشقاندا دىرىنى قايتۇرىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى زايوم مالىيە مىنىستىرلىقى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان دۆلەت ئاممىۋى قەرزىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دۆلەت مالىيە ئىناۋىتىنى كېپىل قىلىدۇ.
ئىمزاسىز شەكىلدىكى زايوم بولسا بېلەت يۈزىگە قەرزدارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ياكى ئورنىنىڭ نامى خاتىرىلەنمەيدىغان بىر خىل زايوم بولۇپ، ئادەتتە ماددىي بۇيۇم بېلىتى شەكلىدە كۆرۈلىدۇ، يەنە ماددىي بۇيۇم بېلىتى ياكى زايوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل زايوم دۆلىتىمىزدە ئەڭ ئۇزۇن تارقىتىلغان زايومدۇر.
دوكۇمېنتلىق زايوم دۆلەت ماددىي بۇيۇم زايومى باسماستىن «زايوم ئېلىش دوكۇمېنتى»نى تولدۇرۇش شەكلى بىلەن تارقىتىدىغان زايومنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزدە دوكۇمېنتلىق زايوم 1994- يىلى تارقىتىلىشقا باشلىغان. دوكۇمېنتلىق زايومنىڭ چەك يۈزى شەكلى بانكىنىڭ قەرەللىك ئامانەت تالونى بىلەن ئوخشىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تەڭ قەرەللىك بانكا ئامانىتىنىڭ ئۆسۈمىدىن سەل يۇقىرى. ئامانەت قويۇشنى مەقسەت قىلغان مەبلەغ سالغۇچى شەخسلەر ئۈچۈن بۇ خىل زايومنى سېتىۋېلىش ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەبلەغ سېلىش شەكلى بولالايدۇ.
دوكۇمېنتلىق زايومنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: سېتىش تور نۇقتىسى كۆپ، سېتىۋېلىش چېكى بويىچە قايتۇرۇۋېلىش قولايلىق، رەسمىيەتلىرى ئاددىي، يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ، بىخەتەرلىكلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك؛ ئۆسۈم نىسبىتى تەڭ قەرەللىك بانكا ئامانىتىنىڭ ئۆسۈمىدىن يۇقىرى؛ ئالدىن قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ. نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇلۇشى جانلىق، سېتىش نۇقتىلىرى يېقىن؛ ئۆسۈم خېيىم-خەتىرى ئاز، دوكۇمېنتلىق زايومنى بازارغا سالغىلى بولمايدۇ، ئالدىن قايتۇرۇۋالغان چاغدىكى باھاسىمۇ بازاردىكى ئۆسۈم نىسبىتىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان بولۇپ، بازار باھا خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.
ھېساباتقا يېزىش شەكلىدىكى زايومنىڭ تارقىتىلىدىغان، سودا قىلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئاساسلىق مەبلەغ ئېڭى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان مەبلەغ سالغۇچى، شۇنداقلا نەق پۇل باشقۇرۇش ئېھتىياجى بار مەبلەغ سالغۇچى ئورۇنلارنىڭ كاپىتال قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش تەلىپىگە قارىتا يولغا قويۇلغان زايوم تۈرىدۇر، مەبلەغ سالغۇچى ئۇنى بەلگىلەنگەن زايوم سودىسى ئورنىغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا بېرىپ، ئاقما سودا ئارقىلىق نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتەلەيدۇ، يىتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يەنە تۆۋەن باھادا ئېلىپ، يۇقىرى باھادا سېتىپ يۇقىرى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ليۇ شياۋلىڭ ئاپتورلۇقىدىكى، روزى مەتقاسىم تەرجىمىسىدىكى «ئىقتىساد ئىلمى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
مەنبە : نۇر تورى