A-A+

خوتەن قاش ھەققىدە خاتا قاراشلار

2016-يىل 29-ئىيۇن ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 782 قېتىم

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى

bd3024cbtd1f45778a8a1&690

جۇڭگۇدا خوتەن قاش مەستانىلىرى 300 مىليۇندىن ئاشىدۇ . كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بۇ مەستانىلەر ئارىسىدا خوتەن قاشقا نىسپەتەن ئانچە-مۇنچە خاتا قاراشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ ، ئەلۋەتتە ! بىز بۈگۈن بىرلىكتە بۇ خاتا قاراشلارنىڭ بىر قانچىسىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى !

1 . چاپان سالغان قاشلارنى ھېچقانداق ئورگان تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمايدۇ

20146161142127214251

نۇرغۇن كىشىلەر << چاپان سالغان قاشلارنى ھېچقانداق ئورگان تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمايدۇ >> دەپ قارايدۇ . ئەمما تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بۇ خىل قاراشقا ئاللىبۇرۇن خاتىمە بەرگەن بولۇپ ، سىزنىڭ قېشىڭىزغا چاپان سېلىنغانلا بولسا سۈپەت تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئۈستىدە نەتىجىسى نامايەن بولىدۇ.

2 . زىرە قاشلار پەقەت شىنجاڭدىنلا چىقىدۇ

20146161142557825091

نۇرغۇن كىشىلەر زىرە قاشلار پەقەت شىنجاڭدىنلا چىقىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە خېمۇ قاشلىرى ، شىيۇۋيەن قاشلىرى ۋە لۇشۈن قاشلىرىدىنمۇ زىرە قاش چىقىدۇ.روسىيە قاشلىرىدىنمۇ ئارىلاپ زىرە قاش ئۇچرايدۇ.

3.چار قاشلارنىڭ ھەممىسى زىرە قاش

20146161144294098941

<< چار قاشلارنىڭ ھەممىسى زىرە قاش >> بۇ گەپ بۇرۇن كەسىپتىكى قويمىچىلارنىڭ خېرىدار ئالدايدىغان پاراڭلىرى ئىدى.21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاغىلىقتىن بايقالغان چار كان قاش بۇ سۆزگە خاتىمە بەردى.

بىراق قاغىلىقتىن چار كان قاش بايقىلىشتىن بۇرۇنمۇ چەرچەن رايۇنلىرىدا ۋە قاراڭغۇ تاغدا بۇ خىل قاش بايقالغان ، لېكىن سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانچا كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمىغان.

4.چىڭخەي قاشلىرىنى بىر مەزگىل تاقىسا رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ

20146161145523811648

بىر كۈنى ، بىر قاش ھەۋەسكارى ئۆزى بىر مەزگىل تاقىغان چىڭخەي قاش تەمتەكنى ساتقۇچىنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ :<<بۇ قاش تەمتەكنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى !؟>>دەپ داۋا قىلغان.ساتارمەن ھەيرانلىق ئىلىكىدە تەمتەكنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن تەمتەكنىڭ ئويۇلغان يەرلىرىگە توپا-چاڭ كىرلەرنىڭ يىغىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، نەق مەيداندا پاكىز چوتكىلاپ ،يۇيۇپ تازلىغاندىن كېيىن تەمتەك بۇرۇنقى ئاق ، پارقىراق ھالىتىگە قايتقان.

شۇڭا چىڭخەي قاشلىرىنى پات-پات چوتكىلاپ ، تازلاپ تۇرساقلا ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ.

 5.قاپقارا تۇرۇشىدىن بۇ چۇقۇم قارا قاش

BAOKE-6956052180693-3

نۇرغۇن كىشىلەر قاشنىڭ رەڭگى قارا بولسىلا قارا قاش دەپ دىئاگنوز قويىۋېتىدۇ. بىراق رەڭگى قارا كەلگەن قاشلارنىڭ ھەممىسى قارا قاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. كۆكۈش قارا قاش ، قارامتۇل قاش ، شىيۇۋيۈ قارا قاشلىرى ، قارا كاۋاش ھەم روسىيە قارا قاشلىرىمۇ ئوخشاشلا قارا رەڭدە كېلىدۇ.

6.بۇ ئويمىنىڭ زىرە ئىكەنلىكىدە مەسىلە يوق.لېكىن ئويمىچى ئۇيۇش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن چاپىنىنى قىرىۋېتىپ قاپتۇ.

Gucn_20120601337151161314Pic2

90% خوتەن قاش ئويمىلاردا چاپان ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.چاپىنى يوق قاشلارنى ئويمىچىلار ئويما ئۇيۇشقا ئىشلەتمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ.شۇڭا : << بۇ ئويمىنىڭ چاپىنى ئۇيۇش جەريانىدا قىرىلىپ كېتىپتۇ ! >> دىگەن ئاساسەن يوق گەپ.

مەنبە : جۇڭگۇ خوتەن قاش تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ