A-A+

نامراتلار باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ، بايلار باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ

2015-يىل 4-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 420 قېتىم

نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ

( بىرىنچى كىتاپ )

29781515515736

6-باپ 2-پارىگىراپ

نامراتلار باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ، بايلار باشقۇرۇشقا

ماھىر كېلىدۇ

دۇنيا نېفىت پادىشاھى روكفېللېر ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ھەر كۈنى باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئادەمنىڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتى بولمايدۇ، يەنە پۇل تېپىشنىمۇ بىلمەيدۇ.» بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار، خۇددى «قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقا دۇنيادىن بىخەۋەر قاپتۇ» دىگەن ھالەتتە كىتاب ئوقۇيدىغان كىتاب خالىتىسىغا ئوخشاش، نامراتلارمۇ قوشقا قاتقان كالىدەك باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدۇ، ھەرگىزمۇ خىزمەت سىرتىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،چىن كۆڭلىدىن باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما بايلار خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىرىشىپ باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ، ھەمدە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، باشقىلارنى ماھىرلىق بىلەن باشقۇرىدۇ.

قەدىمدىن –ھازىرغىچە ئۆتكەن نەتىجە قازانغان بايلارنىڭ بىرىمۇ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئارقىلىق بايلىققا ئېرىشمىگەن، كۆپ قىسىمى تىرىشىپ خىزمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنى ماھىرلىق بىلەن باشقۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «جۇڭگودىكى ئون ياخشى پۇقراۋى كارخانىچى»، «جۇڭگو ئىسلاھاتىدىكى ئۈلگىلىك شەخىس» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن سىچۈەن شىنشىۋاڭ گورۇھىنىڭ باش مۇدىرى لىيۇ يوڭخاۋ دەل ماھىرلىق بىلەن باشقۇرۇشنى بىلىدىغان بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.

لىيۇ يوڭخاۋ 1951 – يىلى سىچۈەندىكى بىر ئاددى ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1968 – يىلى ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن لىيۇ يوڭخاۋ چېڭدۇ شەھەر ئەتراپىدىكى شىنلۇ ناھىيىسى گۇجىيا كەنتىگە ئورۇنلىشىپ، تۆت يىل توققۇز ئاي داۋاملاشقان زىيالىي ياش تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ بىر بۆلەك ۋاقىت لىيۇ يوڭخاۋنىڭ تۇرمۇشىدىكى ناھايىتى مۇھىم دەۋربولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى زور نەپ ئالغان.

1982 – يىلى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ دولقۇنى ئاستىدا، لىيۇ يوڭخاۋ ۋە ئۇنىڭ ئۈچ بۇرادىرى بىرلىكتە ھۆكۈمەت ئورگىنى، مائارىپ ئورگىنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، سىچۈەن چېڭدۇدىكى شىنلۇ ناھىيىسىگە كېلىپ ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغان. ئىگىلىك يارىتىشقا كىتەرلىك مەبلەغنى تەييارلاش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزىنىڭ سائەت، ۋېلسىپىت قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى سېتىۋېتىپ، ئاخىرىدا 1000 يۈەن خەلق پۇلى توپلىغان. ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە ئۇلار بىرلىكتە «يېڭى سورتلارنى يىتىشتۈرۈش مەيدانى» قۇرغان،ئۇلار بۇ يەردە چۈجە ، بۆدۈنە بېقىش ۋە يېڭى كۆكتات سورتلىرىنى يىتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇلار بىرلىكتە ناھايىتى تىرىشىپتۇ. ئۇلار كەچ يېتىپ سەھەر تۇرۇپ ھەممە ئىشنى بىرلىكتە قىپتۇ: ئۇرۇقلاندۇرۇش ساندۇقى بولمىسا،ئۇلار يايمىغا بېرىپ تاشلىۋىتىلگەن ماتېرىيالنى تېپىپ، ئاندىن زاۋۇتتىن سايمان ئارىيەت ئېلىپ ئۆزلىرى قىپتۇ؛ زاۋۇت ئۆيى قۇرۇش ئۈچۈن، لىيۇ يوڭخاۋ بىر نەچچە دىھقان بۇرادەرلەرنى باشلاپ ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايغا بېرىپ خىش قويۇپتۇ؛ۋېلسىپىت بىلەن توخۇلارنى 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپتۇ...

بىر يىلدىن كىيىن، سورت يىتىشتۈرۈش مەيدانى 50 مىڭ دانە توخۇ، 10 مىڭ دانە بۆدۈنە يىتىشتۈرۈپ چىقىپتۇ، ھەمدە 11 كەسپىي ئائىلىنى يىتەكلەپتۇ.

ئىگىلىك يارىتىشنىڭ تەمىنى تېتىغان بۇرادەرلەر تېخىمۇ تىرىشىپتۇ، بىراق «ياخشى كۈننىڭ يامىنى بار» دىگەندەك، ئوزۇن ئۆتمەستىن ئۇلارنىڭ بېشىغا پالاكەت كەپتۇ.

1984 –يىلىنىڭ بىر كۈنى، زىياڭدىكى بىر كەسپىي ئائىلە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، بىردەمدىلا100 مىڭ دانە توخۇ چۈجىسى زاكاس قىپتۇ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر چوڭ سودا ئىدى.ناھايىتى خۇشاللانغان لىيو يوڭخاۋ بۇرادەرلىرى بىلەن دەرھال قەرز ئېلىپ 100 مىڭ دانە توخۇ تۇخۇمى سېتىۋاپتۇ. بىراق ئاكا – ئۇكىلارنىڭ ئويلاپ باقمىغان يېرى، 20 مىڭ دانە چۈجە چىقىرىلىپ بۇ خېرىدارغا تاپشۇرۇلغاندىن كىيىن، بۇ خېرىدار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. لىيو يوڭخاۋ بۇرادەرلىرى بىلەن بۇ خېرىدارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قەرزنى سۈيلىگەن ۋاقىتتا،خېرىدارنىڭ ئايالى قان – ياش يىغلاپ تۇرۇپ، ئائىلىسىدىكى بارلىق توخۇ فىرمىسى ۋە يېڭىلا سېتىۋېلىپ كەلگەن 20 مىڭ دانە چۈجە بىر مەيدان چوڭ ئوت ئاپىتىدە تۈگەشكەنلكىنى ئېيىتقان. ئۇلار ئاللىقاچان ۋەيران بولغان بولۇپ، قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى.

بۇ ئىش لىيۇ يوڭخاۋ ۋە ئۇنىڭ بۇرادەرلىرىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، سورت يىتىشتۈرۈش مەيدانىمۇ تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. گەرچە ئۇلار بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ بىرمەيدان خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقى ناھايىتى چوڭ زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇلار ئۇدا نەچچە ئاي خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپ،ھېچقانداق ئالغا ئىلگىرلىيەلمىگەن .

بۇ ھالقىلىق پەيىتتە، لىيو يوڭخاۋ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ مەغلۇبىيەتنىڭ تەجىرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپتۇ. ئۇ بۇنداق خەتەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن دەپ قاراپ، بۇ مەسىلىگە قارىتا، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە تىجارەتنى ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇرادەرلىرى بىردەك لىيۇيوڭخاۋنىڭ پىكىرىنى قوللاپ، ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى ۋە تىجارەتنى ياخشىلاشنى، بۇ ئارقىلىق كىيىنكى ھەرخىل مۇۋاپىق بولمىغان قارار ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىدىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىپتۇ.

ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، 1986 – يىلى لىيۇيوڭخاۋ ئاكا – ئۇكىلار پۈتۈن مەبلىغىنى بۆدۈنە يىتىشتۈرۈشكە ساپتۇ. شۇ يىلى 150 مىڭ دانە بۆدۈنە يىتىشتۈرۈپتۇ،ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە سېتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاسىيادىن ھالقىپ دۇنيا بازارلىرىغا يۈرۈش قىپتۇ. بۇ مەزگىلدە، لىيۇيوڭخاۋنىڭ ئىچكى قىسىمنى باشقۇرۇش قابىليىتىمۇ بارغانسىرى پىشىپتۇ.

كەسىپنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۆلەمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، لىيۇ ئاكا – ئۇكىلار «يېڭى سورت يىتىشتۈرۈش مەيدانى» نى «شىۋاڭ گورۇھى» غا ئۆزگەرتىپ، كەسىپ دائىرىسىنى توخۇ چۈجىسى يىتىشتۈرۈشتىن بۆدۈنە چۈجىسى يىتىشتۈرۈشكە كېڭەيتىپ، كىيىن يەنە يەم – خەشەك كەسپىگە كېڭەيتىپتۇ.كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،ئۇلار قايتا ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپتۇ.

لىيۇ يوڭخاۋ ئاكا – ئۇكىلار كارخانىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى يوچۇقلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلاپتۇ. كارخانىنى تەرەققىيات ئېقىمى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، لىيۇ يوڭخاۋ ئاكا – ئۇكىلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1992 – يىلى ۋە 1995 –يىلى ئەسلىدە بار بولغان باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ھەمدە مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھازىرقى زاماندىكى كۆلەملىك تىجارىتىنىمۇ ۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈشلەشتۈرۈپتۇ.

ئون نەچچە يىللىق كۆڭۈل قويۇپ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، لىيۇ يوڭخاۋ باشچىلىقىدىكى شىۋاڭ گورۇھى 20 دىن ئارتۇق تارماق شىركەتكە ئىگە بولغان، باقمىچىلىق، يىمەكلىك،ئېلېكتىر، ئۆي – مۈلۈك، قۇرۇلۇش قاتارلىق كەسىپلەرگە چېتىلغان، يىلدا بىر مىليون توننا يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار ۋە كورىيە،ئىسرائىليە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىپ، يىللىق تىجارەت سوممىسى 15مىلياردتىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى كارخانىغا ئايلانغان.

1999 –يىلى، ئامېرىكىنىڭ «فوربىس» ژورنىلى ئېلان قىلغان جۇڭگولۇق بايلارنىڭ تىزىملىكىدە لىيۇ يوڭخاۋ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، لىيۇ يوڭخاۋنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى شىۋاڭ گورۇھىنىڭ بايلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى بازار قىممىتى بۇيىچە ھېسابلىغاندا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

لىيۇ يوڭخاۋ ۋە بۇرادەرلەرنىڭ ئىگىلىك يارىتىش تارىخى بىزگە مۇنداق بىر قائىدىنى ئېيتىپ بېرىدۇ:بايلىق يارىتىش يولىدا پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش يىتەرلىك ئەمەس، يەنە ماھىرلىق بىلەن باشقۇرۇشنى بىلىش كېرەك.

لىيۇيوڭخاۋ ئاكا – ئۇكىلار ئىگىلىك يارىتىشنىڭ دەسلىپىدە پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنى بىلىپ،ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشقا سەل قارىغاچقا، سورت يىتىشتۈرۈش مەيدانىنىڭ گۇمران بولۇشقا يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئارقىدنلا لىيۇيوڭخاۋ مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ چىققان، ھەمدە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئارقىلىق كارخانا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان ناچار تەسىردىن قۇتۇلۇپ قالغان.ئۇنىڭدىن باشقا، تىرىشىپ تىجارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىيۇيوڭخاۋ ئاكا –ئۇكىلار يەنە جەمەت خاراكتېرلىك كارخانىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى يوچۇقلىرىغا قارىتا ئىسلاھات قىلىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، شىۋاڭ گورۇھىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تىزلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بايلىق خۇددى كەلكۈندەك يامراپ كېلىشكە باشلىغان.

تارىختىكى نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ ئىچىدە، لىيو يوڭخاۋغا ئوخشاش باشقۇرۇشقا ماھىر بايلار ئازئەمەس. بۇ يەردە، بىز بىرلىكتە 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا شاڭخەيدە ئۆتكەن يەھۇدىي ئۆي – مۈلۈك سودىگىرى ھارتىننىڭ بايلىق تارىخىنى كۆرۈپ باقايلى.

ھارتىن 1851– يىلى باغدادتا تۇغۇلغان، 5 ياش ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسىغا ئەگىشىپ ھىندىستاننىڭ بومبايغا كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، ئەنگىليە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

1872 – يىلى21 ياشلىق ھارتىن ئۆزى يالغۇز شاڭگاڭغا كەلگەن، ئارقىدىن شاڭخەيگە بارغان. ئەينى ۋاقىتتا ھارتىندا پۇلمۇ، تېخنىكىمۇ يوق بولۇپ، شاڭخەيدە ھېچنىمىسى يوق ئىدى.ھەممىلا يەردىن خىزمەت ئىزدىگەن ھارتىن ئاخىرىدا شاسۈن فېرمىسىدىن ئىشىككە قارايدىغان خىزمەت تاپقان. ھارتىن ناھايىتى تەستە تاپقان بۇ خىزمەتنى ئاسىراپ،ناھايىتى ياخشى قىلىشقا تىرىشقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھارتىن خىزمەتتىن سىرت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش، مالىيەگە ئائىت كىتابلارنى ئۆگىنىشنى باشلىغان. خوجايىن ھارتىننىڭ ناھايىتى تىرىشچان،ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى شىركەتنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى قىلغان.ھارتىن بۇ سەۋەبتىن تېخىمۇ تىرىشقان، ئۇ تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر، ئىشچان بولغاچقا،خىزمەتتىكى ئىپادىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئورنى ۋە مائاشىمۇ ئۆسۈپ بارغان.

خىزمەت جەريانىدا، ھارتىن ئاڭلىق ھالدا فېرمىدىكى تىجارەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەن،بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى كەسىپلەر بىلەن تونۇشۇپ، ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەردىن دوست تۇتقان.

1901 –يىلى، ھارتىن شاسۈن فېرمىسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغان «ھارتىن فېرمىسى» نى ئېچىپ،مەخسۇس چەتئەل ماللىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگودا چەتئەل ماللىرى ناھايىتى بازارلىق بولۇپ، ھارتىن بۇ سەۋەبتىن كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن، ھەمدە قىسقىغىنە نەچچە يىلدا نۇرغۇن پۇل تاپقان. ئارقىدىنلا، ھارتىن ئۆي – مۈلۈك كەسپىگەكىرگەن، ماھارەت بىلەن باشقۇرۇشنى بىلگەچكە، ئۇ ناھايىتى تىزلا شاڭخەيدىكى داڭلىق بايغا ئايلانغان.

ھارتىن ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى بىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاكتىپلىق بىلەن باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن، ھەمدە خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا باشقۇرۇشنىڭ كۈچىنى ھېس قىلغان. بۇلار ئۇنىڭ كىيىنكى مۇۋەپپەقىيىتى، زور بايلىققا ئېرىشىشى، داڭلىق ئۆي –مۈلۈك سودىگىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

ئەگەرھارتىن باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىپ، باشقۇرۇش بىلىملىرىنى، باشقۇرۇشما ھارەتلىرىنى ئۆگەنمىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆسۈپ ئىش ھەققىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭمۇ سودا مەيدانلىرىدا غەلبە قازىنىپ،ھەرقايسى ساھەلەردىن دوست تۇتۇشى، ئۆزى ئىگىلىك يارىتىپ خوجايىن بولۇشى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى باشقۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، باشقۇرۇش سەنئىتىنى بىلىش بايلار چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا، پەقەت باشقۇرۇش ئىلمىنى بىلگەندىلا ئاندىن ئوڭۇشلۇق ھالدا پۇل تاپقىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن،بايلاردىن بولۇشنى ئويلايدىغان دوستۇم، نېمىشقا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقاندا بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، باشقۇرۇش سەنئىتى بۇيىچە ئىش قىلمايسىز؟

بايلىقنىڭ بايانى:

ئىلگىرى ئىشلىرىدا نەتىجە قازانغان بىر باي كىيىنكى ئەۋلادلارغا تەربىيە بەرگەندە تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن: «ئەڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئاخىرىدا بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.» شۇنداق، پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىپ باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ بايلىق يولىدا غەلبىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار پەقەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار بايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، بايلىققا ئېرىشىشىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بايلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان دوستۇم،تىرىشىپ خىزمەت قىلىشتىن سىرت چوقۇم باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە دىققەت قىلىشىڭىز، بۇ ئارقىلىق باشقۇرۇش سەنئىتىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

********************************************

مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان

<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام

2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ