• 2010-11-06

    مېيىپ بەدەن - بىجىرىم روھ

    قانچىلىكىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلاردىن قاقشاپ-زارلايدىغانلىقىمىز نامەلۇم . بەزىلىرىمىز  تەقى-تۇرق ، ئائىلە كېلىپ چىقىش ، ئىقتىسادىي شارائىتىمىزدىن ،  بەزىلىرىمىز قىلىۋاتقان كەسىپ-خىزمەتلىرىمىزدىن  ئوخشىمىغان دەرىجىدە نارازىمىز . ئەمما   بىز ئېرىشىنى ئارزۇ قىلغان ئاشۇ تەقى-تۇرق ، ئىقتىسادىي شارائىت ، كەسىپ-خىزمەتلەرگە  ئىگە كىشىلەرمۇ  يەنە  باشقا كويلاردا قاقشاپ يۈرگەنلىكى خىيالىمىزغا  كېلەرمۇ ؟  يېزا-سەھرادىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، ھاللىق تۇرمۇش دەپ  شەھەرگە ئىنتىلىۋاتقان ۋاقىتتا  ، ئوخشاشلا  شەھەردىكىلەرنىڭ ئالدىراش  تۇرمۇش رېتىمى ، بولغانغان مۇھىت ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ، قىستا-قىستاڭدا  شەھەردىن بىزار  بولۇپ يېزا-سەھراغا  تەلپۈنىۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزغا   كېلەرمۇ ؟ بىز ئولتاساق-قوپساق ھەۋەس قىلىدىغان ئاشۇ  چەتئەللىكلەرمۇ  ، ئاشۇ  يۈكسەك  دەرىجىدە تەرەققىي  قىلغان ئاشۇ دۆلەت كىشىلىرىمۇ يا  ئۇ  ئىش يا  بۇ ئىش  بىلەن  شارائىتتىن ، دۇنيادىن  ئوخشاشلا  نارازى  بولىۋاتقان بولىدۇ . خۇددى دۇنيانى  نازازىلىق قاپلاپ كەتكەندەك . مەسىلە زادە نەدە ؟ ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى زادى قاندۇرغىلى  بولامدۇ-يوق ؟ مەسىلە زادى تەندىمۇ  ياكى روھتىمۇ ؟

    يۇقىرىدىكى كىشىنىڭ ئىسمى نىك (Nick Vujicic) ، تۇغما مېيىپ ، پۇت-قولى يوق .
    ئەمما ئۇ تۇرمۇشتا ئۆز  ھاجىتىدىن پۈتۈنلەي ئۆزى  چىقىلايدۇ .
    نىك گولف توپى ئويناۋاتىدۇ .
     نىك ئېغىزى  بىلەن خەت يېزىۋاتىدۇ .
    نىك    كىچىككىنە  پۇتى  بىلەن  مىنۇتىغا  60 تال خەت  باسالايدۇ .
    نىك  شەخسىي كارخانا ، مەكتەپ ۋە شىركەتلەرنىڭ  تەكلىپى  بىلەن  دۇنيانىڭ  ھەممە   يەرلىرىگە  بېرىپ  نۇتۇق سۆزلىمەكتە .
    بەش  ئەزايىمىز   بىجىرىم  قانچىلىك  كىشىلىرىمىز  پۇت-قولى  يوق نىكتەك ئىشلارنى  قىلالىش ئەمەس ، قىلىشنى ئويلاپ باقتۇق ؟

    تۆۋەندىكىسى بىر نۇتۇقىنىڭ تەپسىلاتى :

     

     

    ئۇنىڭ شەخسىي توربېتى :

     http://www.lifewithoutlimbs.org/

     http://www.attitudeisaltitude.com/

    نىكنىڭ بەيدۇدىكى تەرجىمھالى :

    http://baike.baidu.com/view/2098262.htm 


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • menbeni eskertishni untup qapsizhe ?
    http://www.bektur.com/a/learn/speech/2010/1020/173.html
  • ئۇيغۇرلار بلوگى ئەپەندىم ئۇلىنىش قىلىشمامدۇق http://filer.blogbus.com/4822854/resource_4822854_1289105525n.gif
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم، ئۆز ئارا ئۇلىنىش قىلىشساق قانداق...
    http://siraj.blogbus.com
    http://filer.blogbus.com/5009156/resource_5009156_1288062490u.gif
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق