ھەممىگە مەل، Google شىركىتى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى، بۇ شىركەتئۆزىنىڭ تېجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ئۆزى بىلەن ئوخشاش كەسىپتىكى تور شىركەتلىرىنى سېتىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ تېجارەت دائېرىسىنى كېڭەيىتمەكتە، ھەم باشقا چوڭ يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەكتە.
ياۋروپادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار 11- ئاينىڭ 13- كۈنى Google شىركىتىنىڭ ئۈچ مېلىيارد 100 مېلىيون يۈەن ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن تور ئېلانى شىركىتى DoubleClick نى سېتىۋىلىشىنى رەت قىلدى، سودا رىقابەتچىسى، نەشېرىيات ئورگانلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ئاستىدا، بۇ سودىنى قايتىدىن بېكىتىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ مونوپوللىققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ياۋروپا ئورگىنى، بۇ قېتىمقى سودا بازار رىقابىتىدە نۇرغۇن غەم- ئەندىشىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ تور ئېلانچىلىق كەسپىگە كەلتۈرىدىغان تەسىرىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ چىقمىساق بولمايدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
بۇ ئىش ئىزدەش ماتورى شىركەتلىرىنىڭ سەركىسى بولغان Google شىركىتىنىڭ 9 يىلدىن بۇيانقى دۇچ كەلگەن بىر قېتىملىق چوڭ رىقابەت، Google شىركىتى ئاساسلىق ئىزدەش نەتىجىسى چىقىرىش بېتىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ قويغان ئېلانى ۋە ئېلان سېتىش ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ، لىكىن شەخسى پاي چەك كونتىروللىقىدىكى كارخانا بولغان DoubleClick ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ بەت يۈزىدىكى ئېلان ئورنىنى سېتىش ۋە ئانالىز مەلۇماتلىرىنى سېتىشقا تايىنىپ پۇل تاپىدۇ.
Google شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېرىك. شىمىس بۇ ئىش ئۈچۈن ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ناھايىتى ئۈمىتسىزلەندۇق» دىدى. ئۇ يەنە بىز مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ يەنە: «بىز بۇ ئىشنىڭ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپ، Microsoft, Yahoo, AOL قاتارلىقلار بىلەن رېقابەتلىشىش جەريانىدا پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقنى ئۈمۈت قىلىمىز» دىدى.
يۇقارقى شىركەتلەردىن باشقا يەنە فىرانسىيىنىڭ Publicis قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېلان شىركەتلىرىمۇ نەچچە يىلدىن بۇيان تور ئېلانى شىركەتلىرىنى سېتىۋىلىش قەدىمىنى تېزلەتتى. يەنە Microsoft شىركىتى رىقابەتلىشىپ سېتىۋىلىش داۋامىدا DoubleClick شىركىتىنى سېتىۋالالمىغان بولسىمۇ، بۇيىل 8- ئايدا 6 مېلىيارد دوللارلىق باھا بىلەن aQuantive شىركىتىنى سېتىۋالدى.
شۇنداق بولسىمۇ، بۇ رىقابەتچىلەر تور ئېلانى جەھەتتە Google دىن خېلىلا ئارقىدا. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، Google شىركىتى %70-%80 ھەقلىق ئىزلەش ئېلانلىرىنى كونتىرول قىلىۋالغان بولۇپ، رىقابەتچىلىرى DoubleClick شىركىتىنى سېتىۋالسا ئۇلارنىڭ سۈرەتلىك ئېلان ساھەسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ناھايىتى چوڭقۇر بولغان بازار تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، تەكشۈرۈش ۋاقتى كېلەر يىلى 3- ئايغىچە سوزۇلىدىكەن. خۇلاسىسى كېلەر يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى يەنى Google شىركىتى DoubleClick نى سېتىۋىلىشنى ئېلان قىلغانلىقىغا نەخ بىر يىل بولغان كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، بازار رىقابىتىگە بولغان تەسىرىگە ئاساسەن نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.