• 2008-04-29

    نۆۋەتتە جوڭگۇدا ئەڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان ئون كەسپ - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    <<دۇنيا دىرىكتورلار ئستاستىكىسى>>ژۇرنىلى يىقىندا بىر ماقالە ئىلان قىلىپ،مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۇنىۋىرسال كەسپلەر بويىچە خادىم قوبۇل قىلىش ،خىزمەت تونۇشتۇرۇش تور بپونكىتلىرى ،مۇناسىۋەتلىك مەلۇم تور بەتنىڭ ئوتتۇرا تەبىقە بويلاپ ئنچىكە تەكشۇرۇشى ۋە جوڭگۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئىشىش ئومۇمى ۋەزىيتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ،مۇتەخەسسىلەرنى كەلگۇسى تۆت يىلدىن كىيىن جوڭگۇنىڭ كەسىپ ساھەسىدىكى ئاساسى يۇزلىنش ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلغان:مەزكۇر ئون تۇرلۇك ئاق ياقىلىقلار خىزمىتى تۆۋەندىكىدەك
    1-نەق مەيدان تەرجىمىسى : يىللىق مۇئاشى كەم بولغاندا 400 مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدانەق مەيدان تەرجىمانلىرى <<21-ئەسىردىكى>>ھىسابلانماقتا.مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىلەرنىڭ بىلدۇرۇشىچە:<<مەزكۇر كەسىپنىڭ ئش ھەققى يىللىق ياكى ئايلىق ئەمەس بەلكى سائەتلىك ۋە مىنۇتلۇق ھسابلىنىدۇ،سائىتىگە 4000يۇۋەندىن 8000يۋەنگىچە ئش ھەققى تاپالىشى كۆپ ئۇچرايدىغان سودا قائىدسى بولۇپ قالدى>>.<<تۆت يىلدىن كىيىن جوڭگۇغا ۋە بىيجىڭغا كىلىدىغان چەتئەل سودا پۇرسەتلىرى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتىدۇ.مەزكۇر ساھە خادىملىرى قىس بولسا بولىدۇكى ھەرگىز كەم بولمايدۇ.پايدا تاپسا تاپىدۇكى ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ.>>
    (ئۇيغۇر قىرىنداشلاردىن مۇشۇ بىر نەچچە يىللاردىن بىر تىل ئۆگىنىشكە ئاتلىنىپ مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىغانلار خىلى بارمۇ بولدى. سودا دىڭىزىدا بىلىق تۇتۇش ماھارىتىنى سىناش ،تەرەققى قىلدۇرۇش،جان بىقىش ئاساسىنى پۇختىلاش پۇرسىتىمۇ كەلدى.شۇڭا قايسى خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگەنگەن بولۇشىدىن قەتئينەزەر خەنزۇ تىلى سەۋىيسىنى پۇختىلاپ بۇ ساھەگە يۇرۇش قىلسا چوقۇم زىيان تارتمايدۇ.تەھلىلچى ئەلبىدار)
    2-3گى تىخنىكا خادىملىرىيىللىق مۇئاشى 150مىڭدىن 200مىڭ يۇەنگىچە:تەكشۇرۇشكە قارىغاندا دۆلەت ئىچىدە 3 گى تىخنىكا خادىملىرنىڭ كەملىكى 500مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.ھازىر سىمىز قىممەت ئارتىش مۇلازىمەت ساھەسىدىكى 2.5گى تىخنىكىسىنى پششىق بىلىدىغان خادىملارنىڭ يىللىق مۇئاشى 100مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا بولۇپ ،4 يىلدىن كىيىن 3گ تىخنىكىسىگە يۇزلىنىش كۇچەيگەندە تىخنىڭ خادىملارنىڭ مۇئاشى يۇقىرى بولۇشى تەبئى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
    3-تور مۇھىتى ئختىساس ئىگىلىرىيىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۇۋەندىن 200مىڭ يۇۋەنگىچە.ھازىر سوخو بىلەن شىنلاڭ تورى ئادەتتىكى تور ئۇچۇرى تەھرىر خادىملىرىنىڭ ئايلىق مۇئاشى 5000 يۋەن بولۇپ،ئوتتۇرا سەۋىيدىكىلىرىنىڭ 1000يۋەن ئەتراپىدا.4 يىلدىن كىيىن ئاز بولغاندا يىللىق مۇئاشى 120مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
    4 -ئۆي جاھازىلىرى لايىھىلىگۇچىلىرى:يىللىق مۇئاشى 100مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا.بۇ ساھەدە كەمچىل ئىقتىساسلىق خادىملار 6 مىلىيۇن ئەتراپىدا.دىپلوم بار ،تەجرىبىدىن ئۆتكەن خادىملار تىخىمۇ كەمچىل ئىكەن
    5 -سىستىما توپلاشتۇرۇلما قۇرۇلۇشى ئىنژىنىرىيىللىق مۇئاشى 100-200مىڭغىچە.
    6-مۇھىت قۇرۇلۇشى يىللىق مۇئاشى 100مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا.جوڭگۇدا ھازىر 130مىڭ مۇھىت ئىنژىنىرى بار بولۇپ،خەلىقئارا ئۆلچەم بويىچە يەنە 42 مىڭ خادىم كەم ئىكەن.
    7-ئنچىكە ھسابلاش خادىمى يىللىق مۇئاشى 100مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا:خەلىقئارا دا جوڭگۇنى <<بىرەر مۇ تۇتامغا چىققۇدەك ئىستىراخۇۋانىيە مەخسۇس ئىنچىكەھسىابلاش خادىمى يوق دۆلەت >>دەپ قارايدۇ.دۆلىتىمىزدىكى 40 نەپەر ئنچىكە ھىسابلاش خادىمى ھازىرغا قەدەر ئەتىۋارلىق ئەنگۇشتەر بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.سىزدە ئۇلارغا ئوخشاش ئىزچىل ۋە ئىنچىكە خاراكتىر بىلەن ئىش بىجىرش روھى ۋە كەسپى ئىقتىدار بارمۇ؟
    8-دورىگەر ياكى جوڭگۇچە تىبابەت مۇتەخەسسىلىرى:60مىڭ يۇۋەندىن 80يۇۋەنگىچە:
    9-تىزىمغا ئىلىش بوغالىتىرى؛دۆلەت ئالاھىدە ئىتىياجلىق خادىملار.بوغالتىرلارنىڭ نۆۋەتتىكى مۇئاشى ھۆكۇمەت خادىملىرىنىڭ كۆز قىززارتىدىغان بىر قىززىىق نۇقتا بوپقالدى .
    10.سودا دەللاللىرى ياكى سودا ھۆددىگەرلىرى100مىڭ يۇۋەن ئەتراپىدا.
    كەسپى يىقىن كىلىدىغان دوسىتلارنىڭ كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يۇقىرى تەمىناتلىق مۇئاشلىقلار سىپىدىن ئورۇن ئىلىپ ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسنىڭ ماددى تۇرمۇشىغا ئازراق بولسىمۇ يىڭى ۋە ياخشى بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.مەنبەسى :خەلقئارا ئىقتىسات مۇنبىرى رايون ئىقتىسادى تەھلىلى بۆلۇمى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق