-
2010-12-18
پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى ۋە ئائىت نۇت
پەرزەنىتلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى تەربىيلەش توغرىسىدا تۈرلۈك گېزىت-ژورناللاردا، ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرىدە ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ھەر خىل مۇنازىرە ھەم مۇلاھىزىلەر بايان قىلىندى . بۇ ھەقتە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرپ قىلىۋاتقان ھەر ساھادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تاغا-ھەدىلىرىمىز ، شائىر-يازغۇچى ئەدىپلىرىمىز ۋە پېشقەدەم جامائەت ئەرباپلىرىمىز ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاپالىق ئىجادىي ئەمگەك مېۋىسىنى خەلقىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەقدىم ئەتتى مەن مۇشۇ تېمام ئارقىلىق مۇنبەر يۈزىدە ئۇلارغا بولغان چۇڭقۇر ھۆرمىتىمنى ۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۇرىمەن
مەن ئويلاپ باقسام ،بىز كۆپ ۋاقتىمىزنى ئۇخلاش، خىزمەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئۈگىنىش، تاماق يىيىش، بازاردىن كيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋېلىش، سەپەرگە ياكى ساياھەتكە چىقىش، تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش دىگەندەك ئىشلارغا سەرپ قىلىدىكەنمىز .( يۇقىرىدا مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سەۋەپلەر نورمال بىر ئادەمدە كەم بولسا بولمايدۇ- ئەلۋەتتە !) بىراق ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز ئىنتايىن ئاز ئىكەن .
ھەر بىر ئاتا-ئانا پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق، ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇپ ئاتا-ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى بەخىتلىك ئۆتكۈزىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ . ھەمدە پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئويلىنىدۇ .
ئەمما پەرزەنتلەرنى قانداق قىلغاندا توغرا بىر ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن مۈكەممەل ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ ؟- دىگەن نۇقتىنەزەر ھەققىدە باش قاتتۇرىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس .
《ھەر كاللىدا ھەر خىيال》دىگەندەك ، مەنمۇ بىر دادا بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيلەش ھەققىدە ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىغا سۇنماقچى .تورداشلارنىڭ بۇ مۇلاھىزىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ۋە بۇ تېمامغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ مىجەز-خاراكتىرى،تۇرمۇش ئادىتى،دۇنيا قارىشى ۋە مەسلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ.چۈنكى ئۇلار ئوخشىمىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان،تەربىيىلىنىش دەرىجىسى ۋە ئەتراپتىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرىگە،تۇرمۇش ئادىتىگە ھەمدە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .
پەرزەنت تەربىيلەشتىكى ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋە جەمئىيەت تەربىيسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇلنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلىدۇ . مېنىڭ بىلىشىمچە نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار مەكتەپ تەربىيىسىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ .
بىزنىڭ جۇڭگۇدا ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىدىغان بىر ئەنئەنە بار . مەن بۇ ئەنئەنىنى ئانچە ياقتۇرمايمەن . كىمنىڭ توغرا بولسا شۇنى قوللايمەن . گەرچە قانچە ئاز سانلىق بولسىمۇ ھېمايە قىلىمەن. چۈنكى 《ھەقىقەت ئېگىلىدۇ،سۇنمايدۇ》
مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق مەكتەپ تەربىيىسىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن . ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۆز ئۆيىدە مەكتەپتە ئۆتىلىدىغان ھەر خىل تەبىئى پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس . مەكتەپ تەربىيسىمۇ يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل تەربىيىنىڭ ئىچىدە كەم بولسا بولمايدۇ . ئەمما ئەڭ مۇھىم ئەمەس .
مېنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى نۇقتىنەزىرىم – بالىغا ئائىلە تەربىيىسى ھەممىدىن مۇھىم ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىسا، ئەڭ ياخشى مائارىپچىلارنىڭ تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىمۇ تايىنلىق بولىدۇ . مەن مېنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىمنى قوللانغانلارنىڭ ھەممىسى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ – دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن . ئەمما ئىشىنىمەنكى مەيلى كىم بولسۇن، مېنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىمنى قوللانسا چۇقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ
كارىل ۋېتىرنىڭ 《پەرزەنت تەربىيلەش دەستۇرى 》دىگەن كىتابىدا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار. قەدىمقى پىداگوك ۋە مائارىپ تەربىيىچىلىرى مۇنداق قارايدۇ :
بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى تەربىيە بولماستىن،بەلكى تۇغما تالانتتۇر . مائارىپچىلار قانچىلىك كۈچەپ ئوقۇتقىنى بىلەن ئۇنىڭ رولى چەكلىك بولىدۇ . كارىل ۋېتىرنىڭ كۆز قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان. ئۇ مۇنداق قارىغان
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى تۇغما تالانت بولماستىن،بەلكى تەربىيىدۇر. بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تالانتلىق ياكى قابىلىيەتسىز بولۇپ چىقىشىنى ئۇلارنىڭ تۇغما تالانتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى بەلگىلىمەستىن، تۇغۇلغاندىن تارتىپ 6-5 ياشقا كىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئالغان تەربىيە بەلگىلەيدۇ . تۇغما تالانتى ئادەتتىكىچە بولغان بالىلارنىمۇ ياخشى ئۇسۇل بىلەن تەربىيلىسە ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇپ چىقالايدۇ .
ئەگەر تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ شەخىسلەر ۋە تالانتلىقلارغا يەنىمۇ دانا بولغان مائارىپ تەربىيىسى بېرىلگەن بولسا، ئۇلار چۇقۇم تېخىمۇ ئۇلۇغ،تېخىمۇ ساغلام،تېخىمۇ كەڭ قورساق،تېخىمۇ داڭلىق،تېخىمۇ دانىشمەن،تېخىمۇ ھەققانىيەتچى،تېخىمۇ بىلىملىك،تېخىمۇ كەمتەر ۋە تېخىمۇ قەتئى ئىرادىلىك بولغان بولاتتى. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيىتقاندا تېخىمۇ مۈكەممەل،كامالەتكە يەتكەن ئۇلۇغ ھەم تالانتلىق ئادەم بولۇپ چىقالايىتتى . شۇڭلاشقا بالىلارنى ئەقىل نۇرى ئېچىلغاندىن باشلاپلا تەربىيلەش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياراملىق ئادەملەرنى تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ-دەپ قارىغان .
دېمەك: تەربىيىگە بالدۇر تۇتۇش قىلىش، بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپلا كىرىشىش لازىم .بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ياشقىچە كىرگىچە چوڭ مېڭىسىنىڭ شەيئىلەرنى كۈزىتىپ قۇبۇل قىلىش ئۇسۇلى كېيىنكى مەزگىلدىكىگە ئوخشىمايدۇ . يەنى ئۇلار شەيئىلەرنىڭ بەلگىلىرىنى تەھلىل قىلىپ ئەمەس،بەلكى قايتا-قايتا كۈزىتىپ ئەستە قالدۇرىدۇ . پۈتكۈل بىر شەيئىنىڭ ئوبرازى ئۆز ئەينى بويىچە بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تامغا خارەكتىرىدە ئورناپ كېتىدۇ .
يېشى ئۈچكە تولمىغان بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەربىيە 《ئەندىزە تەربىيىسىدۇر》
بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئاق قەغەز ھالىتىدە بولغاچقا،چوڭلار نىمىنى ئۈگەتسە شۇ بويىچە ئۈگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇددى چوڭلارغا ئوخشاش تەھلىل يۈرگۈزىشى ۋە ھۆكۈم چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئۇلاردا چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈش قابىلىيىتىنىڭ بولىشى ھاجەتسىز . ئەگەر سىز ئۆزىڭىز توغرا ياكى خاتا دەپ قارىغان ئەندىزىنى بالىنىڭ تېخى ئۆز ئالدىغا ياخشى بىلەن ياماننى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان چوڭ مېڭىسىگە دائىم جانلىق ھالدا تەكرار-تەكرار قۇيۇپ تۇرمىسىڭىز ، ئۇ سىرىتقى دۇنيادىكى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئۆزى بىلگەنچە قۇبۇل قىلىۋېرىپ ياخشى بىلەن ياماننى،راست-بىلەن يالغاننى،ھەق بىلەن ناھەقنى ۋە ياكى گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرىق قىلالماي ئارىلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا مەلۇم بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالغان تەربىيىسى مەزكۇر بالىنىڭ تەربىيلىنىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . شۇڭلاشقا مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ئەندىزە مەزگىلىدە ئالغان تەربىيە ئادەمنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ . مۇشۇ مەزگىلدە بىر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي مىجەز-خارەكتىرى شەكىللەنگەن بولىدۇ.
تەربىيىدىن مەقسەت ھەممە جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت . جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققى قىلغان ئادەملەر مۈكەممەل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ ھەم كېيىنكى ھاياتى بەخىتلىك بولىدۇ . بىرەر ئىش ياكى شەيئىگە قىزىقمايدىغان،بىلىمسىز،قارا قورساق ، ئۈگىنىشنى خالىمايدىغان ئادەملەر كېرەكسىز ئادەملەردۇر . ئۇنداق ئادەملەر ئاخىرىدا جەمىيەتكە يۈك بولۇپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن .
تەربىيلەشتە بالىلارنىڭ شەيئىلەرنى كۈزىتىش،تەپەككۈر قىلىش ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنداقلا يەنە ئۇلاردا ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە ھېسيات يېتىلدۈرۈپ،ئۇلارنى ياخشى بىلەن ياماننى،ئاق بىلەن قارىنى، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى ھەمدە مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش لازىم. بەزى ئاتالمىش ئالىملار ھاكاۋۇر،مەنمەنچى باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان ئادەملەردۇر. ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ كەسپىنىلا بىلىدۇ، باشقا ساھەلەردىكى بىلىملەردىن ئانچە خەۋەرسىز.نەزەر دائىرىسى تار بولۇپ، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇق بىلىمى بارلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن مەيلى كىم بولسۇن، مەيلى قەيەرگە بارسۇن سورۇننىڭ كەيپىياتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتىئىنەزەر ، كىشىلەر ياقتۇرسۇن ياقتۇرمىسۇن دائىم ئۆزىنىڭ كەسپى ئۈستىدە گەپ ساتىدۇ.ئاتا-ئانىسى ياخشى تەربىيلىگەن بالىلار كىچىگىدىنلا غەرەز ئۇقىدىغان بولغاچقا ۋە ئەتراپىدىكى شەيئى-ھادىسىلەرگە نىسبەتەن مۇستەقىل ھەم مۇكەممەل توغرا قاراشقا ئىگە بولغاچقا ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىدىتلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنداق بالىلار باشقا بالىلار ئۇقمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇقىدىغان بولغاچقا باشقا بالىلار بۇ بالىلار بىلەن ئويناشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ . باشقا بالىلار بىلىم جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتىشەلمىسىمۇ لېكىن ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بۇنداق بالىلار باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئوينىغاندا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان، باشقا بالىلارنى كەمسىتىدىغان ياكى ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي بۆزەك قىلىدىغان قىلىقلارنى قىلمايدۇ . باشقا بالىلار ئەسكىلىك قىلىپ ئورۇنسىز جېدەل-ماجرا تېرىسىمۇ ھەرگىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايدۇ ھەم بۇنداق ئىشلارنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
تەربىيىدە قاتتىق بولۇش بىلەن بىرگە ئىستىبىداتلىقتىن ساقلىنىش لازىم . ئىستىبىداتلىق دىگىنىمىز – بالىنى قارىغۇلارچە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاش دىگەنلىكتۇر . مەن مۇستەبىتلىككە،ئىستىبىداتلىققا قەتىئى قارشى . مەيلى تەربىيە ئۇسۇلى جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن قائىدە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىمەن .
تەربىيىنىڭ مۇھىملىقى-بالىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى قايمۇقتۇرماسلىق ۋە بالىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا بالىنى تەنقىت قىلغاندا ھەرگىز بالىنى نىمە ئۈچۈن تەنقىت ئىشىتكەنلىگىنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويماسلىق لازىم . بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ خاتالىشىپ بالىنى خاتا تەنقىت قىلىپ قويۇشىدىنمۇ يامان ئىش يوق . مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا تەنبىھ بېرىشى ۋە بالىسىنى مەلۇم ئىش-ھەركەتتىن توسۇشى توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، بالىغا نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەسلىكمۇ ياخشى ئەمەس. مەن ئاق-قارىنى ئايرىمايلا بالىلىرىنى ئەيىپلەيدىغان ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش ئىش قىلماي، بەلكى تىرىشىپ پاكىتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بالىنى خاتا تەنقىت قىلىشتىن ساقلىنىمەن . بالىنى ئەيىپلىگەن ياكى ئۇنىڭ بىرەر ئىش قىلىشىنى چەكلىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىمەن . مۇبادا بالا نورمال ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالسا ئۇنداقتا ئۇ ئۆمۈر بويى شەيئىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا توغرا ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان يارامسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ئەتراپىمىزدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ باقساق بالىلارنى مەجبۇرلاش ۋە گەپ قىلىشىغا يول قويماسلىق ئەھۋالى ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت . بەزى ئاتا-ئانىلار تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى باھانە قىلىپ بالىلىرىنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرىنىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرىدۇ، بالا تېخى كىچىك دەپ يامان سۆز ،يامان ئىشلاردىن توسىمايدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئىنتايىن يامان بولىدۇ پايدىلانغان ماتىرياللار : كارىل ۋېتىر 《پەرزەنىت تەربىيلەش دەستۇرىپەرزەنت تەربىيىسى ۋە پىسخىلوگىيىگە ئائىت نۇتۇقلا.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.divshare.com/download/13308227-b48
پەرزەنت تەربىيىسى ۋە پىسخىلوگىيىگە ئائىت نۇتۇقلار.
چئۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.divshare.com/download/13308222-94e
收藏到:Del.icio.us
评论
ئېغىر كۆرمەي تەمىنلىسىڭىز .