• 2008-04-17

    بىلىۋېلىڭ-قاتتىق دىسكا تاللاش - [كومپىيوتىر بىلىملىرى]

    بەزى تونۇشلىرىم مەندىن قاتتىق دىسكا سېتىۋالغاندا 并口 (يانداش ئېغىزلىق ، ئىنگىلىزچە قىسقارتىلىپ  IDE  ئېغىزلىق ياكى ATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا دىيىلىدۇ )لىق قاتتىق دسىكا ياخشىمۇ ياكى 串口 (ئارقىمۇ-ئارقا ئېغىزلىق، ئىنگىلىزچە قىسقارتىلىپ  SATA ئېغىزلىق ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا دىيىلىدۇ ) لىق قاتتىق دسىكا ياخشىمۇ دەپ سورىغان ئىدى. بۈگۈن شۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسەم.
    قاتتىق دىسكا ئادەتتە IDE , SATA , SCSI ، ۋە ئوپتىك تالايولى دىن ئىبارەت تۆت ئېغىز ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ.  ئوخشاش بولمىغان ئۇلاش ئېغىزى كومپىيۇتېر بىلەن قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ. IDE , SATA  ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ئادەتتە ئائىلە كومپىيۇتېرلىرى ۋە ئادەتتىكى مۇلازىمىتېرغا ئىشلىتىلىدۇ، SCSI ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا مەخسۇس مۇلازىمىتېرلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئوپتىك تالايولى  ئېغىزى ئالاھىدە مۇلازىمىتېرغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ باھاسى ئىنتايىن قىممەت. دۆلەتنىڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئورۇنلىرى مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ. تۆۋەندە يۇقارقى تۆت خىل ئېغىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

    1. IDE  ياكى ATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا
    بۇ خىل ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ئەڭ كۆپ ئوموملاشقان بولۇپ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى "Integrated Drive Electronics" . بولۇپ قاتتىق دىسكا كونتروللىغۇچ بىلەن دىسكا بىرلەشتۈرۈلگەن قاتتىق دىسكىلىق قوزغاتقۇچ. شۇڭا بۇخىل ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇش، سۈپىتى ياخشى بولۇش ۋە باھاسى ئەرزان بولۇش بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئىلىشىغا ئىرىشكەن.

    2. SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا
    بۇ خىل ئېغىزلىق قاتتىق دسكىنىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Serial ATA  بولۇپ ، شەخىسلەر ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېر (PC)  لارغا  ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مودا ئېقىمدىكى قاتتىق دىسكا. بۇ خىل دىسكىنىڭ بازارغا سىلىنغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. بۇ خىل قاتتىق دىسكا IDE  ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بارلىق مەشغۇلاتنى ئۇلاش ئېغىزىدىكى تۆت تال يىڭنە تاماملىيالايدۇ. بىرىنجى يىڭنە سانلىق مەلۇمات تارقىتىدۇ، ئىككىنجى يىڭنە سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىدۇ، ئۈچىنجى يىڭنە قاتتىق دىسكىغا توك تەمىنلەيدۇ، تۆتىنجى يىڭنە يەر سىمىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇلاش ئېغىزىغا تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇللاش ئىقتېدارى كۈچلۈك، توك سەرپىياتى تۆۋەن، ئايلىنىش داۋامىدا قاتتىق دىسكا ئاسان قېزىپ كەتمەيدۇ. ئادەتتىكى IDE  ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى  200MB/s (سىكونت\ مىگابايىت) بولۇپ، نۆۋەتتىكى SATA ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى  600MB/s (سىكونت\ مىگابايىت) ئەتىراپىدا.  بۇ خىل ئېغىزلىق  قاتتىق دىسكا ھازىرقى يىڭىدىن چىققان ئانا تاختا 主板 نى قوللايدىغان بولۇپ، بۇرۇنقى كومپىيۇتېرلارغا ماس كەلمەيدۇ. باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، سۈرئىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بارا-بارا  IDE ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئورنىنى ئالماقتا.

    3. SCSI ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا
    بۇ خىل ئېغىزنىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Small Computer System Interface بولۇپ ( ئۇيغۇرچە كىچىك تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنا سىستېمىسى ئېغىزى دىيىلىدۇ)  IDE ئېغىز بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. IDE ئېغىز بولسا PC لارنىڭ ئۆلچەملىك ئۇلاش ئېغىزى، لىكىن SCSI ئېغىز مەخسۇس قاتتىق دىسكا ئۈچۈنلا لاھىيلەنگەن ئېغىز ئەمەس بولۇپ، كىچىك تىپتىكى مۇلازىمىتېرلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىغا قوللىنىلىدۇ. SCSI ئېغىز ئىشلىتىش ئورنى كەڭرى بولۇش، كۆپ يۈكلىمىلىك بولۇش، دولقۇن كەڭلىكى چوڭ بولۇش، CPU نى ئىگىلەش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش ۋە ئىسسىق ھالەتتە (خىزمەت ھالىتىدە) ئىلىپ-سىلىشقابولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. لىكىن، باھاسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش سەۋەبى بىلەن ئالىي مۇلازىمىتېر ۋە ئالىي ئۇچۇر خىزمەت پونكىتىدىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    4. ئوپتىك تالايوللۇق ئىغىز
    بۇ خىل ئېغىز نىڭ ئىنگىلىزچەتولۇق ئاتىلىشى Fibre Channel بولۇپ، ئۇمۇ SCSI ئېغىزغا ئوخشاش مەخسۇس قاتتىق دىسكا ئۈچۈنلا لاھىيلەنگەن ئېغىز ئەمەس بولۇپ، مەخسۇس تور سىستېمىسىغا لاھىيلەنگەن . بىراق، ساقلاش-ئوقۇش سۈرئىتىگە بولغان تەلەپنىڭ كۈنسىرى ئىشىشىغا ئەگىشىپ قاتتىق دىسكا سىستېمىسىغىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. ئوپتىك تالا يوللۇق قاتتىق دىسكىنىڭ مەيدانغا كىلىشى قاتتىق دىسكىنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتىنى غايەت زور يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئوپتىك تالا يوللۇق قاتتىق دىسكا مۇلازىمىتېرغا ئوخشاش كۆپ قاتتىق دىسكىلىق مەشغۇلات مۇھىتى ئۈچۈن لاھىيلەنگەن بولۇپ، ئالىي خىزمەت پونكىتى، ئالىي مۇلازىمىتېر، غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تورى، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئالاقەقىلىش ياكى كۆپ يوللۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئالاقە قاتارلىقلارنىڭ ئىھتىياجىدىن تامامەن چىقالايدۇ. شۇغىنىسى بۇخىل قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى ھەددىن زىيادە قىممەت بولۇپ، ئائىلىدە ياكى ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.

    يۇقارقى چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ماس كىلىدىغان قاتتىق دىسكىنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

    http://www.xjmaarip.com/read.php?tid=1336


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق