ە1- جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى


ە 3-ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ "غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى"دا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى
ە2007 -يىلى 6 - ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئېچىلغان خەلقئارا غول ھۈجەيرە تەتقىقات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ پارتلاتقۇچ خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى. 2007 - يىلى 14 - نويابىر كۈنى CNN ،BBC ، "بىرلەشمە خەۋەرلەر" "نېۋ يورك ۋاقتى"، "ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى " قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قايتىدىن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى توغرىلىق ئوبزورچى ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنياغا كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشتى. 2007 - يىلى 22 - نويابىر كۈنى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال "تەبىئەت" ژورنىلىدا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىرىنچى قېتىم ئىلمى ماقالە سۈپىتىدە تولۇق ئېلان قىلىنىپ سۈت ئەمگۈچىلەر تىپىدىكى ھايۋانلاردىن غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشكە بىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ ژۇرنالنىڭ تاش مۇقاۋىسىغا شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ رەسىمى بېرىلدى. 12 -ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكىدىن چىقىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق "دەۋر" ھەپتىلىك ژۇرنىلى 2007 - يىلدىكى دۇنيادىكى 10 چوڭ پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى باھالاپ چىقىپ ياپۇنىيە كىيوتۇ ئۇنۋېرسىتىدىكى Shinya Yamanaka ۋە ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنۋېرستىدىكى James Thomson نىڭ ئادەم تىرە ھۈجەيرىسىنى قايتا پروگراممىلاپ ئۇنى غول ھۈجەيرىگە ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقى خەۋىرى بىلەن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرگىلى بىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى بىرىنچى ئورۇنغا تىزدى. بۇ خەۋەرگە بىرىلگەن قىستۇرما رەسىمدە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ خەۋىرىدە ئىشلىتىلگەن مايمۇننىڭ سۈرىتى ئىشلىتىلدى. ھەمدە تولۇقلىما بېرىپ پرىماتلار تىپىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان تەتقىقاتچىنىڭ ئامېرىكا سىئاتىلدىن ئەمەس بەلكى ئورېگۇن شىتاتى پورتلەند شەھىرىدىكى ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ( خەۋەر دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندا بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى شۆھرەت مۇتەللىپنى سىئاتىلدىن دەپ خەۋەر قىلغان)
باھا سۆزى:ئەسلى يۇرتى قازاقىستان،تەۋەلىكى ئامېرىكا،مىللىتى ئۇيغۇر بولغان ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارلانغاندىن كىيىن،سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن ئېلىنغان "غول ھۈجەيرە"تەتقىقاتىدىكى ئالەم شۇمۇل نەتىجىنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن پۈتۈپ چىققانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ چىرايىدىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.چۈشكۈنلۈككە پاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر پۇشتىنىڭ مەركىزى نېرۋىسىنى بىر قېتىم قاتتىق غىدىقلىدى.

خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا: http://www.time.com/time/specials/2007/top10/article/0,30583,1686204_1686252_1690920,00.htm
http://news.cctv.com/world/20071116/100008.shtml :CCTV
ە 4-شىنجاڭنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇش مائارىپى زور كۈلەملەشتى
ە 2003-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدا قوش تىللىق مائارىپ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلغاندىن باشلاپ ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكمەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە شىنجاڭدا قوش تىللىق سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 150 مىڭگە، قوش تىللىق سىنىپ سانى 5000 مىڭگە، قوش تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى 18 مىڭگە يىتىپ شىنجاڭنىڭ قوش تىللىق مائارىپى بىر قەدەر زور بولغان كۆلەمگە ئىگە بولدى ۋە بۇندىن كىيىنكى قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. قوش تىللىق مائارىپ بىر قىسىم مائارىپى نىسبەتەن تەرەققى قىلغان رايونلاردا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ساھەسى، بالىلار يەسلىسى قاتارلىق ئورۇنلارغىچە ئالدىن كېڭەيتىلىپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلدى ۋە بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش لازىم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى بويىچە بۇندىن كىيىن 2010-يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدىكى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىللىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 260 مىڭگە يەتكۈزۈلىدۇ. قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى يىراق يېزا ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرى يەنە شۇ يەردىكى تەجرىبە نۇقتىلىرىدا يىراقتىن ئوقۇتۇش ئىلغار ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق قوش تىللىق مائارىپىدىن بەھرىمان بولىدۇ. نۆۋەتتە، قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدا قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بۇلىشى قۇش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 2003 - يىلدىن باشلاپ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيلەش ئۈچۈن ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 130 مىليون مەبلەغ ئاجراتقانىدى. بۇ يىلدىن كىيىن يەنە 5 يىل ئىچىدە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ 200 مىليون مەبلەغ ئاجرىتىلىپ 10مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى تەربىيلىنىپ قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ۋە سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
باھا سۆزى:بىر مىللەتنىڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى شۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.مائارىپى گۈلەنمىگەن مىللەت دەۋرنىڭ رەھىمسىز شاللىشىغا ئۇچرايدۇ.مىللى مائارىپتىكى بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنى چەتكە قاقمىغان ۋە شۇنداقلا بۇ پرىنسىپتا مەڭگۈ ئېغىشمىغان ھالدا چىڭ تۇرسىلا چوقۇم غەلىبىلىك بۇلىدۇ. ئاساسى مائارىپ بولسا جەمئىيەت ۋە رايون تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىۋى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئۆزگىرىش ئەلۋەتتە شىنجاڭدىكى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا ئورۇن ئېلىشقا مۇناسىپ.
خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://www.tianshannet.com.cn/edu/content/2007-11/26/content_2310293.htm%20http://www.jyb.com.cn/cm/jycm/beijing/zgjyb/1b/t20071217_131662.htm
http://www.jyb.com.cn/cm/jycm/beijing/zgjyb/1b/t20071217_131662.htm http://www.qlwb.com.cn/display.asp?id=207122
ە 5-كىروراننى كىم يىغىلاتتى
ە 2007-يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەلق گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى جاۋياخۇي خەلق گېزىتىدە " قەدىمى شەھەر كىروراننى كىم ياش تۆككۈزۇۋاتىدۇ" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، قەدىمى شەھەر كىروراننىڭ ياخشى ساقلانماۋاتقانلىغىنى، دۆۋىلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قەدىمى شەھەرنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ قالايمىقان كولاۋاتقانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ پۇل تاپشۇرۇپ قويسىلا كىرسە بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ يەردىكى پائالىيىتىنىڭ نازارەتكە ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، چاقىلىق ناھىيىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭخەنگاۋنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ كۈچلۈك تەنقىد قىلدى. شۇنداقلا مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە كىروران قەدىمى شەھىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، قوغداش، نازارەت قىلىش ئېلىپ بېرىلمىسە كروران قەدىمى شەھىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلار بىلەن ئىككىنچى قېتىم مەڭگۈلۈك كۈز خوشلىشىدىغانلىغىنى سەمىمىزگە سالدى.
باھا سۆزى : ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن،نامى دۇنياغا تارالغان كىرورەن شەھرى سىرلىق ھالدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كىيىن،شىۋېدسىيىلىك سېۋىن ھىدىن 1900-يىلى ئۆردەكنىڭ يول باشلىشىدا،كىروران قەدىمى شەھىرىنى تاپقان ئىدى. كىروران قەدىمقى خارابىسى غەربى يورت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. جاۋياخۇينىڭ ماقالىسى جەميەتنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن كىروران خارابىسىغا ئاغدۇرۇپ ئۇنى قوغداش ۋە ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قىتىم جەميەتكە ئەسلەتتى

خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://www.xici.net/b682710/d61717428.htm
http://www.china.com.cn/photo/txt/2007-12/04/content_9338833_3.htm
http://blog.sina.com.cn/s/blog_53734aad01000c21.html
ە 6-گوۋۇيۇئەننىڭ<شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىنى يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار قارارى>بېكىتىلدى
بۇ قارالمىدا شىنجاڭنىڭ 2010-يىلىق ۋە2020-يىلىق ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتىنى نىشانى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە سەككىز ساھە ۋە رايوننى نۇقتىلىق قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان بۇلۇپ، سىياسەت جەھەتتە قوللايدىغان چوڭ تۈرلەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ قارالمىنىڭ بېكىتىلىشى پارتىيە مەركىزى كومىتېت ۋەگوۋۇيۇئەننىڭ ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراپ،ھەرقايسى دەۋرلەردە شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا مۇھىم تەدبىرلەرنى بېكىتىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .بۇ قارالمىنىڭ بېكىتىلىشى يېڭى ئەسىردە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا تېپىلغۇسىز پۇرسەت بۇلۇپ،ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىدە تايىنىدىغان مۇھىم ھۆججەت. بۇ ھۆججەتتە ئېنىق قىلىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئىستىراتېگىيە تۆت چوڭ ئىستىراتېگىيە بىلەن ئەمىنلىشىدۇ.بىرىنچى،بازارنى يېتەكچى قىلىپ،بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى.ئىككىنچى،ئاجىز ھالقىلاردىن ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيىسى.ئۈچۈنكى، جەنۇپ ۋە شىمالى رايونلارنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسى.تۆتىنچى،ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈپ ئېچىۋىتىش دائىرسىنى كېڭەيتىش ئسىتاراتىگىيىسى قاتارلىقلار.
باھا سۆزى:مەركەزنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى شىنجاڭنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى يەنە بىرقېتىم ئېنىق دەلىللەپ،شىنجاڭنى غەربى رايوندىكى <ئالاھىدە رايون>قىلىپ بېكىتكەنلىكى،بۇ بەلگىلىمە چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا چوڭ رول ئوينايدۇ.گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن كونكرېت قىلىپ بۇ قارالمىنى چىقىرىشى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆشگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلگۈسى.
http://www.tianshannet.com.cn/special/content/2007-10/03/content_2224054.htm
ە 7-شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى <شەرقى تۈركىستان ئصسلام ھةركصتص تەشكىلاتى>نىڭ بىر تېرورولۇق مەشىق بازىسىنى بىتچىت قىلدى
شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 2007-يىلص1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2007-يىلى 1-ئاينىڭ5-كۈنى" شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى " ( بۇ تەشكىلات ب د ت ۋە جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇرۇنلا خەلقئارالىق تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان ) نىڭ پامىر تاغلىرىدا قۇرغان بىر تېررورلۇق مەشىق بازىسىنى بىتچىت قىلىپ ،18تېرورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ،17تېرورچىنى تىرىك قولغا ئالغانلىقىنى ،22دانە قول بومبىسى ۋە1500 دانە يېرىم تەييار بولغان قول بومبىسىنى ئولجا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشتا تېررورچىلار ساقچى دائىرىلىرى بىلەن قۇراللىق قارشىلاشقان، خەلق ساقچىسىدىن بىرسى قۇربان بۇلۇپ بىرسى يارىدار بولغان. تىرورچىلارنى يوقىتىش جەريانىدا شەرەپلىك قۇربان بۇلغان جەڭچى خۇاڭچىياڭغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "ئىنقىلابى قۇربان"، " چىگرىنى قوغدىغۇچى قەھرىمان" دېگەن شەرەپلىك ناملار بېرىلدى.
باھا سۆزى: شىنجاڭنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتصدا ئصنتايصن مۇھصم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخى ۋەقەلەردۇر.

خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://news.sina.com.cn/c/l/2007-01-08/183211981986.shtml
ە 8-شىنجاڭنىڭ كارىزنى قوغداش ۋە ياساش قۇرلىشى دۇنيا بانكىسىدىن 100مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرزگە ئېرىشتى
شىنجاڭ پىلان-تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە"يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى "دەپ ئاتالغان كارىزنى ئاسراش ئۈچۈن،گۇوۋۇيۇئەنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۇرپان،قۇمۇلدىكى كارىزنى ئاسراش ۋە سۇ تېجەش قۇرلىشى 2008-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان قۇرۇلۇش پىلان تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ،بۇ تۈرگە182مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلصنصدصكةن، بۇنىڭ ئىچىدە 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئالىدىغان بۇلۇپ،82مىليون دولارنى دۆلىتىمىز سەپلىمە مەبلەغ قىلىپ ئاجرىتىدىكەن.ھازىر دۇنيادا قىرىق نەچچە دۆۋىلەت كارىز سۈيىنى ئىشلىتىدىكەن،شىنجاڭدىكى كارىز 2000يىلىق تارىخقا ئىگە .1950-يىللىرى شىنجاڭدا1700دانە كارىز بار بولغان بۇلۇپ ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يىلىغا 20 دانىدىن كارىز ئازايماقتا ئىكەن،ھازىر قېپ قالغىنى600دانە بۇلۇپ جىددى قوغداش تەدبىرى ئېلىپ بېرىلمىسا ئانچە ئۇزۇنغا قالماي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۇ ئاجايىپ قۇرۇلۇش يوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
باھا سۆزى: كارىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى قىممەتلىك بىباھا مىراس. ئۇنى ئاسراش ۋە قوغداش ئۈچۈن پارتىيە ۋە ھۈكۈمەتنىڭ زور مەبلەغ ئاجراتقانلىغى كارىزنى قوغداش قۇرلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2007-11/29/content_2317441.htm
ە 9-خوتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، بۇ ئامەتمۇ ياكى كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتكە يىلتىزمۇ؟
بۇ يىل خوتەن ساپ قاشتېشىنىڭ بىر گرامى7594يەنئەنگە چىقىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان بۇلۇپ،قاشتېشى بىلەن شۇغۇللانغان نۇرغۇن كىشىلەرگە زور پايدا ئېلىپ كەلدى ۋەخوتەننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك ھەسسە قوشتى. بولۇپمۇ يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان قاشتېشى ئىقتىساد ۋە مەتبۇئات ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. . 2008-يىلى بىيجىڭدا ئېچىلىدىغان خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ گىربى ئۈچۈن خوتەن قاشتېشى ئىشلىتىلدى. خوتەن شەھەر ھۈكۈمىتىمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خوتەندە ھەر يىلى "قاشتېشى بايرىمى" تەسىس قىلىپ قاشتېشىنىڭ خوتەن ئىقتىسادىدى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. مۇشۇ 20يىلدىن بۇيان قاشتېشىنىڭ باھاسى مىڭ نەچچە ھەسسە ئۆسكەن.مۇتەخەسسىس ماجىنگۇينىڭ قارىشىچە بۇ قاشتېشى بازىرىغا نۇرغۇن مەبلەغنىڭ كىرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن قاشتېشىنىڭ قىممىتى ئۆزىنىڭ ھەققى قىممىتىگە قايتىشىدىن دەپ قارايدىكەن.ئۇنىڭ قارىشىچە خوتەن قاشتېشىنىڭ يەنە ئېچىلمىغان زاپاس مىقدارى ناھايىتى زور ئىكەن،چۈنكى يورۇڭقاش دەرياسى پەيدا بولغاندىن تارتىپ تا ھازىر كەمگىچە نۇرغۇن قېتىم ئېقىن ئۆزگەرتكەن بۇلۇپ،ھەربىر ئېقىنىدا يەنىلا نۇرغۇن قاشتېشى مەۋجۇت ئىكەن. قاشتېشىنى ئېچىپ ئۇ ئارقىلىق ئىقتىسادى تەرەققىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياخشى ئىش. لېكىن ئۇ قانچىلىك ئېچىلىشى كېرەك؟ قانداق ئېچىلىشى كېرەك؟دېگەن مەسىلە بۇ يېقىندا ھۆكمەت ۋە خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر تىمما بۇلۇپ قالدى.2007-يىلى 10-ئاينىڭ 28 -كۈنى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى "ئىقتىسادتىن يېرىم سائەت" پروگراممىسىدا خوتەن قاشتىېىشنىڭ باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆسۈشى ۋە ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلگەن بىر قاتار مەسىلىلەر كۆرسىتىلىپ قاشتېشى قىزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىگىمۇ دىققەت قىلىش لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
باھا سۆزى: قاشتېشى نۇرغۇنلىغان خوتەنلىكلەرگە زور پايدا ئېلىپ كەلدى. خوتەن كوچىلىرىدا داڭلىق ماشىنىلار بىردىنلا كۆپىيىپ خوتەندىمۇ بەزىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىشى بىۋاستە قاشتېشىنىڭ يېقىندىكى زور مىقداردىكى ئېچىلىشى ۋە باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن يۇقىرى كۆتۈرلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن قاشتېشى قىزىش جەريانىدا چوقۇم مۇھىت ئاسراشقا دىققەت قىلىنىشى شۇنداقلا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك.

ە 10-ئالتە نەپەر رۇسىيىلىك شىنجاڭدا ساياھەت داۋامىدا يوقاپ كەتتى
2007 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 -كۈنى خوتەندىن خەۋەر تارقىلىپ ،6نەپەر رۇسىيىلىك يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا سۇغا لەيلەپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىش داۋامىدا يوقاپ كەتكەن. خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن ئاپتۇنۇمرايۇنلۇق پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن،رەئىس ئىسمائىل تېلىۋالدى،مۇئاۋىن سېكرىتار ياڭگاڭلار بۇ 6 نەپەر روسىيىلىكنى جىددى ئىزدەش توغرۇلۇق مۇھىم يول يۇرۇق بەردى. قۇراللىق ساقچى قىسىم، يەرلىك ساقچى ۋە خەلق ئاممىسىدىن تەشكىللەنگەن 1000كىشىلىك چوڭ ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترىتى يوقاپ كەتكەن 6 روسىيىلىكنى جاپالىق ئىزدىدى. روسىيە تەرەپمۇ 40 نەچچە ئەسكەر، تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ۋە ھەربى ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ جۇڭگۇ غا ماسلىشىپ ئىكسپىدىتسىيەچىلەرنى ئىزدىدى. جۇڭگۇ ۋە روسىيە بىرلەشمە ئىزدەش گۇرۇپپىسى 14 كۈنلۈك ئىزدەش ئارقىلىق ئىككى ھايات قالغۇچىنى تاپتى.باھا سۆزى: ساياھەتچىلەرنىڭ قاپسىلىپ قېلىشى، يوقاپ كېتىشى ھازىرقى جەمئىيەتتە بەك چوڭ خەۋەر ئەمەس.لېكىن ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىپ ۋە كۆرسەتمە بېرىپ ھەربى ئايرۇپىلان ئىشقا سېلىپ يوقاپ كەتكەن ساياھەتچىلەرنى ئىزدىنىش مۇھىم ۋەقە ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ نېمىنى ساياھەت قىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.

خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://www.tianshannet.com.cn/content/2007-09/11/content_2177676.htm
مەنبە : جىك تور خاتىرىسى