• 2008-04-29

    ئانامغا سۆز (نەسىر) - [ئويغۇرچە ئەسەر]

      كەل ئولتۇر، ئىللىق باغرىڭنى ئاچ، مېنىڭ مۇشۇ ئازاپلار دەستىدە قاغجىراپ كەتكەن، لېكىن رەڭگارەڭ گۈزەل ئارزۇ-ئۈمۈد، غايە گۈللىرىمنىڭ خۇشپۇراق ھىدى كەتمىگەن زىمىستان قەلبىمگە، ئاشۇ غەمكىن ۋە قەيسەرلىك ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىڭ بىلەن، «جېنىم بالام!» دىگەن مېھىرلىك تاتلىق سۆزلىرىڭ بىلەن ئاشۇ باھاردىكى ئىللىق قۇياشتەك تەبەسسۇملىرىڭنى چاچ.
        كەل
    راست، ئانا سەن دۇرنيادىكى ئەڭ جاپاكەش مىھرىبان ئانا. قىشمۇ، ياز ، ئېغىر كەتمەن قولۇڭدىن چۈشمىگەن، كېپەزلىكلەردە پاختا تەرگەن، پىژغىرىم ئىسسىقتا بۇغداي ئورۇپ ئورما قىلغان،.... ھە، يەنە ئۆيدە ئوخشىتىپ تاماق ئەتكەن، ئۆي تازلىغان، كىر-قاتلارنى يۇيىدىغان، ئەرگە سادىق سۆيۈملۈك دېھقان ئايالى.
        كەل
    ئالبوم چارلايلى
    سېنىڭ ياشلىق چاغلىرىڭ، ھەي سەن نىمانداق چىرايلىق، بەئەينى ئاسماندىكى تولۇپ چىققان ئاينىڭ ئۆزى ئىكەنسەن، ھازىر مۇشۇ جامالىڭ نەلەرگە كەتتى. قارا چىرايىڭغا... شۇ ئۆتۈپ كەتكەن رەھىمسىز يىللار ئاشۇ ئاي كەبى ھۆسنۈڭنى ئەپ قېچىپتۇ. پەقەت ساڭا تال-تال قورۇقلارنى يالداما سۈپىتىدە قالدۇرۇپتۇ.
        قارىغىنا
    ماۋا مېنىڭ بوۋاق چاغلىرىم ئەمەسمۇ، سەن مېنى قۇچۇقىڭغا ئالغىنىڭچە ئولتۇرۇپسەن. قاپقارا چېچىڭنى ئىككى تال ئۆرۈۋاپسەن. ھازىرمۇ ئاشۇ چاچلىرىڭ بارمۇ؟ ئاشۇنداق سىياداندەك قاپقارىمۇ؟ ياق، ئۇ قاپقارا سىياداندەك چاچلار ئاقاردى، چۇنكى سەن قېرىدىڭ.
        ھەي ئانا!
    سەن مېنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتۇرغىنىڭدا، مېنى ھەر قېتىم ئەركىلەتكىنىڭدە، دەل كۈلۈپ تۇرغان مۇشۇ سۈرەتكە چۈشكەنلىرىمىزدە سەن نىمىلەرنى ئويلىغان ئىدىڭ؟ ئەلۋەتتە مېنىڭ تېزراق چوڭ بولۇشۇمنى، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىشىمنى، ساڭا ئازراق بولسىمۇ بىر ۋاقلىق بولسىمۇ تاماق ئېتىپ بېرىشىمگە نەقەدەر تەشنا بولغانسەن....ھە!
        ئەپسۇس....
    مەن قىلالمىدىم، ساڭا يۈك بولۇشىمنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىڭ. بىراق سەن رەنجىمىدىڭ، مېنى باقتىڭ، مېھرىڭ بىلەن ئەركىلەتتىڭ، تەبەسسۇملىرىڭ بىلەن، مېھىرلىك سۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا تەسەللى بەردىڭ. تېخى مەن ئۈچۈن ئاشۇ ئەللەي ناخشىسىنى ھازىرغىچە ئېيتىپ كەلدىڭ. چۈنكى مەن بۇ ناخشىنى ياخشى كۆرەتتىم.
        كەچۈر مېنى تىل تۇمارىم جاپاكەش ئانا!
    دىمەك سەن قېرىدىڭ
    قاتار چاينىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي، رېستۇراننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي قېرىدىڭ. نەچچە ئايلاپ شەھەرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي، نەچچە يىللاپ بىر قۇر يېڭى كىيىمنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي قېرىدىڭ. دوستلۇرۇڭ شەھەر ئارىلاۋاتقان، رېستۇرانلاردا كۈلۈشۇپ خوشال ئولتۇرغان دەقىقىلەردە سەن ئېتىزدا كەتمەن چاپىسەن ياكى ماڭا تەسەللى بېرىسەن، مانا بۇ سېنىڭ خوشاللىقىڭ ئىدى. شۇنداق دوستلۇرۇڭ ئالدىدا سەن بەئەينى بىر موماي، چۇنكى سەن بالدۇرلا قىزىل گۈلدەك ياشلىقىڭنى ئۇزۇتۇپ ۋاقىتسىز قېرىدىڭ. بۇنىڭغا مەن سەۋەپچى. ئالدىڭدا مەن بەك خىجىل.
        ئانا ساڭا دەيدىغان سۆزلىرىم مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ. شۇڭا ھازىرچە تۆۋەندىكى مىسرالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.


                                              باغرىڭدىن بالام دەپ ئاچىسەن قۇچاق،
                                              ئاھ! شۇڭا دۇنيادا ئانا مېھرىبان.
                                              دەيدىكەن بولمىسا ئاشۇ قەدىردان،
                                              قەلىبلەر دۇنياسى بولار غېرىبان.

                                              ئانا دەپ چىقىدۇ بوۋاقلار تىلى،
                                            چېھرىدە تەبەسسۇم باھاردىن ھامان.
                                            كۈيلەيدۇ ئەللەي دەپ بۆشۈك تەۋرىتىپ،
                                            قولىدا تەۋرىنەر بۇ گۈزەل جاھان.

                                            بالام دەپ ھەر زامان يىغلايدۇ-كۈلۈپ،
                                            ئانىكەن دۇنيادا جاپاكەش ئىنسان.
                                            ئۇ بىزگە بولار بېرەر كۈچ مەدەت،
                                            شۇ ئۇلۇغ ئانىلار ياشىسۇن ھامان.

       ئانا! ئاخىرىسىدا سىزگە ئاللاھتىن تېنىڭىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
       ئانا ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، تېنىڭىز سالامەت بولغاي!

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق