• 2008-04-29

    ئابدۇرەھىم ئوتكۇر تەرجىمالى - [ئويغۇرلار تارىخى]

    كۈچلىك رىئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان “ئىز” نى ئىلان قىلغاندىن كىيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۇك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر "قەشقەر كېچىسى"،"ئىز"،، ئۆمۈرمەنزىللىرى"، "ئويغانغان زىمىن" قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە "شېئىر ۋە شائىر"،"تۇرپان تەسىراتلىرى"،"قەشقەر كېچىسى" ،"ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك" قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ،"شېرىيەت"،"مىللەتلەر ئەدەبىياتى"،"غەربىي دىيار ئەدەبىياتى" قاتارلىق جۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982-يىلى1-ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە" مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسى"نىڭ 2- سانىدا "قەشقەر كېچىسى "ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئىسىل گۈل دەپ مەدىھېلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985-يىلى ياپونىيەدە نەشىر قىلىنغان “جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى” نىڭ2- توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى.ئابدۇرپھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا،1983-يىلى" جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجېمىھالى" دىگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى.
    مۇشۇنداق مول نەتىجىللىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بىگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى.ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرىسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە " سوپى ئاللا يار" دىگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 1934-يىلى ئابدۇئېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتپتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يىڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان..ئۇ بۇ مەزگىلدە “گاڭ قانات لاچىن”،"دولقۇنلۇق ھايات”، “يىڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا”،”تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر"،" چىن مودەن "(ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر،داستان، ۋە درامىلارنى "شىنجاڭ گېزىتى"،"يىڭى نۇر" قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.
    1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شىڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەر لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چىن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946-يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى "يۈرەك مۇڭلىرى" تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى.ئازاتلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خىلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لىكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سول لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.پەقەت پارتىيە 11-نوۋەتلىك مەركىزىيى كومىتىتى 3-ئومۇم يىغىندىن كىيىنلا،قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئەرىشكەن.
    ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە "ياخشى" ،" كېرەك بولسا"، "ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس"، "بوغدا ئانام"،"مەن ئاق بايراق ئەمەس"،"قەشقەر كېچىسى"، "ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك"،"گۈل ۋە ئازغان" قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، "ئىز"، "ئويغانغان زېمىن "رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995-يىلى 10-ئايدا كىسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق