• 2008-04-30

    ئويغۇر دوكتۇرلىرىمىز - [مىللىتىمىز ھەققىدە پاراڭ]

    ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىمۇشۇ ئىشلارنى ئۇيلىسام ئۇيلاپ قالىمەن، نىمە دىگەن زور ئىسراپچىلىق. ھازىر ئىچكىرگە يىلىغا مىڭلاپ باللار كىرىۋاتىدۇ. ياخشى ئۇقۇسڭىزلا سىزدىن ھۈكۈمەتمۇ، جەميەتمۇ، ئاتا -ئانىڭىزمۇ رازى. ھىچقايسىسى سىڭدۇرگەن مىھنىگە، خەجلىگەن پۇلىغا مىھنەت قىلمايدۇ. لېكىن ھىساپلاپ باقايلى. شۇ ئۇقۇغۇچىلارغا قانچىلىق ئىقتىساد، زىھىن، ئەجىر كەتكەندۇ. شۇ باللار پۇتتۇرۇپ كەلگەندە ئىنگىلىس تىلىدىن قورقماي 4 ئادەمنىڭ ئالدىدا ئېغىز ئاچالايدىغىنى قانچىلىك،ئاشۇ 1000ئۇقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن 4-دەرىجىدىن ئۈتۇپ كەلگەنلەر 10%گە بارامدۇ يوق. تېخى قارىغاندا مانچە پېرسەنتى خەنزۇچە 8-دەرىجىدىنمۇ ئۈتەلمەي كىلىدىغان ئۇخشايدۇ. بىرەر شىركەت كومپىيۇتېردىكى office مەشغۇلاتىدىن سىناق ئىمتاھان ئېپ باقسا ، كەسپى كومپىيۇتېر بۇلغانلارمۇ بىر A4 چوڭلىقىدىكى قەغەزگە رەسىم كىرگۇزۇپ، جەدۋەل كىرگۇزۇپ، ئۇنى تەھرىرلەپ بېسىپ چىقىرالمىغان. نىمە بۇلدى دىسىڭىز،" بىز مەكتەپتە دايىنجى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان". "ماڭا ئاران بىر سائەت ۋاقىت بەردى، ۋاختىم يەتمىدى ، بىر كۈن بەرسە قىلالايتتىم." ، ھالىمىز شۇنداق تۇرسا يەنە خەنزۇلارنى ئالدى مىنى ئالمىدى، كەمسىتتى دەپ بىر تالاي قورساق كۈپۈگىمىز بار. ھەر يىلى ئىختىساسلىقلار بازىرى دەپ بازار ئاچىمىز. نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر كىلىدۇ. كەلگىلى ئۇنىمىسا مەكتەپمۇ، يالۋۇرۇپ ، ئالداپ يۇرۇپ بۇلسىۇ بىر نىمە قىىلىپ ئەكىلىدۇ. ئۇزىنىڭ باللىرىغا كۇيۇنەيدىغان كىم بار. شۇ ۋاقىتلاردا شۇ ئىشنى قىلىدىغان ئىشخانىدىكى خىزمەتچىلارنىڭ ئالدىراشچىلىغىدىن تاماقمۇ يىمەيدۇ. شۇنداق تەستە بىرەر مىڭدەك شىركەت كىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر باللار تاماشا كۇرۇش ئۇچۇن كىلىدۇ. بىرەر شىركەت بۇنداق كەسىپ ئالمايمىز، ياكى ئۇچۇقتىن ئۇچۇقلا ئۇيغۇر ئالمايمىز دەپ قالدىمۇ، بۇلدى ئۇنىڭ ئاتالمىش غۇرۇرى يەنە بۇنداق يەردە چۇرگىلەپ يۇرۇشكە قويماي، بىرىنچى قەۋەتتىكى، ئېشىپ كەتسە ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۇرۇنلارنى كۇرۇپلا ياتاققا قايتىپ ئۈزئارا تىللاشمىغان ھۇكۇمەت، مەكتەپ ، ئىش ئۇرنىنى تارتىۋالغان خەنزۇ قالمايدۇ. لېكىن خەنزۇلارغا قارىسڭىز 10 شىركەت ئالمايمىز دەپ چىقىرىۋەتسە يەنە 100 شىركەتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر ئالىمىز دەپ كەلگەن شىركەتلەرنىڭ ئالىدىغىمۇ كىلىۋالىدۇ. ياخشى ئۇقۇمىغان ، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوقلارنى دىمەيلا قويايلى، ياخشى ئۇقۇغان، بىر نىمە بىلىدىغان، كۇرسەتسە بىر چىقىرالايدىغان گۇۋانامىلىرى بار بالىلارمۇ بىرەر شىركەت بۇلمايدىكەنسەن دەپ قالسا، خاپا بۇلۇپ ، قېيداپ دەرھال يېنىپ چىقىدۇ. ھەممىسى ئىككىنچىلەپ ئۇنداق يەرگە قەدەم باسمايدۇ. دەيمەن، سىزنىڭ ئۇلارغا ئۇتكۇزۇپ قويغان بىر نىمىڭىز بارمىتى ئۇلاردىن قييدايدىغان. بۇلسىغۇ ياخشى ئۇقۇغانلىقىڭىز ئۇچۇن خوڭچى ماركىلىق پىكاپقا ئۇلتۇرغۇزۇپ، شەھەرنى مانچە چۇرگىلىتپ ، ئاپتۇنۇپ رايۇنلۇق ھۇكۇمەتكە ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويساق بۇلاتتى. ئەپسۇس ... قەلەندەر قېيدىسا خورجۇنغا زىيان. يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان بالىلىرىمىز ئۇنداق شىركەتكەن، مۇنداق شىركەتكەن، ئۇنداق ئىدارىكەن، مۇنداق ئىدارىكەن دەپ كىتىشلىرى. ۋوي بۇنىڭ خېلى بېڭسى بار ئۇخشايدۇ دەپ قارىسڭىز ئۇقۇش پۈتتۇرۇپ يەنە مانچە يىلغىچە خىزمەت تاپالمەي مانچە پۇل بىرىپ تۇرە دەپ سۇقۇلۇپ يۇرگەن. ئالدى بىلەن قۇرساق مەسىلىسىنى ھەل قىلماي يەنە نىمە تاللاش.
    قۇرۇق سۇلەتچىلىك قىلىپ شۇنداق ھالغا كەلدىكى بەزىلەر، بىرەرسىنىڭ ئالدىدا مانداق يەردە ئىشلەيمەن دەيدىغان يەرنى بىر ئامالىنى قىلىپ ئاتا ئانىسىنى قۇرۇتۇپ شۇ ئۇرۇنغا كىرگۇچە بۇلسىمۇ شىركەتلەردە ئىشلەپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ.
    قىسقىسى مىنىڭ كۇز قارىشىم، رىقابەتتە بىر كىشىلىك ئۇرۇنغا دەسسەپ تۇرىمەن دەيدىكەنمىز، شۇنىڭغا چۇشلۇق تىرىشىشىمىز كىرەك. خەنزۇلار بىر ھەسسە تىرىشسا بىز 10 ھەسسە تىرىششىمىز كىرەك. شۇنداق قىلماي تۇرۇپ يەنە نىمە خەنزۇ ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى. ئىتىبار بىرىىش سىياسەتلىرىنى ھۇكۇمەت يەتكۇچە بىرىپ كەلدى، ئىچكىرلەردە ئۇقۇتۇش ئۇچۇن شۇنداق جىق پۇللارنى بىرىۋاتىدۇ، سەرىپ قىلىۋاتىد. يىلدا، ئايدا بىرىدىغان پۇلىمىز بار. باشقا ئىش قىلىشقا يارىمايمىز، ئەگەر شۇ پۇلنى توختىتىپ قويسا تاس قالىمىز مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ئالدىغا يىغىلىۋىلىپ دەرۋازىسىنى چېقىۋەتكىلى.شۇنىڭغا چۇشلىق ئۇقۇساق نىمە بۇلىدۇ. ئاشۇ ئۇرۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى چىقىپ قانچىلىق ئۇقۇشتۇق ئەكىلە بىر كۇرۇپ بېقىپ ئاندىن بىر نىمە دەيلى دىسە ، دىگىلى گەپ تاپالماي ئىچىمىز دىمىمىزگە چۇشۇپ كىتەر بۇلغيدى. شۇنىڭغا چۇشىلۇق، بىز ئىچكىردە ئىچىپ، لەيلەپ، ھىچنىمىگە يارىماس بىر نىمە بۇلۇپ كىلىۋاتىمىز. بىزدە پۇل ئېشىپ تېشىپ تۇرۋاتقاندىمۇ، جەنۇبى شىجاڭدا ھەممە ئۇقۇشقا ئىنتىزار بالىلار ئۇقۇيالغانمىدۇ، داشۇگە ئۇتكەن ھەممە بالىلار ئۇقۇشقا ئىچكىرگە، ئۇرۇمچىگە كىلەلىگەنمىدۇ. ؟ شۇ مەبلەخنى ئاشۇ بىچارە باللارغا سالسىمۇ بۇلىدۇغۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭ ئىچكىردە "كۇاڭكى داۋاڭ" "جيۇ ۋاڭ" دىگەندەك ناملارنىڭ ئېلىشڭىزنىڭ بەدىلىگە، شىنجاڭدىكى بىرمۇنچە دىھقانلىرىمىز ئاچ قالدى، بالىلىرمىز ئۇقۇشسىز قالدى. شۇلارنى بۇلسىمۇ ئۇيلاپ قۇيۇش كىرەك. بەزى گەپلەرنى ئۇچۇق دىمەي بۇلمايدۇ. ھۇكۇمەت ھېلىمۇ بىزگە شۇنچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ياڭزىڭشىن دەك ھىچنىمە قىلمىغان بۇلسا نىمە قىلالايتتۇق. ئاجىزلار بىلەن كۇچلۇكلار تارىختا ئەزەلدىن تەڭ بۇلۇپ باققان ئەمەس. شۇنىچىلىىك ئاددى ھەقىقەتنى بۇلسىمۇ چۈشۈنۈڭ. خەنزۇلار دىگەن ئىنگلىسچنى باشلانغۇچتىن تارتىپ ئۇقۇغان. مەن داشۇگە كىلىپ ئۇقۇدۇم، ئىنگىلىسچە 4-دەرىجدىن ئۇتەلمىسەم نىمە بوپتۇ دەپ سەۋەپ ئىزدىمەڭ. نىمە بۇپتۇ دىسىڭىز ھىچنىمە بۇلمايدۇ،شۇ ئىشسىز قالىسىز.ھىلىمۇ بۇرۇن ھۇكۇمەت مەجبۇرى بۇلسىمۇ بىزنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپتىكەن. شۇنداق قىلمىغان بۇلسا نىمە بوپ كىتەر بۇلغىتتى. ئاسپىرانىتلىق ئىمتانىسىدا ماڭا ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىسچە ئۇتمىگەن،ئەمدى كىلىپ مەندىن ئىمتاھان ئالساڭ قانداق بۇلىدۇ. مەندىن شۇ بىر نىمىنى ئىنتاھان ئالماي ئۇتكۇزۇسەن دىسەك بەلكىم ئېقىپ قالار. ئاچچىقىمىز تۇتۇپ كەتسە، يەنە بىز دىگەن ئاز سانلىق مىللەت، ماتىماتىكا ئۈلچىمىڭنى تۇۋەنلەت، يەنە بىر نىمەڭنى يوك قىل دىسەك، ماڭا شۇنداق قىل دىسەك بەلكىم ھۇكۇمىتىمىز بۇنىمۇ قىلدى دەيلى، يەنە شۇن ئۇلچەم بىلەن سىزگە، دوكتۇرلۇقنى بەردى دەيلى.شۇنىڭ بىلەن تاماشا ئالدىمىزدا، شۇنىڭدىن كىيىن دوكتورلىرىمىزمۇ خىزمەت تاپالماي مەن دوكتۇر تۇرسام ئالمىدى دەپ ھۇكۇمەتنى تىللاپ ئۇلتۇرىدىغان گەپ. ھېىلمۇ ھۇكۇمەت شۇنچە ئىتىبارلار بىلەن ئۇنۋېرسىتىتلارغا ئەكىرىپ قۇيۇۋاتىدۇ. بىز ئۇچۇن شۇنچە پۇللارنى خەجلەۋاتىدۇ. بىز يەنە ياخشى ئۇقۇماي ، يەنە بار سەۋەپنى خەنزۇدىن كۈرۈپ، خەنزۇ بوپ قالمىغىنىمىزدىن پۇشايمەن يەپ ئۇلتۇرىمىز. بىزدە پۇرسەت يوق ئەمەس، گەپ ئۇزىمىزدە.
    ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز ، ئۇزىمىز تۇغرىلىقمۇ ئۇيلاپ باقايلى. مىللەت دىسە ئۇتىدا كۇيۇپ بىرىمىز. لېكىن ئۇزىمىز قانچىلىق قىلدۇق. ئەڭ چىرايلىىق قىزلىرىمىز ئىچكىردە لوبەنلەرنىڭ قوينىدا. ئىچكىرنىڭ ھەرقانداق چوڭراق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر خىنىملىرى بارمىش. ھازىر ئىچكىردە ۋە شىنجاڭدا چىرايلىقراق دىسەك"ئۇيغۇر خىنىملىرى" سەتراق دىسەك " ئۇيغۇر جالاپلىرى" دىگەن بىر يىڭى ئاتالغى چىقتى، بۇنىڭدىن شۇنى كۇرۇۋېىلشقا بۇلىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇيىڭى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بىزنىڭ ئىچكىردىكى ئۇغۇرلۇق كەسپىمىزدىن باشقا يەنە بىر كەسپىمىز بوپ قالغان ئۇخشايدۇ. چۇنكى ئىككى توك توك خىنىملىرىمىز بۇلغانغا بۇنداق گەپ ئاتالغى چىقمايدۇ. بۇلارنى ھارغىچە تىللىدۇق، ئۇچرىغانلىرىنى مىللەت سۇيەر يىگىتلىرىمىز ئۇردى. بۇلسا ھەممىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ كۇيدۇرىدىغانلارمۇ چىقتى. سىلەرچە ئىشلار شۇنداق ئاددىمىدۇ. ئاشۇ خنىملىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ئەكىلىپ كۇيدۇرۋەتسەك ، بىز يەنە مۇشۇنداق ماڭساق ئاشۇ خنىملىرىمىز تۇگەرمۇ. 3-4يىل ئۈتۈپ ئۇلار يەنە پەيدا بۇلماسمۇ. چوڭقۇرراق ئۇيلاپ باقايلى. قىزلىرمىزنىڭ ئاشۇنداق ئىچكىرگە قېچىپ پاھىشە بۇلۇشىغا بىز يىگىتلەرنىڭ مەسئۇلىيتىمىز بارمۇ يوق. ئۇلارنى تۇتۇپ ئەكىلىپ كۇيدۇرۇپ، قۇرئاندىن، ھەدىىستىن، ئەخلاقتىن، ئۇيغۇر مەدىنيىتىدىن سۇزلەپ تۈگەتكىلى بۇلماس. چۇنكى بۇلارنى شۇنداق يولغا ئەكىرىپ قويغانلار دەل ئۇزىمىز يىگىتلەرمىز. بىزمۇ ئاشۇ خەنزۇلاردەك تېرىشساق، مىڭلاپ مىڭلاپ شىركەتلەرنى قورساق، مەمەت لاۋزۇڭ، ئەركىن جىڭلى، قەييۇم چاڭجاڭ دەپ ئاتىشىپ يۇرسەك، ئاشۇ قىزلىرىمىزنى مىليونىر قىلىۋىتەلمىسەكمۇ خۇدايىم بەرگەن، دۇنيا مودىللار مۇسابىقىسغا قاتناشسا بىرىنچى بۇلالىغۇدەك چىرايىغا، بەدەن قىياپىتىگە ماس كەلگۇدەك يارىشىملىق كىيىملەرنى ئېلىپ بىرەلىسەك، ئۇقىزلىرمىز ئىچكىرگە بېرىپ تىنىنى سېتىشقا خۇمار بوپ قالمىغاندۇ. يانچۇقىمىزدىن قورقماي مىڭ كوي پۇل چىقمايدۇ. ئىككى قىز بالىنى باشلاپ يۇقىرى دەرىجىلىكراق ئىستىمال سەۋىيسى بار يەرگە كىرىپ قورقماي 500كوي خەجلىيەلمەيمىز. شۇ قىزلار بىلەن دىباغا بېرىپ قالساق خيالىمىز قاندا قىلىپ ئۇلارغىمۇ چاندۇرۇپ قويمىغۇدەك بىرەر ئۇسۇلدا ئەرزانراق پۇل خەجلەش. تۇيۇقىسىز ئۇ قىز بالىنىىڭ ئىككى ئۇچ دوستى كىلىپ قالدىمۇ بۇلدى، يانجۇقتا پۇل يوق ئۇنىڭغا بۇنىڭغا تېلپۇن قىلىپ پۇل ئەكەلدۇرۇدىغان گەپ. ئەتىسى ۋاي مۇنچە پۇل خەجلەپتىمەن دەپ ئىچىمىزدىن ئوت كىتىدۇ. ھەممەيلەن پو ئېتىپ مىللىتىم ، يەنە بىر نىمەم دەپ پو ئاتقان بىلەن ھالىمىز تايىنلىق. قىزلىرىمىزغا ئىگە بۇلالمايمىز. دۇنيانىڭ ئاياللىرى منىڭچە ھەممىسى ئۇخشاش. ھەممىسىنىڭ چىرايلىق كەيگۇسى كىلىدۇ، ياخشى يىگۇسى كىلىدۇ، ئاستىدىكى داڭلىك ماركىلىق ماشىىنىنى دوستلىرىغا كۆز-كۆز قىلغۇسى كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ xv rong xin دىگەن نەرسىسى شۇنداق كۇچلۇق. بىز قىزلىرىمىزغا شۇنداق نەرسىلەرنى تېپىپ بەرمەي، ئۇلارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرمەي، تېخى مابىتىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ يەنە قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇپ كەتتى بۇندا بوپ كەتتى دەپ تىللايدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار. ئۇلارغا قورقماي، مانچە كۇن ھىساپ قىلماي بىر تال ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بىرەلمەيمىز.

    مەن ئىسىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۇيدە تولا ماجرا بۇلىدىكەندۇق. ئانام بىلەن دادام تولا ئۇرۇشىدىكەندۇق. نىمىلەرنى تالىشىپ سۇقۇشقىنىنى ئۇخمايتتىم. كىيىن ئۇلارنىڭ مائاشى ئۇستى، داداممۇ ئىشتىن سىرت تىجارەت قىلىپ ئانچا مۇنچە پۇل تاپتى. شۇنىڭ بىلەن نىمە بۇلدى ئۆيدە جىدەل ماجرا بېسىقىپ قالدى، شۇنىڭدىن كىيىن دادام بىلەن ئانامنىڭ ئۇنداق ئۇرۇشۇپ، سۇقۇشۇپ يۇرگەنلىگىنى ئۇخمايمەن. كىيىن بىلسەم ئۇلار ئاشۇ "ماينى جىق ئىشلەتتىىڭ."، " بۇ بىزنىڭ ئۇيمىزگە بى ھاجەت تۇرسا نىمە دەپ ئالىسەن"، "جا نەرسىنى ئېلىپسەن ، كۇزۇڭ نەگە كەتتى " دىگەنگە ئۇخشاش ئىشلار ئىكەندۇق. بىر ئۇينىڭ تنىچ ، خاتىرجەم بۇلۇشى ئۈچۇن يەنىلا ئالدى بىلەن قۇرساق، كىيىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كىرەك ئىكەن.
    بۇلاردىن مەن شۇنداق دىمەكچى، بىز ئۇيغۇر ياشلىرى جېنىمىز چىقىپ كەتسىمۇ بىر چىداپ ئىشلەپ يول تاپساق، پۇل تاپساق، ئۇزىمىزنىڭمۇ يۇزى يۇرۇق بۇلاتتى، قىزلىرمىزمۇ قېشىمىزدىن ئەگىپ كىتەلمەيتتى. ئۇلارنى تىللاپمۇ يۇرمەيتتۇق. قىزلىرمىزنىڭ ئىچكىردىكى ئاشۇنداق قىلمىشلىرى قاچان بىز ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئەقلىمىزنى تېىپىپ، مەسلىنى ھادىسىدىن ئىزدىمەي ماھىيەتتىن ئىزدەپ قىزلىرمىزغا ئىگە بۇلالىغان ۋاختىمىزدا تۇگەيدۇ. بىز يەنە مۇشۇنداق ئۇزىمىزنى بىلمەي لاتا قاسقاسلىق قىلىىپ ئۇ يەردە بۇ يەردە ھىجىيىپ، ئۈزىمىزنىڭ قىزلىرىنى ئەرزان يوللار بىلەن باپلاشنىڭ كويىدا يۇرسەك قىزلىرىمىز ئىچكىرگىلا ئەمەس ، يەنە تېخى چەتئەلگىمۇ تارايدۇ. يەنە ئۇيلاپ بېقىڭ. بىر يىللىرى روسىيە پارچىلىنىپ ئىقتىسادى شىددەت بىلەن چىكىنگەندە روسىيە قىزلىرىنڭ باھاسى پاخال بوپتىكەن. شۇ يەرگە چىققان سودىگەرلىرىمىز ئازراقلا روبلى خەجلەپ مانچە خوتۇننى ئېپ قويۇپ ياشايدىكەندۇق. شىىياڭگاڭ، لوندۇن دىگەندەك يەرلەردە چيراي بەدەن جەھەتتە ھوللوۋىد نىڭ چولپانلىرغا ئوخشايدىكەن قىزلار ئەڭ ئەرزان باھالىق خنىملارغا ئايلىنىپتىكەن. شۇ ۋاقىتتا دۇنيادا ئىشلەنگەن جىق سېرىق فىلىملەرمۇ ئاشۇ قىزلار تەرىپىدىن ئىشلىنىپتىكەن. خۇدا ساقلىسۇن بىز تېخى ئۇ كۈنلەرنى كۇرمىدۇق. يەنە دىققەت قىلساق يىقىنقى يىللار مابەينىدە بىزنىڭ ئىقتىسادىىمىزمۇ ئۇتتۇرا ئاسىيا دۇلەتلىرىدىن سەل ئېشىپ يانجۇقىمىز پۇل كۇرىۋىدى، ئۇتتۇرا ئاسىيادىن ناخشىچى، يەنە بىر نىمىلەر كەلگىلى تۇردى. دىبالىرىمىزدا شۇلار ناخشى ئىيتىدۇ، تېخى يەنە بەزەن يەرلەردە شۇلار يالىڭاچ ئۇسۇل ئۇينايمىش. يەنە مۇشۇ بۇيىچە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ماسا 10 يىللارغا قالماي بىزدىمى ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ خىنىملىرى دەپ گەپ چىقامدۇ تېخى بىر نىمە دىگىلى بۇلمايدۇ.
    بۇلار ئارقىلىق مەن شۇنى دىمەكچى، قىزلىرىمىزدا گۇنا يوق. پۇتكۇل گۇنا بىز يىگىتلەردە. تىزراق ئۇيغنىىپ گۇناھىمىزنى يۇيايلى.

    مەن بەزىدە ئۇيلاپ قالىمەن، بىر مىللەت ، دۇلەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا قانچە يىللار كىتەر، قانچە ئەۋلاد ئادەمنىڭ يۇرەك قېنى سەرىپ بۇلار دەپ. قارىسام مانچە يۈز يىللار، مانچە ئەۋلاد ئادەملەرنىڭ ۋاقتى كىرەك بۇلىدۇ دەپ ئۇيلايتتىم. ئۇبدانراق ئۇيلاپ باقسام ئەسلى ئىشلار ئۇنچىۋالامۇ بوپ كەتمەيدىكەن. نەزەر سېلىپ باقايلى. چار روسىيە دىگەن گۇيلارنى 300يىللاردىن بۇرۇنقى تارىختا كىتاپ ئاختىرۇپ يۈرۇپ ئاران تاپىسىز. ھىلى ئۇنىىڭغا ، ھېلى بۇنىڭغا بۇزەك بوپ يۇرگەنمىش. تاتارلار 300 يىل قۇل قىلغانمىش. نەردىن چىقتى پېتىر دەمدۇ ئىشقىلىو شۇنداقراق ئىسمى بار بىر پادىشاھ چىقىپ ياۋرۇپاغا بىرىپ كىلىپ بىر يىڭىلىق ئۇزگەرتىۋىدى 30 يىللارغا قالماي ئۇ يەر بۇ يەردە ئىسملىرىنى كۇرگىلى تۇردۇق. 50-60 يىللار كىيىنكى تارىختا نىمە بۇلدى دوسلارغا ئايان. 100 يىل كىيىنكى تارىختا ئۇتتۇرا ئاسيانى بوي سۇندۇرغۇلى تۇردى. يەنە شۇنىڭدەك ئىشلار. ياپۇننى مىسالغا ئالايلى، تېخى 19 -ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىدىن بۇرۇن دۇنيا تارىخى كىتاۋىدىن ياپۇنلارنىڭ قاتناشقان سىياسى ئىشلىرىنى بەك ئاز كۇرىسىز. تېخى ئاڭلىشىمىزچە دۇنيادا ياپۇن دەپ شۇنداق يەرنىڭ بارلىغىنى بىزنىڭ ئۇلۇغ بۇۋىمىز مەھمۇت قەشقىرى كىتاۋىغا كىرگۇزۇپتىكەندۇق، بۇ دۇنيادىكى چىققان كىتاپلار ئىچىدا ياپۇنلار توغرىىلىق ئەڭ بۇرۇن مەلۇمات بەرگەن كىتاپ دەيدۇ بەزىلەر. شۇڭىمۇ ياپۇنلار مەھمۇد قەشقىرىنى بىزدىنمۇ ئۇلۇغ بىلەرمىش. ھەرقانداق مۇشۇ تارىخنى بىلىدىغان ياپۇنلار شىنجاڭغا كەلسە چوقۇم بۇۋىمىزنىڭ قەۋرىسىنى بىر تاۋاپ قىلىۋىتىپ قايتارمىش. بۇ گەپلەرنىڭ راس يالغانلىغىنى مەن ئۇقۇپ كەتمىدىم. راس بۇلسا بىزنىڭ ئاشۇ بەزىلەر دەپ كىلىۋاتقان" 10،000"يىللىق تارىخمىز بىلەن شۇ پەتەك ياپۇنلارنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ. ئۇيغۇر توغرىلىق ئەڭ ئىشەنچىلىك تارىخى مەلۇماتلارمۇ 2000 يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ ئىشلارنى تارىخچىلىىرمىز دەللىلىگەي.ئىشقىلىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئۇتتۇرلىرىغىچە دۇنيا سىياسىدا ياپۇنلارنىڭ كۇرۇلۇپ باققانلىغى مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋاقىتلاردا بىرسى چىقىپ مىڭجى يىلىدىكى يىڭىلىق ئۇزگەرتىش دەپ بىر ئىسلاھات ئېلىپ باردى. تور ئاختۇرۇپ باقسام ئۇ ئىسلاھات 1867يىلى باشلانغىلى تۇرۇپتىكەن، 1871-يىللىرى ئەتراپىدا رەسمى ئىسلاھاتنى باشلاپتۇ. يەنە دىققەت قىلىڭ ، پەقەت ۋە پەقەت 20نەچچە يىللار ئۇتۇپلار بۇ پەتەكلەر تېخى جۇڭگۇغا ھۇجۇم قېلدى، بۇ ئۇرۇشنى جىياۋۇ ئىلىدىكى جۇڭگۇ-ياپۇنىيە ئۇرۇشى دەيمىز. نەتىجىسى قانداق بۇلدى ھەممىىزگە ئايان. تېخى يەنە 10 يىللار ئۇتە ئۇتمەي بۇ گۇيلار شەرقى شىمالدا روسىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇ ئېيىقلارنى يەڭدى. بۇ يىقىنقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاسىيالىقنىڭ تۇنجى بۇلۇپ ياۋرۇپالىقنى يىڭىشى ئىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ياپۇنۇقلار قىلغان ھەر بىر ئىشلار دۇنيا تارىخىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ماڭدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشدا مەغلۇپ بۇلۇپ ياپۇنيە خارابىلىققا ئايلانغانىدى، مانچە مىليۇن ياپۇن ياشلىرى، مىللەتنىڭ ئەڭ ئاۋانگارتلىرى ئۇرۇشتا ئۇلدى ياكى چولاق تۇكۇر بۇلدى. ئاشۇ ئېشىپ قالغان قېرىلار، ئاياللار ، بالىلار يەنە 20 يىل ئۇتمەي ياپۇننى دۇنياغا تۇنۇتتى. پەقەت ۋە پەقەت 20 يىللا كەتتى.
    ئۆزىمىزگە نەزەر سالايلى، 49 -يىلى جۇڭگۇنى گومىنداڭدىن ئۇتكۇزۇۋالغاندا جۇڭگۇمۇ بىر خارابىلىق ئىدى. ماددى جەھەتتىلا ئەمەس روھى جەھەتتىمۇ خارابىلىق ئىدى. شۇ بويىچە يول تاپالماي 20-30 يىلنى ئۇرۇپ سۇقۇپ ئۆتكۈزدۇق. 78- يىلىدىن كىيىن دىڭ ئاغىمىز توغرا يولنى تىپىپ بىر يول باشلىۋىدى تىز يۇگرەشكە باشلىدۇق. بۇ تېخى ھىساپ ئەمەس، 90- يىللارنىىڭ بىشىدا ئىسلاھات، ئېىشىنى ئېچىۋىتىش، ئاق مۇشۇك، قارا مۇشۇك چاشقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك دەپ بىر يۇگرەپتۇق،مانا 15 يىللار ئۇتۇپتۇ. ھازىر جۇڭگۇ دىسە دۇنيادا ھېچكىم كۇز يۇمالمايدۇ. ئامرىكىنىڭ گىزىت، رادىيو، يەنە بىر نىمىلىرىگە قارىسڭىز كۈندە ئىشقىلىپ جۇڭگۇ توغرىلىق بىر نىمە تالاش تارتىش بارلىقى چوقۇم بار. يا تىللايدۇ، يا ماختايدۇ، يا دوست بۇلايلى دەيدۇ ، يا دۇشمەن دەيدۇ. ئېشقىلىپ جۇڭگۇ مۇشۇ خەقنى مۇشۇنچىلىق قىپ قۇيالاپتۇ. تېخى جۇڭگۇدىن ئايرىلساق ئامرىكا ئامرىكا بۇلمايدۇ، چۇنكى مانچە پىرسەنىت نەرسىلىرمىز شۇ يەردىن كىرىۋاتىدۇ، تۇۋەن كىرىملىك ئائىلىلىرىمىز جۇڭگۇنىڭ ماللىرى بۇلمىسا ئۈلۈپ قالىدۇ دىگەن گەپلەرنىمۇ كۇرۇسىز. بازارغا چىقىپ قىممەت پۇللق بۇلسۇن ، ئەرزان پۇللۇق بۇلسۇن10 نەرسە ئالسىڭىز شۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە چوقۇم جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن نەرسىلەر چىقىپ قالىدۇ ياكى جۇڭگۇ بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بار. بىر ۋاقىتلاردا ياپۇنلۇقلار پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر بىر ئائىلىگە چۇقۇم ياپۇنىيەدە ئىشلەنگەن بىر ئىېلكتۇرۇنلۇك ئەسۋاپ كىرگۇزىىمىز دەپ شۇئار توۋلاپتىكەن. ھازىر قارىسام جۇڭگۇمۇ چۇقۇم دۇنيادىكى ھەر بىر ئائىلىگە جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن نەرسدىن بىرەرنى كىرگۇزۇپ بوپتۇ ياكى شۇنداق بۇلغىلى ئاز قاپتۇ. مانا شۇ ئىشلارنىڭ يۇز بىرىشىگىمۇ قىسقىغىنە 20 نەچچە يىل كەتتى.
    مەن مۇشۇلارنى ئۇيلىساملا قايتىدىن روھلىنىپ كىتىمەن، كەلگۇسىگە بۇلغان ئۇمىت كۇز ئالدىمدا چاقنايدۇ. مىللىتمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئۇنداق مانچە ئەۋلاد ئادەم كەتمەيدىكەن. مانچە يۇز يىللار كەتمەيدىكەن. بۇنى ئالدىدا مىسال ئالغانلار ئىسپاتلىدى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز جۇڭگۇنىڭ 80-يىللىرىدىن كۇپ ياخشى، باشلىنىش نوقتىمىز ئۇلاردىن ئىگىز. شۇنچە جاپالىق شارائىتلاردىمۇ بىزدىن 500دوكتۇر چىقىپتۇ، ھىچكىم ئۇلارنى شۇنداق ئۇگەن دەپ زۇرلىمىغان. بۇ بىزدە يەنىلا ئۇيغاق ئادەملەرنىڭ كۇپلىگىنىڭ ئىپادىسى. بىز ئۇزىمىزنى تۇنۇغان ھامان شۇ چاغدىن تارتىپ ئۇزگەرتىشنى باشلىساق ھەر بىر ئادەم ئۇزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايدىغان ئەڭ يوقىرى چەككىچە ياخشى قىلسۇن. ئۇقۇۋاتقانلىرىمىز ياخشى ئۇقۇيلى، ھەممە ئادەمنى دوكتۇر بۇلسۇن دىمەيمىز، خالىغىنىڭز بۇلۇك. لېكىن بۇلغان ئىشنى ياخشى قىلىڭ، ساغلاپ بۇلغان بىر جەميەت ئۇچۇن تىرىشايلى. بۇ دىگەن مەتبۇئات نىڭ تىلىۋىزيييە ئىستانسىلىرىنىڭ ئىشى دىمەڭ. تىلىۋىيزىيە ئىستانسى، نەشرىيات دىگەنلارمۇ يوقىرىدىن ھۇججەت چۇشمىدى دىمىسۇن. مىللىتمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېچكىمىنىڭ بىر نىمىسى بىلەن پۇتلىشىپ قالمايدۇ. پارتىيەنىڭ سىياسىتى بىلەن دۇقۇرشۇپ قالمايدۇ، پارتىيە ھۇكۇمەتمۇ شۇ بىزنى تەرەققى قىلدۇرساقكەن دەيدۇ. بىزمۇ تەرەققى قىلساق، قۇلمىزدا جىق پۇل بۇلسا، مەكتەپ پۇتتۇرسەك خىزمەت بۇلسا، قىزلار بىلەن يۆخۈي قىلساق ئاستىمىزدا ماشىنا بۇلسا ، ھۇكۇمەتنى كىم تىللايدۇ، كىمنىڭ مۇقىمسىزلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىشقا چولىسى. گەپ ئۇزىمىزدە، ئۇزىمىز سۆرىلىپ قېلىۋاتىمىز. يەنە دىسەم يەنە شۇ ، ھەممىمىز كۇچەيلى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەئىسىدىن تارتىپ، يىراق يىزىلاردىكى ھەممە كىشىنىڭ تىرىشىشى ئۇچۇن، توغرا ، ساغلام جەميەت قۇرۇشى ئۇچۇن تىرىشىچانلىق كۇرسىىتپ باقايلى. ئۇلمىگەن جاندا ئۇمىت بار.ئۇمىتسزلەنمەڭ. بىزنىڭ تېخى ئۈمىتسىزلىنىشكە سەۋەبىمىز يوق. ھېچقانداق ئىشقا سەۋەپ ئىزدىمەڭ. بىر ئىشلارنى ياخشى قىلالماسلىققا سەۋەپ ئىزدەش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنشى. جەميەتتە ئۇزىمىز خالاپ خالماي ، بىلىپ بىلمەي تاللاپ قالغان بىر كىشىلىك ئۇرنىمىز بار. ھەممەيلەن شۇ ئۇرنىدا ياخشى ئىشلىسۇن. مودىللىققا قىززىقىدىغان قىزلىرىمىز جۇڭگۇدىلا ئەمەس دۇنيادىمۇ نەتىجە ئالسۇن. شۇنداق قىلسا قوڭىنى ئۇچۇق قويدى، يادرۇ پىزىكىسى ئۇقۇپ بىزگە ئاتۇم بومبىسى ياساپ بەرمىدى دەپ ئۇلارنى تىللاپ يۇرمەيلى. ناخشىچىلىرىمىز ئىچكىردە ئانچە مۇنچە يۇز تاپقنىغا خوشال بۇلۇپ يۇرمەي بۇلسا جېكسۇندىن ئاشۇرۋەتسۇن. چىچىنى ئۇزۇن قۇيامدۇ ، يا ئىشتىنى كەڭ كىيەمدۇ ئۇزىنىڭ ئىشى. ناۋايلىرىمىزمۇ ئابلاجاندەك ئۇيغۇر نانلىرىنى تۇنۇتسۇن، بۇلسا ئىچكىرنىڭ ھەممە شىەھەرلىرىدا ناۋايخانىلار قۇرۇلسا ، بىزدىن قانچىلىق ناۋاي مىليونىرلار چىقار. داۋازلىرىمىز ئاسماندا ماڭسا، نىمىشقا يەردە ماڭمەيسەن، ساراڭمۇ سەن،ئاسماندا ماڭغانغا قانچە ئۇيغۇرنىڭ قوسىقى تۇيىدۇ دىمەيلى. شۇ ئۇيغۇرنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزىدىغانغىمۇ ئادەم بار. ئىشقىلىل ھەممە ئادەمنى ئالىم بول، كەشپىياتچى بۇل دىگىلى بۇلمايدۇ، لېكىن ھەممە ئادەمنى ئىشڭنى ياخشى قىل دىگىلى بۇلىدۇ. بىر بىرىمىزگە كۇيۇمچان بۇلايلى. ھۇكۇمەتتە ھۇقۇق تۇتقانلار ھۇكۇمەتكە دىسۇن، شۇنداق تۇققىنى بارلار تۇققىننىغا دىسۇن. پەقەت بىرلا ئېغىز گەپنى ھەقىقەت دەپ بۇلسىمۇ ئۇچرىغانلار ئادەمگە چۇشەندۇرۇڭ.يەنى ئۇلارغا دەڭ ، مىللىتمىزدا ئۇمىت يوق ئەمەس بەلكى ئۇمىت زور. بىزگىمۇ شۇ 20-30 يىللىق تىرىشىشى كىرەك. 20-30 يىلدىن كىيىن بىز خۇدا بۇيرۇسا مىللىىتمىزنىڭ تەرەققى قىلغان ئاشۇ ھالىتىمىزنى كۇرۇشكىمۇ ئۇلگۇرىمىز تېخى. قايتا قايتا دەڭ. ئىزىپ جىق مىساللارنى ئېلىپ دەڭ، مۇنبەردىكى بىلىمدان دۇسلرىمىز بۇ ئۇچۇن تېخىمى جىق ئىديۋى ئاساس تەيييارلاپ بەرسە تېخى ياخشى، ھىچ بۇلمىسا Hello life دوستىمىزنىڭ ئازراق ئۇيلىغىنى باردۇر. مۇشۇلارنى ھەممىنى دەڭ. ئاخىردا شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلتۇرۇڭ: بىزدىن ئۇمىت زۇر، كەلگۇسىمىز پارلاق، ئۇ غۇۋا چۇش ئەمەس، ئۇنىڭغا پەقەت 20يىللا كىرەك. پەقەت 3تىن بىر ئۇمرىمىزلا كىرەك. تىرىشايلى، كەلگۇسى تېخىچە يەنىلا ئۇزىمىزنىڭ قولىدا.!!!!

    خۇلاسە كالام، مانا بۇلار ، جېك، پېك دىگەن ئاداشنىڭ 500 دوكتۇرنى شىپا كەلتۇرۇپ، ئۇلارنى گۇۋاچىلىققا تارتىپ سىلەرگە دىمەكچى بۇلغان يۇرەك سۇزى. بىرقىسىم گەپلەر قاتتىق كەتكەندۇ، بىر قىسىم گەپلەر بەك نەزىريۋى بوپ كەتكەندۇ. لېكىن نەزىرىيە دىگەن ھامان ئەمىلىيەتنىڭ ئىنتىلىش يۇنۇلىشى بۇلىدۇ. گىپىم تەسىر قىلغان بۇلسا دوسلىرىڭلارغا دەڭلار. كىسەل بوپ قالغان ئادەمگە سەن ئەتىلا ئۇلۇسەن دىىسڭىز ئۇ ئەتىسى ئۇلمىسىمۇ ئۆگۇنى ئۈلىدۇ. قارا ئاۋۇ سەمەت تازمۇ ساڭا ئۇخشاش كىسەلتى ، ساقىيىپ مانچە قىزبالىنى كەينىگە سېلىپ يۇرۇيدۇ، سىنىڭ ئۇنىڭدىن نىمەڭ كام دىسڭىز ئۇ ساقىيىپ قىلىشى مۇمكىن . ئىشلار بەزىدە شۇنداق ئاددى. ئۇشبۇ تىمىنى ئۇقىغان ئۇقۇرمەن دۇسلىرىڭلارغا تەۋسىيە قىلىڭلار، قەلەم قۇۋۋىتى مەندىن نەچچە ھەسسە كۇچلۇك، بېرقى، ئا.جالالىدىن ، ئەختەم ئۇمەر،

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق