ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، بۇ يىل 18-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە، كانادانىڭ ۋانكۇۋىر شەھرىدە، ئامېرىكا ئوپتىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقارالىق ئىلمى تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ تېپىپ چىققان يېڭى ئالگورىزىمى توغرىسىدا، پۈتۈن دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرىگە بىر ئىلمىي دوكلات بەردى.
سۈرەتتە: ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ئاشۇ خەلقارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا.
ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم يۇقۇرقى يىغىن جەريانىدا، ئۆزىنىڭ دوكتۇر ئاشتى تەتقىقات جەريانىدىكى ئۇستازى، جورجىيا تېخنولوگىيە ئىنىستوتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، دۇنياغا داڭلىق ئالىم Rick Trebino بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
سۈرەتتە: ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم Rick Trebino ۋە ئۇنىڭ ئايالى Lisa بىلەن بىرگە.
;{!Vt&4;W ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ بۇ يىل ئىچىدىلا، خەلقارالىق داڭلىق ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلىرى 9 پارچىغا يەتكەن. ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت-سائادەت، ئوقۇش، خىزمەت، تەتقىقاتلىرىغا ئۇتۇق، نەتىجىلەر تىلەيمىز.
23-ئىيۇل (دۈشەنبە) يېڭىدىن قوشۇلغان مەزمۇن:
4ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بىر ئايلىق تۇققان يوقلاش، دەم ئېلىش ۋە سەيلە-ساياھەت، زىيارەت ئۈچۈن ئائىلىسى بىلەن بىرگە بۈگۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ ئاساسلىقى ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىرىدە بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ئارزۇسىدىكىلەر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەيسىزلەر.
`مەنبەسى : بىلىك كۇلۇبىدىن : Eagle (بۈركۈت) يازمىسى .
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=12226&highlight= -ئۇيغۇر ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى :
بىلىك كۇلۇبى باشقۇرغۇچىسى ئەليار ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن ئېلىندى .
ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە "Nasa" دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىغىدا، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى "Jet Propulsion Laboratory" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۇنياغا تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ -- كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۇنئى ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇشقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستىمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇشقۇرى ئىۋەرتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىدارىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن-بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن سىدىق. ئەركىن سىدىق 1950-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قوسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان(بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى "دېڭ شياۋپىڭنى كۆرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش" ھەرىكەتلىرى بولىۋاتقان دەۋىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا-زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى(ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دىيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا "قايتا تەربىيە" ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1977-يىلى 12-ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 2-بولغان. ھەمدە 1978-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو-ئېلېكترونىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1-يىلىدىكى پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان "تەييارلىق باسقۇچى" نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپىي دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى--مۇھەررىردىن) نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇ ئا ر) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇ ئا ر لىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت، دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. ئاخىرقى 2 يىل ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق گرامماتىكىلىرىنىمۇ تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ھاياتى جەريانىدا، ئەركىن سىدىق خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىن ئىبارەت 3 تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىنغان. 1983-يىلى ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېلېكترو-ماگنېتىكىسى ۋە مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1985-يىلى 9-ئايدا ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تاللىغان ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىگە ئەركىن سىدىق 1-بولۇپ تاللىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. ھەمدە ئۇ يەردە 1988-يىلى 4-ئايغىچە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1991-يىلى چىققان "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ بىر سانىدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش-ئىزلىرى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن.
نەقىل:
"ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن ئاقسۇدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى (ئۇيغۇرچە قوبۇل قىلىش نومۇر ئۆلچىمىدە) نەتىجە بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرگەن. رادىئو-ئېلېكترونىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ، ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەلا ئوقۇغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 72 دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ياپون، ئىنگلىز تىللىرىدا 19 پارچە دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بەزى دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى ئامېرىكىدىكى دۇنيانىڭ ئالىي قاتلىمىغا مەنسۇپ ئىلمىي ژورناللىرىدا ئېلان قىلىندى.
(1991-يىلى شىنجاڭ نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان <<دەۋر ئىلھاملىرى>> دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى. بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.)
ئەركىن سىدىق 1988-يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 90-يىللاردا، ئەركىن سىدىقنىڭ يۇقىرىدا خۇلاسىلاپ تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىقتىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى "ئەركىن سىدىق ھادىسىسى" دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى "ھادىسە" بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىى-پەن ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژورنىلىدا تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، ھەمدە قىسقىغىنە 2 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا "ئەركىن سىدىق ھادىسىسى" پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1991-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەركىن سىدىقنى مەدھىيىلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغانىدى:
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدى پەرۋاز .
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەي! ئەركىن سىد
بەستىڭدە چۆل، بوستان ھارارىتى بار.
تېنىڭدە ئاقسۇنىڭ گۈل-گىياھلىرى
ۋە تارىم توپىسىنىڭ خۇش بۇي ھىدى بار.
ئۇچتۇڭسەن، ھالقىدىڭ تەڭرىتاغدىن ھەم،
ئىگىلىك كۈچەيگەن بىر ئەلگە باردىڭ،
تىنچ ئوكيان ئۈستىدىن سەن ئۆتۈپ شۇدەم. 2
سەن كىچىك بالىلىق چاغلىرىڭدىل
كۆرگەنسەن شېرىن ۋە گۈزەل چۈش بەلكى.
شۇ چۈشلەر ئەمەستى ئاساسسىز خىيال،
ئەمەستى گىرىمسەن قاقاس چۆلدىك
ئۇ ئىدى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە،
قۇرۇلغان ئىشەنچ، كۈچ، ئەجىر-ئەقىدە
مۇقامنىڭ كۈيىدىن ياڭرىغان بەلەن،
ۋە <<قۇتادغۇ بىلىك>> پەلسەپەسىدىن،
قەمبەرخان ئوينىغان ئۇسسۇلدىن لېۋەن،
ئويلاندىڭ قايتىلاپ، ھايات ھەققىدە،
ھېس قىلدىڭ نىمىمىز كەملىكىنى سەن. غىچىرلاپ ماڭىدۇ ئېشەك ھارۋىسى، بېسىلغان كەبى كۆپ ئەسىرلەر يۈكى،
يۈرىكىڭنى ئېزىپ ئۆتتى ئىز سېلىپ. ئېلىپنى تاياقتىن ئايرىيالمىغان،
بالىلار كۆزىنىڭ خىرە نۇرلىرى
ئاغرىتتى قەلبىڭنى گويا سانجىلىپ. 8
مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىك تالانتلىرىنىڭ،
ھېس قىلدىڭ مىللىتىمىزدە كەملىكىنى سەن،
ئۇلارسىز خام-خىيال بىرەر مىللەتنىڭ،
گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشى جەزمەن
بايقىدىڭ ۋە تاللاپ ئالدىڭ نىشاننى،
شۇ ياققا ماڭدىڭ چىڭ قەدەملەر تاشلاپ.
تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىڭنى
تەسەۋۋۇر قىلىمەن سېنىڭ قانچىلاپ................http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-3046.html