-
2008-04-17
كومپىيۇتېر ئاسراش بىلىملىرى - [كومپىيوتىر بىلىملىرى]
كومپىيۇتېرنى مۇۋاپىق ئاسراش ۋە پەرۋىش قىلىش ، كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىش ئۆمىرىنى ئۇزارتىشتىكى مۇھىم مەسىلە ھەمدە بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچىرايدىغان ۋە دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە. تۆۋەندە مەن كومپىيۇتېرنى سېستىمىلىق ئاسراشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
1. مۇھىت ئامىلى
مۇھىت ئامىلىنىڭ كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىگە بولغان تەسىرىنى ھەرگىزمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. كومپىيۇتېرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت مۇھىتىنىڭ تىمپىراتۇرسى 10 سىلسىيە گىرادۇستىن 35 سىلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، ھەددىن زىيادە يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسا كومپىيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرىنى بۇزۇپ قويىدۇ. ئىمكانىيەت يار بەرسە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىش لازىم. نەملىك دەرىجىسى 30%-80% گىچە بولسا بولىدۇ. بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ، بەزى زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسى، ئېغىرراق بولسا قىسقا تۇتىشىش بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ھاۋا نەم كۈنلىرى كومپىيۇتېرنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا كومپىيۇتېرنى توكقا چىتىپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئىشلىتىش لازىم. بەزىلەر كومپىيۇتېرنى ئاز ئىشلەتكەندە ياكى ئىشلىتىش ۋاقتىنى قىسقارتقاندا كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلەش ئۆمىرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش. ئەكسىچە ، كومپىيۇتېرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمىگەندە، كومپىيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرى نەملىكتىن ياكى توپا-چاڭنىڭ سەۋەبىدىن بۇزۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھاۋا ئىنتايىن نەم كۈنلەردە ئىكران ياكى ئاساسىي ماشىنا قىپىدا سۇ تامچىلىرى پەيدا بولسا ، كومپىيۇتېرغا ھەرگىزمۇ توك ئۆتكۈزمەسلىك كىرەك. نەملىكى بەك تۆۋەن بولسىمۇ ئاسانلا سىتاتىك ئىلېكتېر پەيدا بولۇپ، ئوخشاشلا زاپچاسلارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە پايدىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھاۋادىكى چاڭ-توزان مىقدارىنىڭ كومپىيۇتېرغا بولغان تەسىىرىمۇ ئىنتايىن چوڭ. توپا-چاڭ كۆپ بولسا، كۈن ئۆتكەنسىرى كومپىيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرىنىڭ ئاساسىي تاختىسىنى چىرىتىپ كاردىن چىقىرىدۇ. شۇڭا دائىم كومپىيۇتېردىكى چاڭ-توزانلارنى سۈرتۈپ تۇرۇش لازىم.
كومپىيۇتېرنىڭ توك مەنبەسىگىمۇ تەلىپى بار بولۇپ، نورمال توك بىسىمى 220V±10% ئۆپچۆرىسىدە ، چاستوتىسى 50Hz±5% ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ ھەمدە ياخشى يەر سىمى بولۇشى كىرەك. ئىمكانىيەت بولسا ، UPS ( توك ساقلىغۇچ) ئىشلەتكەندە، تۇيۇقسىز توك كەتكەندىمۇ بىر ئاز ۋاقىت توك بىلەن تەمىنلىنىپ، مەشغۇلاتنى تاماملىغىلى بولىدۇ.2. ئىشلىتىش ئادىتى
شەخىسلەرنىڭ كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىش ئادىتىمۇ كومپىيۇتېرغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ كومپىيۇتېرنى قوزغىتىش ۋە ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى. كومپىيۇتېرنى قوزغىتىش قەدەم-باسقۇچى مۇنداق: ئالدى بىلەن سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنىڭ ( مەسىلەن : پىرىنتنېر، سىكانىر قاتارلىق) توك مەنبەسىنى ئاچىمىز ، ئاندىن ئىكراننىڭ توك مەنبەسىنى ئۇلايمىز، ئاخىرىدا ئاساسىي ماشىنىنى توكقا ئۇلاپ قوزغىتىمىز. مۇمكىن بولسا ئىكران بىلەن ئاساسىي ماشىنىنى بىر مەنبەگە چاتماسلىق لازىم. كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈش دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئاۋال ئاساسىي ماشىنىنى ئۆچۈرىمىز، ئاندىن ئىكراننى ، ئەڭ ئاخىرىدا سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنى ئۆچۈرىمىز. سەۋەبى ئاساسىي ماشىنىغا بولغان زىياننى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىش. چۈنكى ، ئاساسىي ماشىنىغا توك ئۇلاقلىق خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھىت ئاستىدا سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنى توكتىن ئۆچۈرگەندە ئاساسىي ماشىنىغا بولغان توك بىسىمى ئېقىمىنىڭ زەربىسى چوڭ بولىدۇ. ئاساسىي ماشىنىنى ئۆچۈرگەندىن كىيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى قايتا-قايتا قوزغاتماسلىق ياكى ئۆچۈرمەسلىك كىرەك، سەۋەبى ئۇنداق قىلغاندا ئاساسىي تاختىدىكى زاپچاسلارغا ، بولۇپمۇ قاتتىق دىسكىغا كىلىدىغان توك بىسىمى كۈچلۈك بولۇپ، قاتتىق دىسكىنى ئىغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ 10 سىكونتتىن كىيىن ئۇنى قايتا قوزغاتسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بولۇپمۇ كومپىيۇتېر نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان شارائىت ئاستىدا ئۇنى توكتىن ئۈزۈشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەگەر ماشىنا سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقوۋاتقاندا تۇيۇقسىز توكتىن ئۈزۈۋىتىلسە ، قوزغاتقۇچلار ( يەنى قاتتىق دىسكا، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ)نى كاردىن چىقىرىش خەۋىپى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا كومپىيۇتېر خىزمەت قىلىۋاتقان چاغدا ئامالنىڭ بىرىچە ئۇيان-بۇيانغا يۆتكەشتىن ساقلىنىش كىرەك، بولمىسا يۆتكەش داۋامىدىكى تەۋرىنىش قاتتىق دىسكىغا ئوخشاش زاپچاسلارنى كاردىن چىقىرىدۇ. كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرگەندە ئاۋال بارلىق يۇمشاق دىتاللاردىن چىكىنىپ چىقىپ ئاندىن سىستېمىدىن چىكىنىپ تەرتىپ بويىچە ئۆچۈرۈش كىرەك. بولمىسا مەشغۇلات سىستېمىسى ئاسانلا كاردىن چىقىدۇ.3. قاتتىق دىتال كاشىلىسى
كومپىيۇتېرنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كاشىلىلاردىن ساقلىنىش تەس. بۇنداق كاشىلىلار قاتتىق دىتالنىڭ كاشىلىسى بولۇشىمۇ ياكى يۇمشاق دىتالنىڭ كاشىلىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، يىڭى قۇراشتۇرغان كومپىيۇتېرلاردا كۆرۈلگەن كاشىلىنىڭ قاتتىق دىتالنىڭ كاشىلىسى بولۇش ئىمكانىيتى بىر قەدەر چوڭ. ئاساسىي ماشىنا ھەرىكەتلىنىپ بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن كاشىلا كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. قاتتىق دىتالنىڭ كاشىلىسىغا نىسبەتەن ئىيىتقاندا، بىز بىر نەچچە خىل زاپچاسنىڭ خارەكتىرى، ئالاھىدىلىكى، ئىش ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە كۆپ ئۇچىرايدىغان كاشىلىسىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالساقلا ، ئۇنداق كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئوڭايغا چۈشىدۇ.
(1) ياخشى تىگىشمەسلىك كاشىلىسى
ياخشى تىگىشمەسلىك كاشىلىسى ئادەتتە ھەرخىل كارتا، ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU ) قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن ياخشى تىگىشمىگەنلىكىنى ياكى توك مەنبە سىمى، ئۇچۇر سىمى، ئاۋاز سىمى قاتارلىق تۈرلۈك سىملارنىڭ ياخشى ئۇلانمىغاننى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوقۇرنى ئالماشتۇرۇپ سىلىپ بىقىش ياكى كارتىدىكى ئوقۇرغا سىلىندىغان قىسمىنى ئۆچۈرگۈچ بىلەن سۈرتۈپ قايتا سىلىش ئارقىلىمۇ كاشىلىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
(2) پارامىتېرنى توغرا تەڭشىمەسلىك كاشىلىسى
CMOS پارامىتېرىنى تەڭشەش ئاساسەن قاتتىق دىسكا، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ تىپىنى تاللاش، مەخپىي شىفىر سىلىش، قوزغىتىش رەت تەرتىپىنى تاللاش، ۋىروستىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىچىش ۋە ئىتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. پارامىتېر تەڭشەلمىسە ياكى توغرا تەڭشەلمىسە، سىستېما خاتالىق ئۇچۇرى چىقىرىدۇ.
(3) قاتتىق دىتالنىڭ ئۆزىدىكى كاشىلا
قاتتىق دىتالدىن كۆرۈلگەن كاشىلا ئۇنىڭ سۈپەت مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە يۈكنىڭ ( خىزمەت يۈكىنىڭ ) ئارتىپ كىتىشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ بولىدۇ. مەسىلەن توك مەنبەسىنىڭ خىزمەت بىسىمى تۆۋەن ياكى CPU ئاشۇرما چاستوتا ھالىتىدە خىزمەت قىلسا ئاسانلا ئاساسىي ماشىنىدا كاشىلا كۆرۈلىدۇ.
(4) يۇمشاق دىتال كاشىلىسى
يۇمشاق دىتال كاشىلىسى ئادەتتە قاتتىق دىتال قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تولۇق قاچىلىيالماسلىق ياكى ۋىروس بۇزۇۋىتىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. قوزغىتىش پىروگراممىسى تولۇق قاچىلانمىغاندا ياكى قوزغىتىش پىروگراممىسى ئۆز-ئارا توقونۇشۇپ قالغاندا بايلىق باشقۇرغۇچتا ھەرخىل بەلگە ئارقىلىق مەلۇم دىتالنىڭ تولۇق قاچىلانمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە <؟> بەلگىسى نامەلۇم دىتال ياكى ئۈسكۈنىنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسىنىڭ نورمال قاچىلانمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، < ! > بەلگىسى مەلۇم دىتال ياكى ئۈسكۈنىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىدا توقۇنۇش بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، < x > بەلگىسى مەلۇم دىتال ياكى ئۈسكۈنىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنىڭ توغرا قاچىلانمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ۋىروسنىڭ كومپىيۇتېرغا بولغان زىيىنىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىمىز. يەڭگىلرەك بولغاندا ئىشلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ھۆججەتلەرنى بۇزىۋىتىپ كومپىيۇتېرنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئۈنۈمى ياخشى بولغان ۋىروسخورلارنى ئىشلىتىش، نەشىرىنى داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرۇش ، قەرەللىك ھالدا ۋىروس تازىلاپ تۇرۇش، ئۇندىن باشقا ھەرخىل قاتتىق دىتاللارنىڭ ۋە سىرىتقى ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى زاپاسلاپ ساقلاپ قويۇش لازىم.历史上的今天:
世界上最漂亮的城市夜景( 2008-04-17图片 2008-04-17ماشىنا ھەۋەسكارلىرى 2008-04-17چىرايلىق رەسىملەر 2008-04-17ئەددەسسىز رەسىملەر 2008-04-17
收藏到:Del.icio.us