• 2008-04-30

    مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]


    يېقىندىن بۇيان ۋەتەندىن ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن مەسلىھەت سورايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇشىدىكى بىلىم قورۇلۇشىنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن نېمە كەسىپنى تاللىسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سورايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسى بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىدۇر. مەسىلەن، مەندىن مەسلىھەت سورىغان ياشلار تىلغا ئالغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىدىغان بولساق، ئۇلارنى كەم دېگەندە تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:

    ٭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ
    ٭ ئاتا-ئانىسى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ
    ٭ ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسىپ
    ٭ ئالماشماقچى بولغان كەسىپ
    ٭ تەبىئىي پەندىكى كەسىپ
    ٭ ئىجتىمائىي پەندىكى كەسىپ
    ٭ ۋەتەندە ئاسان ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدىغان كەسىپ
    ٭ چەت ئەلدە ئاسانراق جان باققىلى بولىدىغان كەسىپ
    ٭ باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ
    ٭ ۋە باشقىلار

    مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمدىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىغان ياشلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەي كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم. مېنىڭ ئۇنداق قىلالماسلىقىمدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرسى، مەندىكى ۋاقىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىق--بۇ يىل يازدىن باشلاپ مېنىڭ ئىدارىدىكى خىزمەت ۋەزىپەم يەنىمۇ ئېغىرلاشتى. يەنە بىرسى بولسا، ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسى بىر ئادەمنىڭ قانداق قىلغاندا ئۆز ئۆمرىنى خۇشال، بەختلىك، مەنىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىغا دائىر بىر چوڭ مەسىلىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، كەسىپنى قانداق تاللاشتىن ئىبارەت بۇ تارماق مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بىر ئادەم ئۆز ھاياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات، ئۆزى رازى بولغۇدەك ھايات قىلىپ ئۆتكۈزەلىشى ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. مېنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەر بىر ياشقا ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈپ جاۋاب خەت يېزىش ئىمكانىيىتىم يوق. شۇڭلاشقا، ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلاش قارارىغا كەلدىم. بۇ يازما جەمئىي ئىككى بۆلۈم بولۇپ، ھازىرقىسى ئۇنىڭ 1-بۆلۈمىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بۇ بۆلۈمنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى باشلايمەن.

    بۇنىڭدىن تەخمىنەن 25 يىل بۇرۇن، يەنى 1982-يىلى، مەن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇنداق بىر تەڭلىمىسىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم:

    مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت (1)

    1)
    پۇرسەت

    «
    بىلىۋال» تور بېتىنىڭ مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككى قېتىملىق يازما سۆھبىتىنى ۋە مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى ئوقۇپ باققان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى تەڭلىمىنى بۇرۇن كۆرۈپ باققان. مەن يۇقىرىقى تەڭلىمىنى ئۆزۈمنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىغا كىرگەندىن كېيىنكى بىر قانچە يىللىق سەرگۈزەشتلىرىم ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان ئىدىم. بالىلىق دەۋرىمدە مەن ئۆزۈمنى يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ بالىلىرى بىلەن كۆپ سېلىشتۇراتتىم. بەزى ئىشلاردا مەن ئۇلاردىن سەل ئەقىللىقراق بولساممۇ، يەنە بەزى ئىشلاردا ئۇلار ماڭا قارىغاندا كۆپ ئەقىللىق ئىدى. بولۇپمۇ ئېتىزلىق ئىشلىرىدا ۋە بۇزۇلۇپ قالغان يېزا سايمانلىرىنى ياساش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلار ماڭا قارىغاندا خېلى ئەقىللىق، چاققان ۋە قولى ئەپلىك ئىدى. مەن ئۇلارغا ئىنتايىن قايىل ئىدىم. مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنداق سوئالنى داۋاملىق سوراپ تۇراتتىم: "دېھقان بالىلىرى بىلەن مەندەك شەھەر بالىلىرىنىڭ تۈپ پەرقى نەدە؟" بارا-بارا مەن بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ پەرقلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتى، مەكتەپ سۈپىتى، بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان، ۋە قىلىدىغان ئىشلاردىكى پەرقلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، يەنى پۇرسەت جەھەتتىكى پەرق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.

    مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، يېزىدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقاندا، بىر يەردە ئېيىغا 20 سومدىن كۆپرەك مائاش ئالىدىغان بىر ئىشچى ياكى خىزمەتچى بولۇشنى ئۆزۈم ئۈچۈن غايە قىلىپ تىكلىگەن ئىدىم. ئۇ چاغدا بىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن چوڭراق ئىشلارنى كۆزلەشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى -- ئالدىمىزدا بىز تاللايدىغانغا ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق ئىدى. دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر پەۋقۇلئاددە پۇرسەت بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىلايەتتە ياكى ناھىيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچى ياكى خىزمەتچى ئەمەس، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولالىدىم. بۇ يەردە پۇرسەت مەن ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى. مەن ھازىرمۇ بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن: "ئەگەر شۇ قېتىملىق ئىسلاھات يۈز بەرمىگەن بولسا، مەن ھازىر نەدە نېمە ئىش قىلىپ يۈرگەن بۇلاتتىم-ھە؟" دەپ سوراپ قويىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر ۋە يېزىلاردا ئەقىللىق ۋە ناھايىتى تىرىشچان ياش-ئۆسمۈرلەر ئىنتايىن كۆپ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ كىشىلەر ئۆز يۇرتىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ. يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيالمايدۇ. ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە باشقا يوشۇرۇن كۈچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى جارى قىلدۇرالماي بۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەتنىڭ بولمىغانلىقىدىندۇر.

    2)
    تالانت

    يۇقىرىقى تەڭلىمىدىكى "تالانت" تۇغما تالانت بىلەن تۇغما ئەقىللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2)

    ئوخشاش بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان ئوقۇش نەتىجىسىدىكى زور پەرقلەرنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ تالانت ۋە تىرىشچانلىقتىكى پەرقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزى ئوقۇغۇچىلار "مەن چوقۇم قاتتىق تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇيمەن" دەپ ئىرادە تىكلەپ، كۈنىگە 15-16 سائەت ئۆگىنىش قىلىپمۇ يەنە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سىنىپنىڭ ئارقىسىدا قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كىشىلەردە تۇغما تالەنت ۋە تۇغما ئەقىل جەھەتتە پەرق بارلىقىنى، ھەمدە تىرىشچانلىق ئەقىلنى تولۇق ئىشقا سېلىپ يەكۈنلەپ چىققان توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمىسا، ئانچە ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

    دېمەك، يۇقىرىقىدەك كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، مەن تۈزۈپ چىققان يۇقىرىقى تەڭلىمە خېلى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇپ، 24 ياشلارغا كىرگەن ۋاقتىمدا تۈزۈپ چىققان بۇ بىر تەڭلىمە ئۈچۈن مەن تاكى يېقىنغىچە ئۆز-ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم.

    3)
    ئىقتىدار

    لېكىن، كىشىلەر تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يېڭى تالانت، يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەت ۋە يېڭى ئىقتىدارلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ بىر خىل ئىقتىدار بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئورتاق ئەمەس. مەن بۇ يەردە يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىنچاقلاپ "ئىقتىدار" ( ئىنگلىزچە "سكىللس") دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

    يەنى "ئىقتىدار" تۇغۇلغاندىن كېيىن يېتىلدۈرگەن تالانت، بىلىم، ماھارەت، ئىقتىدار ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3)

    يۇقىرىقى 1-تەڭلىمە "ئىقتىدار" نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. بۇ مېنى يۇقىرىقى "مۇۋەپپەقىيەت" تەڭلىمىسىنى قايتا يېزىپ چىقىشىمغا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرسىدۇر.

    4)
    يۈكسەك قىزىقىش

    4-
    ئۆكتەبىر كۈنى (يەنى 2007-يىلى 4-ئۆكتەبىر كۈنى) مەن ئايالىم ئامانگۈل بىلەن بىللە ئۆيىمىزگە 30 كم دەك كېلىدىغان ھولليۋوئود شەھىرىدىكى كوداك تىياتىرخانىسىغا بىر كونسېرت كۆرگىلى باردىم. بۇ تىياتىرخانا دۇنيادا كىنو ساھەسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپات بولغان "ئوسكار مۇكاپاتى" نى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىياتىرخانىلارنىڭ بىرسى بولۇپ، كونسېرتتا ئويۇن كۆرسەتكۈچىلەر دۇنياغا تونۇلغان تۈركىيىلىك ناخشىچى سەرتاب ئەرەنەر بىلەن كومپوزىتور ۋە پىيانوچى فاھىر ئاتاكوگلۇ (<> گە قاراڭ) لار ئىدى. تۈركىيىلىك ئايال ناخشىچى سەرتاب ئەرەنەر 2003-يىللىق ياۋروپا "ئەئۇروۋىسىئون" ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، دۇنياغا داڭق چىقارغان. بىز ئەسلىدە لوس ئاڭەلەس رايونىدا تۈركلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، "بۇ كونسېرتقا ئېھتىمال بىر قانچە يۈز تاماشىبىن كېلەر"، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. ئەگەر راست شۇنداق بولسا، بۇ زالنىڭ بىر ئاخشاملىق ئىجارىسى بەك قىممەت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇڭا، كەلگۈسىدە بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئارتىستلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ ئويۇن قويدۇرۇش ئارزۇسىدا، مەن بۇ تىياتىرخانىنى بىر ئاخشام ئىجارىگە ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى سوراپ باقماقچىمۇ بولدۇم. لېكىن، ئۇ تىياتىرخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھەيران قالدىم. بۇ تىياتىرخانا 3 قەۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىي 3600 ئەتراپىدا ئادەم سىغىدىكەن. بىز ئولتۇرغان يەردىن ئۈستۈنكى 2 قەۋەتنى كۆرگىلى بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئويۇن باشلانغۇچە تىياتىرخانىنىڭ 1-قەۋىتى تۈركىيىلىك تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. پەرىزىمچە 1-قەۋەتتە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىلا 2000 كىشىدىن ئېشىشى مۇمكىن. مەن بۇ ئويۇننى كۆرۈۋېتىپ، مۇنداق خىيالغا چوڭقۇر پېتىپ كەتتىم: ئۇنىڭ بىرسى، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى 10 مىليون ئەتراپىدا بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئاران 600-700 گە يېقىن ئادەم بار. بۇ كونسېرتقىمۇ ئاران 6 ئۇيغۇر كەلدۇق. لوس ئاڭەلەستىن ئىبارەت بىر شەھەردىلا بىر كونسېرتنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان تۈرك تاماشىبىنلارنىڭ سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز بۇرۇن ئارىلىشىپ باققان 30-40 تۈركىيىلىكلەردىن بىرەرسىمۇ كۆرۈنمىدى. تۈركىيىدىكى نوپۇسنىڭ ئومۇمى سانى 70 مىليون ئەتراپىدا بولغاچقا، ئەگەر بۇ كونسېرتقا كەلگەن تۈرك تاماشىبىنلار بىلەن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ نوپۇسقا سۇندۇرغان نىسبىتىنى سېلىشتۇرساق، لوس ئاڭەلەس شەھىرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق تۈرككە ئاران 42 ئۇيغۇر توغرا كەلدى، دېگەن سۆز. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالىغا ناھايىتى ئېچىندىم. "ئۇيغۇر ئارتىسلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، مۇشۇ تىياتىرخانىدا ئويۇن قويدۇرۇش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەسكەن"، دەپ ئويلىدىم. ئەگەر راستتىنلا چاقىرتساق، ئۇنىڭغا قانچىلىك تاماشىبىنلار كېلەر؟ ئۇنىڭ يەنە بىرسى، فاھىر ئاتاكوگلۇنىڭ پىيانو چېلىۋاتقان ۋاقىتتىكى قىياپىتى ئىدى. ئۇ مېڭىپ، سەھنە ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە بىر ناھايىتى گەۋدىلىك، تېتىك ۋە ھەيۋەتلىك قىياپەتتە كۆرۈنەتتى. لېكىن، پىيانو چالغاندا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھەرىكەتكە كېلىپ، بېلى 90 گرادۇسقا يېقىن ئېگىلىپ، خۇددى پىيانونىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىدىن، پىيانودا بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا، ئۇنىڭ پىيانوغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانلىقى، پىيانونىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرغاندا، ھازىرمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى پىيانودىن ئىبارەت بىرلا نەرسە قاپلايدىغانلىقى، ئۇنىڭ پىيانو چېلىشنى ئىچ-ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. دۇنياغا داڭلىق پىيانوچى بەتھوۋىنمۇ فاھىر بىلەن ئوخشاش خىلدىكى ئادەم ئىدى.

    شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن يەنە بىر نەچچە يېڭى سوئاللارنى سوراشقا باشلىدىم:

    1)
    يۈكسەك قىزىقىش بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟

    2)
    يۈكسەك قىزىقىش نەدىن كېلىدۇ؟

    3) "
    يۈكسەك قىزىقىش" نى يۇقىرىقى تەڭلىمىگە كىرگۈزۈش كېرەكمۇ-يوق؟ئەگەر كىرگۈزۈش كېرەك بولسا، قايسى تەرىقىدە كىرگۈزۈش كېرەك؟

    مېنىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلەلىشىمدىمۇ ئۆزۈمنىڭ مەكتەپ ۋە بىلىمگە بولغان پەۋقۇلئاددە قىزىقىشىم ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ مەكتەپكە ئىنتايىن ئامراقلىقىم ئاساسەن تۇغما ئىش ئىدى. كېيىنچە مەندە ھەرقانداق بىلىمگە، ھەر قانداق يېڭى نەرسىگە قىزىقىدىغان بىر مىجەز پەيدا بولدى. مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا رادىئو تېخنىكىسىغا قىزىقىشىم ئاكامنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بولغان ئىدى: ئاكام رادىئو قۇراشتۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، مەن داۋاملىق ئۇنىڭ يېنىدا قاراپ ئولتۇراتتىم. بەزىدە ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە ياردەم قىلاتتىم. شۇ جەرياندا ئۆزۈممۇ تەدرىجىي ھالدا رادىئوغا قىزىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ئۈچۈن رادىئو ئېلېكترونىكا كەسپىنى تاللىدىم. دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىمۇ ئېلېكتر ئىنجھېنېرلىقى كەسپىدىن ئالدىم. شۇنىڭدىن تارتىپ ئېلېكتر ئىنجھېنېرلىقى كەسپىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئوپتىكا ساھەسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن. دۇنيادا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئامېرىكىدا داڭلىق ۋاسكېتبولچىنىڭ ئوغلىمۇ داڭلىق ۋاسكېتبولچى بولىدىغان، داڭلىق كىنو ئارتىستىنىڭ بالىسىمۇ داڭلىق كىنو ئارتىستى بولىدىغان، مەبلەغ سېلىپ مىليونېر ۋە مىلياردېر بولغانلارنىڭ بالىسىمۇ ئوخشاش كەسىپتە، ھەتتا دادىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلەپ، ئۆزلىرىمۇ ئىنتايىن باي بولغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بىزنىڭ بۇرۇن بىر قوشنىمىز بار بولۇپ، ئۇ ئۆيدىكى ئەر موتسىكلىت مىنىشكە ئىنتايىن ئامراق ئىدى. ئۆزىنىڭ ئېسىل موتسېكلىتلىرىدىن بىر قانچىسى بار ئىدى. كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلەن قۇرداش 3 ئوغلىنىڭ ھەممىسىگە موتسىكلىت ئېلىپ بەردى. ھەر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئائىلە بويىچە بىر يىراق جاڭگالغا بېرىپ، موتسىكلىت مىنىپ كېلەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئائىلىدىكى ھەممە بالىلار موتسىكلىتقا قىزىقىدىغان بولۇپ چوڭ بولدى.

    دېمەك، بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان قىزىقىشى تۇغما بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان يۈكسەك قىزىقىشى بولسا، ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا باشقا كىشىلەرنىڭ ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.

    5)
    تىرىشچانلىق

    مېنىڭچە، تىرىشچانلىق مۇنداق تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    تىرىشچانلىق = قەتئىي نىيەتكە كېلىش + باتۇرلۇق + قاتتىق ئىشلەش + ئاداققىچە بوشاشماسلىق (4)

    دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق مىلياردېر دونالد ترۇمپ 2007-يىلى 16-ئۆكتەبىردە بىر كىتاب چىقاردى. بۇ كىتاب ئۇ ھازىرغىچە يېزىپ چىققان 5 تىن ئارتۇق كىتابنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭ ماۋزۇسى: «چوڭ-چوڭ ئىشلارنى كۆزلەپ، سۆڭگىچىگە تەپ» (ئىنگلىزچە "تھىنك بىگ ئاند كىچك ئاسس"). مېنىڭچە بۇ يەردىكى "سۆڭگىچىگە تەپ" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قەتئىي نىيەتكە كەل، باتۇر بول، قاتتىق ئىشلە ۋە ئاداققىچە بوشاشما دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر مەملىكەتلىك چوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىڭ بىلەن "مىلياردېر بىلەن سىردىشىش" دېگەن بىر پروگرامما ئىشلەپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇ پروگراممىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا پروگرامما رىياسەتچىسى ئۇنىڭدىن "ئەگەر تاماشىبىنلار بۈگۈنكى پروگراممىدىن پەقەت بىرلا سۆزنى ئەستە قالدۇرۇپ قايتىشقا توغرا كەلسە، سېنىڭچە ئۇ سۆز نېمە بولۇشى كېرەك؟" دەپ سورىۋېدى، دونالد ترۇمپ ئۇنىڭغا: "ھەرگىز يېرىم يولدا توختاپ قالما؛ ھەرگىز قىلىۋاتقان ئىشىڭدىن يېرىم يولدا ۋاز كەچمە"، دەپ جاۋاب بەردى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى يۇقىرىقى "ئاداققىچە بوشاشما" دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاشتۇر. بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يۇقىرىقى "تىرىشچانلىق" نىڭ 4 تەركىبىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىر يۈكسەك غايىنى كۆزلەپ تىرىشىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەرسى كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىنگلىز تىلى ياكى باشقا بىرەر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى 4 سۈپەتنىڭ ھەممىسى تەل بولسا، سىز تىل ئۆگىنىشنى چوقۇم بىر باشقا ئېلىپ چىقالىدىڭىز ياكى ئېلىپ چىقالايسىز. ئەگەر سىزدە ئۇلاردىن بىرەرسى كەم بولسا، سىز چوقۇم ئۇ يولدىن ئاللىقاچان قايتتىڭىز ياكى بۇنىڭدىن كېيىن قايتىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرىشچانلىق توغرا ئۇسۇل ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلمىسا، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ. توغرا ئۇسۇل بولسا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى، قايتا-قايتا ۋە ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۈنۈم بېرىدىغان بىر ئۇنىۋېرسال ئۇسۇل مەۋجۇد ئەمەس. ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ئۆزىگە تايىنىپ تېپىپ چىقىشى كېرەك.

    ماڭا خەت يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن چوڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئوقۇشىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى، بىراق، ئوقۇۋاتقان كەسىپكە قىلچە قىزىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئوقۇشىغا زادىلا زېھنىنى يىغالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلارمۇ خېلى كۆپ. دېمەك، سىز ئەگەر بىر ئىشقا قىزىقمىسىڭىز، سىز ئۇ ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمەيسىز؛ يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقنىڭ ئالدىنقى شەرتى، سىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىشىڭىزدىن ئىبارەت. ئەگەر سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا پەۋقۇلئاددە قىزىقسىڭىز، سىز ھەر كۈنى قىلىۋاتقان خىزمەت سىز ئۈچۈن بىر بەختلىك ئىش، سىزگە خۇشاللىق ۋە ھۇزۇرلۇق ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بولۇپ تۇيۇلىدۇ. سىز ئۇنى قانچىلىك قىلسىڭىزمۇ ئۇنىڭدىن ھەرگىز زېرىكمەيسىز. سىز ئۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىڭىزدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەي قالىسىز. پات-پات "ئەگەر ئادەم بىر كۈن ئىچىدە ئۇخلىماي، تاماق يېمەي، 24 سائەت ئىشلىيەلىگەن بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟" دەپ ئويلاپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز ئۆزىڭىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشقا ياكى كەسىپكە ئازراقمۇ قىزىقمىسىڭىز، ئۇنى قىلىش سىز ئۈچۈن بىر زۇلۇم بولىدۇ. ھەر كۈنى شۇ ئىشنى قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھاياتىڭىز سىز ئۈچۈن ئازاب ۋە ھەسرەت بىلەن تولغان ئېچىنىشلىق ھايات بولىدۇ.

    دېمەك، يۇقىرىقى ئانالىز ئارقىلىقمۇ بىز "يۈكسەك قىزىقىش" نىمۇ "مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى" گە كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز

    ئەركىن سىدىق

    2007-
    يىلى 26-ئۆكتەبىر


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق