ئاق كۆڭۇل قېرىنداشلارغا مۇراجەتنامە

5-قېتىملىق خېمىيلىك داۋالاش ئاخىرلاشتى ~~

ئەگەر ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا ياكى مۇشۇ دەققىلەرگىچە ،تېنىڭىز سالامەت بۇلغىنىڭىزدا ... سىز مۇشۇ كۇنگىچە  داۋاملاشتۇرالمايۋاتقان ، كېسەل كارۋىتىدا جان تالىشىۋاتقان مىڭلىغان -تۈمەنلىگەن ئادەمدىن بەخىتلىكسىز ~~

مەن يۇكسەل بىلوگىدىن قان لازىم دىگەن تىمىنى كۇرۇپ ، بۇ قېرىندىشمنى بىر يوقلاش ئۇچۇن ،شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتىتى قان كېسەللىكلەر 1- بۇلىمىدە ئابدۇراخمانجان بىلەن كۇرۇشتۇم ،  تاتارغان چىرايىلىرى كۇرۇپ سەل مىنىڭ كۆڭلۇمنى غەش بۇلۇپ قالدى . بىردەم پاراڭلاشتىم پاراڭلىشىپ بۇ بالىدىكى بىرخىل خۇش پېئېللىقنى ، مەردانىلىكنى ، ئۇمۇتۋار ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتتىم      . مانا بۇ كېسەل كارۋىتىدىكى ئابدۇراخمانجاننىڭ سۆرئىتى .

 بىردەم ئەۋاللىشىپ بىرنەچچە سۇئال سورىدىم .
       ھازىر ئەھۋالىڭىز قانداقراق ؟ ... دەپ سورىدىم
      بىرىنچى قېتىملىق خېمىيلىك داۋالاش قىلدى ،خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغاندەك ھىس قىلۋاتىمەن، خېمىيلىك داۋالاشنىڭ ئۇنىمى كۆرۇلگەن ئوخشايدۇ  .  ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەن قېرىنداشلىرىمغا  ، قان پىلازمىسىغا جىددى ئېھتىياجلىق  بولغان پەيىتلەردە ئارلىقنى ، ۋاقىتنى ئويلاشماي نەچچە رەت قان ئسكىلاتىغا (中心血站) بېرىپ قان پىلازمىسى تەغدىم قىلىپ ،ئۇزىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە مىنىڭ ھاياتىمنى بۇگۇنگە ئۇلاشتۇرغان دوستلارغا  چىن كۆڭلۇمدىن رەخمەت ئېيتىمەن ،  كېسىلىمگە شىپالىق بېرىشنى ئۇلۇغ اللە دىن تىلەيمەن ، ئەگەر ساقىيىپ قالسام چۇقۇم قىلغىنىڭلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن .
     سىز بۇنداق كېسەل بۇلۇپ قالغانلىقىڭىزنى قانداق بىلدىڭىز ..بىرەر ئالامىتى بۇلامدىكەن ؟ دەپ سورىدىم ئۇزەمدىنمۇ سەل گۇمان قىلىپ ......
مەن بۇ كېسەل بۇلۇشتىن بۇرۇنراق  سەل  ماغدۇرسىز ھىس قىلاتتىم ، بىر كۇنى تۇيۇقسىز بېشىم قايغىننى بىلىمەن ،ھۇشۇمغا كەلسەم دوختۇرخانىدا تۇرۇپتىمەن ، ئۇزەمنىڭ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن ، ئاپام تاماق ئېلىپ كىرگىلى چىقىپ كەتكەندە ،ئۆزۇم پەسكە چۇشۇپ ھاجەتكە بارماقچى بولغىنىمنى ئەسلىيەلەيمەن ،يەنە ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ،كۇزۇمنى ئاچسام ماڭا قان سالغان ھالەتتە ئويغاندىم ،جىددى خارەكتىرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى بىلدىم . پۇتۇن ئۇرۇق تۇققانلىرىم كارۋاتنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپتۇ ،ئاتا- ئانام  جىددى ئۇرۇمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەشنىڭ تەييارلىقىنى قىلۋېتىپتىكەن ، مەن قۇشۇلمىدىم ،چۇنكى مەن ئۇرۇمچىگە بارغىچە ھايات تۇرالىشىمغا كۇزۇم يەتمىگەندى... ، ئۆيدىكىلەر ئۇىنمىغنمغا ئۇنماي دەرھال يۆتكەپ كەلدى . جىددى بالنىسقا ئورۇنلاشتىم ، جىددى قان ۋە يىلىك  تەكشۇردى ئەينى ۋاقىتتا ،  قىزىل قان  41g/L  قان پىلازنىسى 6 گە چۇشۇپ قاپتىكەن ، خۇداغا شۇكرى  بۇگۇنگە ئۇلاشتىم .
    يۇكسەل بىلوگى ۋە بىرنەچچە توردا پۇل ئەمەس قان لازىم  دەپ مۇراجەتنامە چىقىرىپتىكەنسىلەر ھە؟...بۇ ئاق قان كېسىلىگە بەك كۆپ پۇل كىتىدىكەن دەپ ئاڭلىغانغۇ ~ ...؟!! 
     بىرىنچى قېتىملىق داۋالاشتا كېسىلىمنىڭ ئېغىر بولغاچقا، جىىدى قان لازىم بۇلۇپ قالغان  ، يۇكسەل ئاكاش تىلغۇن قىلىپتىكەن ، ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن ھازىر  جىددى قان لازىم بۇلۇپ قالدى دېگەن  ،شۇنىڭ بىلەن  يۇكسەل بىلوگىدا ۋە بىر نەچچە تور بەتتە  قان پىلازمىسى ھەققىدە مۇراجەتنامە چىقىرىپتۇ  ،ماڭا خېلى ياردىمى بولدى . ئۇلارغا كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن! ...  يەنە بىر نەچچە قېتىم  خېمىيلىك داۋالاش قىلىمىز دەيدۇ ..،داۋالىنىشقا بەك كۆپ پۇل كىتىدىكەن بەزى كۇنلىرى 18مىڭ يۇەن ، ئەڭ ئاز دىگەندە 2 مىڭ يۇەن كىتىدىكەن ،  چوڭ ئاكام پۇل تېپىپ كىلەي دە يۇرۇتقا كەتكەن ، ھازىر تۇرۋاتقان ئۆينى ساتىمەن دىسە ،ھېلى رەسمىيىتى تۇلۇق ئەمەسكەن ، ھېلى ئۇنداقكەن دەپ ... ئەرزان بولسىمۇ سېتۋېتىدىغان بولدى  ،داۋالىنىش راسخوتى ئۇچۇن  ئىقتىسادتا قىينىلىپ قالدۇق،
           نىمىشقا شۇنچىلا كۆپ پۇل كىتىدىغاندۇ ..؟ دەپ ئەجەپلىنىپ سورىدىم ، .
قان پىلازمىسىغا بىر قېتىم قان پىلازمىسى(血小板) سالسا 1500 يۇەن كىتىدىكەن . بەزىلەرگە قان پىلازمىسى سالسا 4-5 كۇنگىچە بەك چۇشۇپ كەتمەيدىكەن ، ماڭا بۇگۇن قان پىلازمىسى سالسا ئەتىسىلا چۇشۇپ كىتىپ بارىدىغۇ !؟ ~ ~ دوختۇرغا دىسەم  بىر ئادەمگە بىر ئادەمنىڭ كېسىلى ئوخشىمايدۇ ،سىزنىڭ سەل ئېغىرراق دەيدۇ شۇ ~.. يەنە دائىم قىزىپ قالسام 泰能 دەيدىغان ئاسما سالىدىكەن ، بۇ ئۇكۇل بەك قىممەتكەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە قېيىشقاندەك قىزىتمام چۇشمەيۋاتىدۇ ...
        ھازىرغا قەدەر قانچىلىك پۇل كەتتى !؟...دوپ سوراپ باقتىم
ھازىرغا قەدەر داۋالاشقا جەمى 68 مىڭ يۇەن كەتتى دەپ كۇندىلىك تالۇننىنى ماڭا كۆرسەتتى، قىزىتمام چۇشكىچە ماۋۇ ئاسمىنى يەنە ئاسسا ، قانچە پۇل كىتەكىن تاڭ ..~~  داداممۇ ماڭا قاراش جەريانىدا  ئاغرىپ قېلىپ 11 مىڭ يۇەنگە يېقىن داۋالاندى ، يۇرەكتە مەسىلە باركەنتۇق 支架 سالمىساق بولمىغىدەك دەپتىكەن ، قاراڭ ئۇمۇ بەك قىممەتكەن .. دادام داۋالاتمايمەن بولدى دەيدۇ .دادامدىممۇ بەك ئەنسىرەيمەن ، مەن داۋالىپ بولغىچە دادامغا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالمىغىيتى ~، . شۇنداق قىلىپ جەمى 80مىڭ يۇەنگە يېقىن پۇل كەتتى ،   ئىككىنچى قېتىملىق خېمىيلىك داۋالاش ئېلىپ بارىدىكەن ، خېمىيلىك داۋالاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا  يىلىك كۇچۇرىش ئوپرەتسىيەسى قىلىشنى ئويلىشىدىكەن ، ئوپراتسىيەگە 400 مىڭ يۇەنگە يېقىن پۇل كىتىدىكەن ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەققىقەتەن قىينىلىپ قالدۇق ، بولدى داۋالانمايمەن دىسەم، ئويدىكىلەر قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن داۋالاتمىساق بولمايدۇ دەپ چىڭ تۇرۋالدى،   ئاكام بۇ يىل ئاسپىرانتلىقتا ئۇقۇۋاتاتتى ، ئۇقۇشتىن چىكىنىمەن دەيدۇ .«مەن تۇزۇكرەك ئوقۇماپتىكەنمەن ،سەن بولساڭمۇ ئوقۇساڭ بولمامدۇ؟» دىسەم ،ئاكام « مەن ئوقۇسام بىرمۇنچە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرىدىغان گەپ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ساڭا قارىمىسام بولمايدۇ  ... »دەپ تۇرۋالدى، ..
گەپنى ئاڭلاپ ھەققىقەتەن ئىچىللىرىمدىن بىرخىل بۇلۇپ كەتتىم .
 دادىسى يېنىدا باركەنتۇق ، بىردەم پاراڭلاشسام دەردىنى تۆكتى ، «جاپا تارتىپ بېقىپ ،يىمىگەننى يىگۇزۇپ كەيمىگەننى كەيدۇرۇپ ئاسىراپ چوڭ قىلىپ ، ئەمدىلىكتە  قاتارغا قوشسام قارىمامسىز  بۇ بالىغا ...» دەپ كۆزلىرىگە لىق ياش ئالدى ،..
بىر ئاز تەسەللى بېرىپ قويدۇم ، يېنىمدا 200 يۇەن پۇل باركەنتۇق ، ئاز بولسىمۇ ياردىمى بۇلۇپ قالار دەپ يېنىپ چىقتىم .
 ھايات مۇشۇنداق ئەگرى توقايكەن ، ساڭا كەلدى ، ماڭا كەلدى دىگىلى بولمايدىكەن ،باشقا كەلمىگىچە بەزى نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز ، شۇنى كۆرمەي ئىلاجە يوقكەن ، ئابدۇراخمانجان ماڭا شۇنداق دېگەن «مەن بۇرۇن ئادەتتىكىدەك نورمال 5-6 قەدەم ئېلىشنى ھازىرقىدەك ئۇمىت قىلىپ باقمىغان » ، مىنىڭچىمە شۇ باشقا كەلمىگەندە بەلكىم بار نەرسىنىڭ قەدرىنى قىلمايدىكەنمىز ....

دوستلار ، قېرىنداشلار كۆڭۇل كۆڭۇلدىن سۇ ئىچىدىكەن ، تاما -تاما كۆل بۇلىدىكەن.  
ئىقتىسادنى مىڭ چىڭ تۇتۋالساقمۇ  ۋاقتى كەلگەندە يەنە تۇگەيدىكەن، لىكىن يەنىلا تېپۋالغىلى بۇلىدىكەن.  ئەسلەپ باقساق نۇرغۇن پۇل خەشلەپتىمىز يۇ ، لىكىن تۇزۇكرەك بىرەر قىلغان ياخشى ئىشىمىزنى ئەسلىيەلمەيدىكەنمىز .
قېرىنداشلىرىمغا تەۋىسيەرىم يەنە شۇ «كۆڭۇل كۆڭۇلدىن سۇ ئىچىدىكەن ، تاما -تاما كۆل بۇلىدىكەن»
ئازغىنە كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلساق ،  ئاشۇ 21 ياشلىق نەۋقىران مەزگىلىگە يەتكەن ئويغۇر قېرىندىشىمىز ئىقتىساد تۇپەيلىدىن داۋالىشنى توختىتىپ قويمىسۇن ،ئۇلۇغ  اللە دىن قېرىندىشىمىزغا شىپالىق تىلەيلى ، قۇلىمىزدىن كىلىدىغان ياردەمنى ھەرگىز ئايىمايلى ، قىلغانلىرىڭىز ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ ....
تۆۋەندىكىسى شىنجاڭ تىببى ئونۋېرسىتى 1- تارماق دوختۇرخانىنىڭ يىلىك تەكشۇرۇش دىئاگىنۇزى

قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلىپ قۇشىڭلارنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمىت قىلىمەن .123\ئابدۇراخمانجاننىڭ  سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتا نۇمىرى
                               6222023014003065982     工商银行   
               كارتادىكى ئىسمى    阿布都热合曼.依明

 ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمىرى   13999677935  (ئابدۇراخمانجان)
                                        br />                    18909972693 (چوڭ ئاكىسىنىڭ تىلغۇن نۇمىرى )
                 

تېما ئاستىغا مۇختەر بۇغرا ئاكىمىزنىڭ ‹‹ مىھرى مۇھەببەت ئىنسانغا قانات ›› ناملىق تەسىرلىك دىكلماتسىيىسى قويۇلدى ، ئاڭلاپ بېقىڭلار ..

  

بۇ  ئابدۇراخمانجاننىڭ ئاكىسىنىڭ  بىلوگ ئىدى ، ئاكىسىنىڭ بىلوگنى ئىشلىتىشىمگە يول قۇيىشى بىلەن بۇ يازمىنى  مۇشۇ بىلوگقا يوللاپ قويدۇم : سىزمۇ ماڭا ئوخشاش كۆرگەندە  بۇخىل ھېسىياتنى ھەققىقى چۇشۇنەلەيسىز . قۇلىڭىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىپ قۇيۇڭ

تورداشلار . تور بەت باشقۇرغۇچىللىرى تور تەشۋىق ئىشىغا كۈچىشىپ بېرىڭلار! ئاخىرغىچە قوللىغۇچىلارنى بېشىمىز كۆككە يەتكەن ھالدا قارشى ئالىمىز! قىلغان ياخشى ئىشىڭلار بىكارغا كەتمەس ،
تور تەشۋىقات رەسىمى ، كىچىككىنە ئورۇن ئاجىرتىپ بۇ رەسىمنى قىستۇرۇپ قويساڭلار ، توردىكى تەشۋىقاتنى كۇچەتسەك .