• 2008-04-17

    سىز سىتودېنت بولسىڭىز ئوقۇپ قويۇڭ - [ئويغۇرچە ئەسەر]

    ئالى مەكتەپ دۇنياسى ئىنتايىن بىر گۈزەل دۇنيا . سىز بۇنى ھىس قىلدىڭزمۇ؟ خوش؟ بۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ ئىجدىمائى ئەھۋالىغا باغلىق ئىدى . ئەگەر بۇ گۈزەللىك تۇيغۇسىدىن تولۇق بەھىرمان بولاي دىسىڭىز تۆۋندىكى ئىشلارنىمۇ ئىجرا قىلىپ قويۇڭ.
    ياتاق سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە ئوخشايدۇ ، سىز جاي-جايلاردىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ ياتاقتا ئەڭ كۆپ ئۇچىرشسىز ۋە بىللە بولىسىز.  شۇ ڭا ياتاق ئىچىدىكى پائالىيەت مەشخۇلاتى ئەڭ مۇھىم.
    ياتاق ئىچىدىكى ئىناۋىتىڭىزگە ئالاھىدە  دىققەت قىلىڭ.  كەمتەر، سەمىمى  بولۇڭ ھەممىنى مەن بىلىمەن دەۋالماڭ.  گەپ سۆزگە، گەپ-سۆزىڭىزنىڭ ئۇدارى، سۆزلەش زۆرۆرمۇ-زۆرۆر ئەمەسمۇ ، باشقىلارنىڭ قۇلقىغا ياقامدۇ- ياقمامدۇ  بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ؛  كەلسە كەلمەس كاللىڭىزغا كەلگەن  چويلىدا توختىمايدىغان گەپلەرنى ئاز قىلىڭ  .  ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆز يۇرتىڭىزنى ئازراق  ماختاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ۋە ئارتۇقچىلقىنى باشقىلارغا ئاز سايە قىلىڭ. تازلىق ۋە قىياپىتىڭىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، شەخسى تازلىق ۋە ياتاقنىڭ نۆۋەت تازلىقىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەڭ. باشقىلار ياتاق تازلاپ ، ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ ئاۋارە بولۋاتسا تاماكىڭىزنى چىكىپ، نەرسە كېرەك تاشلاپ ئولتۇرماي تەڭ ھەمكارلىشىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ.    
    ئۆز ئىشلىرىڭىزغا پۇختا بولۇڭ، باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماڭ، ساۋاقدىشىڭىز ئاق ئىشتان كىيەمدۇ، قارا ئىشتان كىيەمدۇ، ئايدا ئۆيدىن قانچە پۇل كىلىدۇ،  كۈنىگە قانچە پۇل خەشلەيدۇ، قىز دوستى بارمۇ -يوقمۇ ، گۈزەلمۇ -سەتمۇ.  ساۋاقدىشىڭىز چىچىنى ئالدىغا تارامدۇ، كەينىگىمۇ، بۈدرە قىلامدۇ ياكى قويۋىتەمدۇ بولارغا ئارلاشماق ۋە سۆھبەت تېمىسىغا كىرگۈۋالماڭ، باشقىلارنىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى ۋە نازۇك ئەسۋاپلىرىنى روخسەتسىز  ئىشلەتمەڭ، ئىشلەتسىڭىسمۇ سوراپ ئاز ئىشلىتىڭ، ياتاق ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ  مۇستەققىل ، ساپما كەشى،  ساقالئالغۇچىسى ، مۇنچا داپدۇقلىرى، چىش پاستىسى ۋە چوتكىسى، چاي ئىچىدىغان قاچىسى بولسۇن ئىمكانقەدەر باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتمەڭ بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شەخسى ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇڭ.  باشقىلارنىڭ قول تېلفونىنى تېلفون قىلىۋالاي دەپ، پۇل يوقتى دەپ پارچىپارات پۇل سوراۋەرمەڭ. پۇل سورىسىڭىز ئاز سورىغان بولسىڭىزمۇ قايتتۇروڭ، باشقىلاردىن سىخىلىكنى ئاز تەلەپ قىلىڭ. 
    يوقارقى مەسىللەر گەرچە كىچىك ۋە ئاددى بولسىمۇ  جان -جىگەر بولۇپ ئۆتكەن ساۋاقداشلار ئارىسىدا چوڭ-چوڭ ۋە مەڭگۈ ئۈچمەس زىدىيەتلەرنى سىلىپ قويىدۇ، ۋە بىزنىڭ ھەر قايسى يۇرتلاردىن كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۇتتىرسىدىكى ئاساسى زىدىيەتلەرگە سەۋەپ بولىدۇ، ۋە شۇنداقلا ئۇ بىر شەخىسنىڭ مەدەنىيەت ئاڭ سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق