• 2008-04-17

    بلوگقا سانىغۇچ ئورنىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ بىلىملىرى]

    Blogger دىكى بلوگنىڭ بىر ئاجىزلىقى بار، ئۇنىڭدا زىيارەت سانىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ يوق، ئەمما توردا ھەقسىز سانىغۇچلار ساماندەك. سىز بۇلاردىن خالىغان بىرىگە تىزىملىتىش ئارقىلىق بلوگنىڭ ئۆزىدە كىرگەن ئادەمنى، بەتنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ۋە IP نى سانايدىغان سانىغۇچ ئورنىتالايسىز. يەنە بلوگنىڭ يۈزىدە كىرگەن ئادەم سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان زىيارەت سانى دەيدىغان بىر تۈرنى قوشالايسىز. مەسلەن تەكلىماكان بلوگنىڭ ئەڭ ئاستى ئوڭ تەرەپكە قارالسۇن.
    بۇنداق سانىغۇچلارغا تىزىملىتىش ئاسان، ئەگەر ئېنگلىزچە بىلسىڭىز تۆۋەندىكى تور بېكەتلەردىن سانىغۇچ ئېلىڭ

    www.alexa.com
    www.website-hit-counters.com
    www.statcounter.com
    ئەگەر خەنزۇچە بىلسىڭىز تۆۋەندىكى تور بېكەتتىن ئېلىڭ

    سانىغۇچ ئورناتقاندا Analytics ھىساباتىڭىزغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى بلوگنىڭ زىيارەت سانى قانچە بولغان بولسا باشلىنىش سانىغا شۇنچىنى يېزىپ قويۇڭ، ئەگەر بلوگ يېڭىدىن قۇرۇلغان بولسا باشلىنىش سانىغا 0 نى يېزىڭ. يالغاندىن يازماڭ. چۈنكى ئالېكسا، گۇگول ئانالىزى، Adsense قاتارلىقلار خاتا ھېسابلىمايدۇ ھەم يالغان سانلىق مەلۇماتنى قوبۇل قىلمايدۇ، بلوگ زىيارەتچىلىرى ھەم شۇنداق.
    كېيىن بلوگنىڭ پەسىللىك، ئايلىق، يىللىق، يېرىم يىللىق زىيارەت ئەھۋالى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ يېڭى يىللىق ياكى ئايلىق پىلانلىق ئىش كۆرۈش ئۈچۈن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ياردىمى بولىدۇ.

     

    ھىساباتىنى قانداق كۆرىمىز؟Analytics
    بلوگ چوقۇم ئاۋال گۇگول ئانالىزىغا تىزىملىتىلغان بولىشى كېرەك.
    https://www.google.com/analytics

    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق