توردا ۋاقىت بەلگۈلەپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىدىغان ، ئۆچۈرىدىغان كىچىك - كىچىك پروگراممىلار نۇرغۇن ، تىخى ئەسلى كودىمۇ ئىچىۋىتىلگەن ، لىكىن سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئاساسىي تاختىڭىزنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بارمۇ ؟ ئەگەر بار بولسا بۇنى ئاساسىي تاختىڭىزنىڭ Bios ئىقتىدارى ئارقىلىق ھىچقانداق دىتالنىڭ ياردىمىسىز ھەل قىلالايسىز. مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە :
كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ Del كونۇپكىسىنى بىسىپ CMOS قا كىرىڭ .Power Management Setup تۈرىگە كىرىپ قىسمىي تىزىملىكتىكى Resume by Alarm نىڭ قىممىتىنى Enabled قىلىپ تەڭشەڭ ھەمدە Date(of Month)Alarm غا كومپيۇتىرىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىش ۋاقتىنى توغرىلاڭ : بۇنىڭدا 0 ھەر كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ، 1 ھەر ئاينىڭ 1 - كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ، 2 ھەر ئاينىڭ 2 - كۈنىنى ئىپادىلەيدۇ ، 3 . . . . . . . . توغرۇلاپ بولغاندىن كىيىن ساقلاپ چىكىنىمىز .ئەمدى بىز توغرۇلاپ قويغان ۋاقىتتا كومپيۇتېر ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي تاختىڭىز Resume by Alarm ئىقتىدارى بولىشى كىرەك ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويماسلىقىڭىز كىرەك، ھەمدە CMOS قا مەخپىي نومۇر ئورنۇتۇپ قويمىغان بولىشڭىز كىرەك .