• 2010-10-27

    Excel دا كىملىك نۇمۇرىغا ئاساسەن جىنسىغا ھوكۈم قىلىش

     

    سىز خالىغان بىر جەدىۋەل تۈزدىڭىز، بۇنىڭغا كىملىك نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن جىنسىنى چىقارماقچى بولسىڭىز ئىسمىنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ يۈرەمسىز، ئەگەر باشقا مىللەت كىشىلىرى بولسىچۇ؟ ئىسمىغا قاراپلا بۇنى ھەل قىلالامسىز؟
    تۆۋەندىكى فورمىلا دەل مۇشۇ مەسىلىڭىزنى تېزلا ئاپتۇماتىك ھەل قىلىپ بېرىدۇ، يەنى سىز A2 كاتەكچىگە كىملىك نۇمۇرىنى كىرگۈزدىڭىز دەيلى ، سىز تۆۋەندىكى فورمىلارنى خالىغان كاتەكچىگە چاپلىسڭىز a2 كاتەكتىكى كىملىك نۇمۇرىغا ئاساسەن ئەر - ئاياللىقىنى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ بېرىدۇ .
    تۆۋەندىكى فورمىلا كىملىك نۇمۇرى چوقۇم 18 خانىلىق بولغانلىرىغا ماس كېلىدۇ .
    فورمىلا
    IF(A2<>"",IF(MOD(RIGHT(LEFT(A2,17)),2),"男","女"),)
    فورمىلانى كۆچۈرگەندە تولۇق كۆچۈرۈپ ئىشلىتىڭ، فورمىلادىكى 男","女 لەرنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن فورمىلا كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    بۇنىڭ يەنە تۆۋەندىكىدەك فورمىلاسىمۇ بار.
    بۇ فورمىلا كىملىك نۇمۇرى 15 خانىلىق بولسىمۇ 18 خانىلىق بولسىمۇ چىقىرىپ بېرىدۇ .

    IF(LEN(B5)=15,IF(MOD(MID(B5,15,1),2)=1,"男","女"),IF(MOD(MID(B5,17,1),2)=1,"男","女"))

    يۇقارقى فورمىلالارنى ئىشلەتكەندە ئاۋال تەڭ (=) بەلگىسىنى كىرگۈزۈشنى ئونۇتماڭ .


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق