ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قانداق ئەھۋاللاردا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ؟

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 08 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:14 مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

    «جۇڭخۇا حەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدا :

    تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرسى بولغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ، تارتىلغان بولسا، دېلوسىنى بىكار قىلىش ياكى ئەيىبلىمەسلىك ياكى سوتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ياكى گۇناھسىز دەپ جاكارلاش كېرەك :

    (1) قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يېنىك، خەۋىپى كىچىك بولغانلىقتىن جىنايەت دەپ قارالمايدىغانلار؛

    (2) جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقىت چېكى مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلەر؛

    (3) ئالاھىدە كەچۈرۈم بۇيرۇقى چىقىرىلىپ جىنايى جازاسى كەچۈرۈم قىلىنغانلار؛

    (4) جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە دەۋا قىلغاندىلا سورىلىدىغان جىنايەت ئۈستىدىن دەۋا قىلمىغانلار ياكى دەۋادىن يېنىۋالغانلار؛

    (5) جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكارلاردىن ئۆلۈپ كەتكەنلىرى؛

    (6) جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى باشقا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەنلەر.

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىدىن ئەمەر ھىمىت تەييارلىدى

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە