ئەكبەر ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى 26 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىستىلىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ ۋە تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆگەنگىنىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆگەنسىمۇ ئىشلەتمەيدىغان ئەھۋاللارنى؛ خىزمەتكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئەھمىيەتسىز يىغىنلارنى قىسقارتىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمى يوق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە تەقدىرلەشلەرنى بىكار قىلىشىمىز كېرەك. بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تىرىشىپ شارائىت ھازىرلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوللىشىمىز، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، مەسىلە كۆپ، جاپالىق رايونلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشىمىز كېرەك. راھەتپەرەسلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان، نام – ئاتاق، مەنپەئەت قوغلىشىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك. ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تېجەشلىك بولۇشنى شەرەپ، ئىسراپخورلۇقنى نومۇس بىلىدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مېھمان كۈتىدىغان، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش 15 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جىڭ ۋۇفېڭ مۇنداق دېدى: تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ‹‹ئەينەككە قاراش، ئۈستبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش ۋە كېسەلنى داۋالاش›› تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىستىلنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تەنقىد ۋە ئۆزىنى – ئۆزى تەنقىد قىلىش، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزم ئورنىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە ياخشى روھىي كەيپىيات بىلەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى