ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۆلەك رايونىدا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا، پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلىدۇ

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 30- كۈنى 03:08 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۆلەك رايونى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، قۇرۇلۇش قوماندانلىق باش ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە ، پىلان بويىچە ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۆلەك رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا سودا ، پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ مەركىزىي رايونىغا ئايلىنىدىكەن .

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۆلەك رايونى توققۇز قۇرۇلۇش تۈرىگە ئايرىلغان . ئاساسلىقى شىمالىي مەيدان تۈرى ، سۈنئىي ھەمراھ يولىنى جەنۇبقا ئۇزارتىش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۆلەك رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىكى ‹‹ئۈچ رايون ، ئالتە گۇرۇپپا ›› يېڭى رايون قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بېكىتكەن زامانىۋى كەسىپ ۋە زامانىۋى شەھەر-بازارلارنىڭ بەلگىسىمان رايونى . يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بۆلەك رايونى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتىنى مەركەز قىلغان بولۇپ ، شىمالدىن خۇاڭشەن يولىغىچە ، جەنۇبتىن قىبلىتاغ يولىغىچە ، شەرقتىن تاشقى ئايلانما يولىغىچە ، غەربتىن ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 37.22 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ .

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە