باشقا ئىقتىساد تۈرىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %30 كە يەتتى
تويا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازار ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچى 3 مىليون 34 مىڭ 200گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 368 مىڭ 900 كىشى كۆپىيىپ، %13.84 ئاشقان.
تىزىمغا ئېلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئىقتىساد تۈرىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازار ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسەن دۆلەت ئىلكىدىكى ئورۇنلار ۋە باشقا ئىقتىساد تۈرىدىكى ئورۇنلارغا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 146 مىڭ 900 كىشى كۆپەيگەن؛ شەھەر – بازار كوللېكتىپ ئىگىلىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1400 كىشى كۆپەيگەن؛ باشقا ئىقتىسادىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 220 مىڭ 700 كىشى كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %30كە يەتكەن.
خەلق ئىگىلىكى كەسپى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش تىرانسپورت، پوچتا – تېلېگراف، خەۋەرلىشىش، سۇچىلىق، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، قۇرۇلۇش – بىناكارلىق، ئۆي – زېمىن بازىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، كان ئېچىش، ياسىمىچىلىق مۇقىم ئېشىپ، ئالاقىدار كەسىپتىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. ئىشلەۋاتقانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ كەسىپ ئاساسلىقى قۇرۇلۇش – بىناكارلىق بولۇپ، 177 مىڭ 800 كىشى، ياسىمىچلىق بويىچە 39 مىڭ 300 كىشى، كان قېزىش كەسپىدە 22 مىڭ 400 كىشى، قاتناش تىرانسپورت، زاپاس ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىدە 21 مىڭ 900 كىشى كۆپەيگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىستاتىستىكا قىلىنغان 19 خەلق ئىگىلىكى كەسىپ تۈرلىرى ئىچىدە %18 شەھەر – بازار ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 4000 يۈەندىن ئاشقان، شەھەر – بازار ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 3000 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرى %6نى ئىگىلىگەن.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازار ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن مائاشى سېلىشتۇرما نىسبىتى 3.39 ھەسسە بولۇپ، بۇ پەرق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەدرىجىي كىچىكلىدى. 19 چوڭ كەسىپ تۈرى ئىچىدە پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى خېلىلا ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى ئالدىنقى ئۈچ قاتاردا تۇرىدىغانلار پۇل مۇئامىلە (6284 يۈەن)، كان قېزىش (5310 يۈەن)، قاتناش تىرانسپورت، زاپاس ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى (4946 يۈەن)؛ ئاخىرقى ئۈچ قاتاردا تۇرىدىغانلار ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەتچىلىكى (2791 يۈەن)، ئاھالە مۇلازىمەتچىلىكى، رېمونتچىلىق ۋە باشقا مۇلازىمەتچىلىك (2257 يۈەن)، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق (1850 يۈەن) ئىكەن.
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى