ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

شىنجاڭ مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ ‹‹1000كىشىلىك تەربىيەلەش›› پائالىيىتى باشلاندى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 30- كۈنى 03:18 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹1000 كىشىلىك تەربىيەلەش›› پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق تەربىيەلەش پائالىيىتى يېقىندا رەسمىي باشلانغان، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتتە، شىركەتنىڭ 1000دىن ئارتۇق خادىمى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ سۇغۇرتا كەسپى، باشقۇرۇش ئىلمى، پىسخىكىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلىنىدىكەن.

    ئىگىلىشىمچە، تەربىيەلەشنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شۆبە شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ ئىككىنچى باسقۇچتا ناھىيە، شەھەرلەردىكى تارماق شىركەت مەسئۇللىرى؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە كەسىپ تايانچلىرى تەربىيەلىنىدىكەن.

    جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى 2010 – يىلىدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتنى يولغا قويغان، بۇ يىللىق پائالىيەتتە ‹‹پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش›› توغرىسىدىكى مەزمۇن تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، سۇغۇرتا كەسپىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان.

    

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە