ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ىئەجەل ئۆلگەن نائىنساپ بالا،قاتىلغا ئايلانغان گۇناھكار دادا

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 08 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:07 مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

    شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازىرى مەلۇم كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەمەت 22 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، مەكتەپتىمۇ تۈزۈك ئوقۇماي كىچىك تۇرۇپلا ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ «جاھان تاماششاسى» قىلىپمۇ كەلدى، ئۇ داۋاملىق ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىپ ساقچىخانىغىمۇ نەچچە نۆۋەت كىرىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئارامىدا قويمايتتى. بىچارە ئاتا-ئانا ئۇنى ئۆيلەپ قويساق ئوڭشىلىپ قالار دېگەن ئۈمۈتتە تويىنى قىلىپ بىر ھويلىدا ئۆي تۇتۇپ بەردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەمدى ياخشى ئادەم بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئەسكى خۇيى پەقەتلا ئۆزگەرمىدى، شۇ سەۋەپتىن ئايالىمۇ يامانلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى.

    ئۆتكەن يىلى 26-ئۆكتەبىر، ئۇ يەنە سىرتتا ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە كەچ سائەت 10لاردا ئۆيىگە كېلىپ دەرۋازىنى مۇشتلىدى. ئەمەتنىڭ ئاتىسى مامۇت (69 ياش) ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ ، ئۇنىڭ يەنە مەست كەلگەنلىكىدىن خاپا بولۇپ : «كۈندە مەست كېلىسەن، بىزدىن يا تەپ تارتمايسەن، قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزىمىز قالمىدى، ئاپاڭنىمۇ ئۇرۇپ ماڭالماس قىلىپ قويدۇڭ!»دەپ كايىغىنىچە باغ تەرەپكە تاھارەت قىلغىلى كەتتى. ئەمەت ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇخلاۋاتقان قۇرامىغا يېتەي دەپ قالغان سىڭلىسىنى چاقىرىپ چىقىپ، «سەن مېنىڭ ئۆيۈمدە يات » دېدى. سىڭلىسى قوشۇلمىغاندا ئۇ سىڭلىسىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ ئۆزى ياتىدىغان ئۆي تەرەپكە سۆرىدى. سىڭلىسى قورقۇپ «ئاتا!»دەپ ۋارقىرىغاندا مامۇت باغ تەرەپتىن چىقىپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قىزىنى ئۆيگە كىرگۈزۋېتىپ ئەمەتنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ : «ھۇ ھايۋان ، سېنى ساقچىخانىغا ئاپىرىمەن» دەپ سۆرەپ دەرۋازا تۈۋىگە كەلگەندە يىقىلىپ كېتىپ، ئەمەت مامۇتنى بېسىۋالدى ۋە قولىغا بىر دانە چوتنى ئېلىپ، جۇلدىسىنى ئاتىسىغا تەڭلەپ «ئۆلتۈرىۋېتىمەن!» دېدى. بۇ ۋاقىتتا مامۇت يەرنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ، بىلەكتەك توملۇقتىكى 50سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر دانە كالتەكنى قولىغا ئېلىپ، ئەمەتنىڭ بېشىغا كۈچەپ بىرنى ئۇرغاندا ئەمەت يانغا يىقىلدى. مامۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان ئەمەتنىڭ باش قىسمىغا كالتەك بىلەن يەنە بىرنى ئۇرغاندا، ئەمەت «ئەمدى بولدى قىل!» دېدى، ئاچچىقىنى باسالمىغان مامۇت ئەمەتنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، كالتەك بىلەن يەنە ئۇنىڭ باش قىسمىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچنى ئۇردى، ئەمەت جىم يېتىپ قالغاندا مامۇت يەردە ياتقان ئەمەتنى ياقىسدىن تۇتۇپ سۆرەپ ، ئۆزى يېتىپ-قوپىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تۆت چاسا سىمۇنت تاختىنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋەتتى. مامۇت يەنە ئەمەتنىڭ كۆكرەك قىسمىغا «ئۆلە گۇي، سەندەك ھايۋاننىڭ تىرىك قالغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى!» دەپ تۆتنى دەسسىۋەتتى. دەل شۇ پەيتتە، مامۇتنىڭ بىر قوشنىسىنىڭ تېلىفۇن قىلىشى ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى دەرۋازا ئالدىغا كەلدى. ساقچىلارنى كۆرگەن مامۇت تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىلارغا ئىككى قولىنى جۈپلەپ تۇرۇپ : «مەن ئوغلۇم ئەمەتنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتتىم، ئەمدى مېنى تۇتۇڭلار» دېدى. ساقچىلار مامۇتنى تۇتۇپ، ئەمەتنى دەرھال ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ جىددى قۇتقۇزغان بولسىمۇ قۇتقۇزۇش ئۆنۈم بەرمەي، ئەمەت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆلۈپ كەتتى، قانۇن دوختۇرى جەسەتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ «ئۆلگۈچى ئەمەت سىرىتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن شۈك بولۇپ ئۆلگەن»دەپ باھالاش پىكرى چىقاردى.

    مامۇت 2012-يىلى 27-ئۆكتەبىر توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 21-نويابىر قولغا ئېلىندى. بۇ يىل 26-ئىيۇن شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىى بۇ دېلونى سوت قىلغاندىن كېيىن جاۋابكار مامۇتنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە سىياسى ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىش ھەققىدە 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى.

    (ماقالىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەمەر ھىمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە