ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

قانداق ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىلىدۇ؟

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 08 - ئاينىڭ 02- كۈنى 03:58 مۇھەررىر : ئەكبەر ئابلىكىم

    جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىشكە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئاشماقتا. ئۇنداقتا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتى قانداق ئىشلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى بېجىرىدۇ؟

    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى» نىزامىنىڭ 17-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلغان:

    « گۇۋاھلىق ئاپپاراتى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ :

    (1) توختام(كېلىشىم)نى كۈچكە ئىگە قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش؛

    (2) ھاۋالە، ھەدىيە، ۋەسىيەتنى كۈچكە ئىگە قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى كۈچتىن قالدۇرۇش؛

    (3) باياناتنامە، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش؛

    (4) ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، رەنىگە قويۇش؛

    (5) تۇغۇلۇش، ئۆلۈش، ئوقۇش تارىخى، تەرجىمىھال، خىزمەت ۋەزىپىسى، ئۇنۋان، نىكاھ ئەھۋالى، تۇغقانلىق ئىسپاتى، جىنايى جازاغا تارتىلغان-تارتىلمىغانلىق قاتارلىقلار؛

    (6) ھۆججەتتىكى ئىمزا، تامغا، ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ چىنلىقى؛

    (7) ھۆججەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى، قىسقارتىلمىسى، تەرجىمىسى، سۈرىتى بىلەن ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ ئوخشاشلىقى؛

    (8) كارخانىنىڭ مەبلەغ ئىناۋىتى ۋە تىجارەت ئەھۋالى، شىركەت نىزامنامىسى، مۇدىرىيەت ۋە پايچىكلار يىغىنىنىڭ قارارى؛

    (9) كىمئارتۇق سودىسى، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش پائالىيتى؛

    (10) بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە بىكار قىلىش، پەرزەنتىنى تونۇۋېلىش؛

    (11) ئەر-خوتۇننىڭ مال-مۈلۈك پۈتۈمى؛

    (12) تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ۋەقە؛

    (13) رەنىلىك قەرز پۇل توختامى؛

    (14) دۆلەت كارخانىسىنى ئىجارىگە بېرىش، قوشۇۋېتىش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى؛

    (15) دۆلەت مۈلكىنى شەخس نامى بىلەن چېگرا سىرتىدا رويىخەتكە ئالدۇرۇشتا، دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سالغۇچى ئورۇن بىلەن شەخسلەر ئىمزالىغان ھاۋالە كېلىشىمى؛

    (16) گۇۋاھلىق بېرىشكە بولىدىغان باشقا قانۇن ھەرىكىتى ۋە قانۇن ئەھمىيىتى بولغان ئىش، ھۆججەتلەر.

    قانۇن-نىزاملاردا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئىشلار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

    شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن : ئەمەر ھىمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە