ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش پۇرسىتى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ كېسەلدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئاياللارنىڭكىدىن %60 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرلەردە قاندىن يۇقۇملىنىش بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغان يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاياللارنىڭ نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان. كېسەلنىڭ تۈرلىرى، دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى قاتارلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى كونترول قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ پەرق يەنىلا مەۋجۇت بولغان.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كىشىلەر ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ دەپ قارىغان، بىراق تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەردە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى، بولۇپمۇ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش خېيىم-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ بەلكىم ئوخشىمىغان جىنسنىڭ تېرە يۈزىدىكى باكتېرىيە تۈرى بىلەن سانلىق مىقدار جەھەتتە پەرق مەۋجۇت بولغانلىقتىن بولۇشى ياكى ئادەم بەدىنى ئاناتومىيە قۇرۇلمىسىدىكى پەرقتىن بولۇشى مۇمكىن.
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى