ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ياشانغانلار ئۇسسىمىسىمۇ سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 08 - ئاينىڭ 01- كۈنى 02:51 مۇھەررىر : ئامانگۈل

    ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ھەم ئىچكى ئورگانىزمى ئۇسساش سىگنالىغا نىسبەتەن ئىنكاسى ئاستا بولىدۇ. ئادەتتە بەدەندە ئېغىر سۇ كەمچىل بولسىمۇ، ياشانغانلار ئۇسسىغانلىقىنى سېزەلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن يازدا ياشانغانلارغا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياشانغانلار يازدا ۋاقتى-ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.

    ئۇلار ناۋادا سۇنى ۋاقتىدا تولۇقلىيالمىسا ئاسانلا تېرىسى قۇرغاقلىشىدۇ ھەم ھەزىم قىلىشى ناچار بولىدۇ. شۇڭا ئۇسسىغانلىقىنى بايقاشتىن ئاۋۋال پات-پات سۇ ئىچپ تۇرۇشى كېرەك.ھەركۈنى ئەتىگەندە ئىككى ئىستاكان، سائەت 9:00 لاردا بىر ئىستاكان، 11:00دا بىر ئىستاكان، چۈشتىن كېيىن پائالىيەت مىقدارىغا قاراپ ئىككى ئىستاكاندىن سۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك، كېچىدىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىش كىرەك، بولمىسا كېچىدە تەرلەش، نەپەس يوللىرىدىمۇ سۇ كەمچىل بولۇپ،تېرىگە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى،بىر قېتىمدا سۇنى بەك كۆپ ئىچىۋالماسلىق، نورمال، بەدەن كۆتۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە ئىچىش كېرەك.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە