ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

ئىتالىيە ساقچىلىرى قارا قوللار پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ نەچچە ئون ئالاقىدار گۇماندارىنى قولغا ئالدى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 30- كۈنى 04:03 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    ئىتالىيە ساقچىلىرى 26-ئىيۇل پايتەخت رىم قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قارا قوللار پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ نەچچە ئون ئالاقىدار گۇماندارىنى قولغا ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە پايتەخت رىمدىلا ئاز دېگەندە 50 كىشىنى قولغا ئالدى. ئىتالىيە ساقچىلىرى مۇنداق دېدى:بۇ قېتىمقى ھەرىكەت رىم تارىخىدىكى قارا قوللار پارتىيىسىگە زەربە بېرىلگەن كۆلۈمى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى. ئاساسلىق مەقسىتى:رىمنىڭ دېڭىز بويى رايونىدىكى جىنايى ھەرىكەتلەرنى تازىلاش.

    قارا قوللار پارتىيىسى ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدا پەيدا بولغان تەشكىللىك جىنايەتچىلەر تەشكىلاتى. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى قارا قوللار پارتىيەسىنىڭ تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلىرىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، ت مەخسۇس تارماق تەشكىللەپ، مەملىكەت دائىرىسىدا زور رازۋېتكا تورىنى قۇرۇپ، قارا قوللار پارتىيىسى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىپ، قارا قوللار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم كاتتىباشلىرىنى قولغا ئالدى.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە