ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنڭىز : ئۇيغۇرچە

مىسىردا زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىقتى

يوللانغان ۋاقت : 2013 - يىلى 07 - ئاينىڭ 30- كۈنى 04:01 مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

    28-ئىيۇل، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مىڭلغان قوللىغۇچىلىرى ئەمدىلا پاجىئە يۈز بەرگەن ئاداۋىيە مەسجىتىگە يىغىلدى. شۇ كۈنى سەھەردە، مورسىينى قوللىغۇچى نامايىشچىلار قوشۇنى قاھىرەدىكى نېل دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 27-ئىيۇلدىن 28-ئىيۇل سەھەرگىچە بولغان توقۇنۇشتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 72 نەپەر قوللىغۇچىسى ئۆلگەن.

    مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مورسىينىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مىسىر بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ مورسىينىڭ قوللىغۇچىلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، 26-چېسلا نەچچە ئون مىڭلىغان مىسىرلىق كوچىغا چىقىپ «ھەربىي تەرەپكە زوراۋانلىق-تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى بېرىش»نى قوللىغاندىن كېيىن، خۇددى «زوراۋانلىققا زوراۋانلىق ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش»قا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەندەك ئىش بولغان، شۇنىڭ بىلەن مىسىر بىخەتەرلىك قىسمىمۇ ئىككى يېنىغا قاراپ ئولتۇرمايدىغان بولۇپ كەتكەن.

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە