ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 26-ئىيۇل يېڭى «مۇداپىئە پىلانى پىروگراممىسى»نىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ: چاۋشيەننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئارالدىن ئايرىلىپ مۇداپىئەلىنىش جەھەتتە سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا تەڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ ئاساسىي، بىخەتەرلىك كاپالىتى مۇھىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياپونىيەگە نىسبەتەن ئىلگىرىكىدىنمۇ مۇھىم. ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە مەشىق ئېلىپ بېرىش، نازارەت قىلىش ۋە بازا ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپونىيە بىلەن ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقى ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا-كورىيەنىڭ ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان سۆزلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى