خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 19-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2013-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى باشقۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ.
مەركىزىي بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 0.7 ھەسسىلىك تۆۋەن چېكى بىكار قىلىنىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى سودا پىرىنسىپىغا ئاساسەن قەرز ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ. ۋېكسىل دىسكونتى ئۆسۈم نىسبىتىنى باشقۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دىسكونت ئۆسۈم نىسبىتىنى تەكرار دىسكونت ئۆسۈم نىسبىتى ئاساسىدا كۆپەيتىپ بېكىتىش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدىغان قىلىنىدۇ. يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە يۇقىرى چەك قويۇلمايدۇ.
مەركىزىي بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەرقلىق تۇرالغۇ كىرىدېتى سىياسىتىنى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شەخسلەر تۇرالغۇ قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى ۋاقتىنچە تەڭشەلمەيدۇ. (ۋاڭ نىڭ، ۋاڭ پېيۋېي خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى