ماخمۇت مۇھەممەت ئەدەبىياتىمىزنىڭ پىروزىدىمۇ، شېئىرىيەتتىمۇ، ئەدەبىي مۇلاھىزىدىمۇ ئوخشاشلا ئەركىن ۋە ئازادە قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان تالانتلىق ئاپتور. مەن ئۇنىڭ ھايات نەپىسىگە تويۇنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىنىڭ دائىملىق كىتابخانلىرىنىڭ بىرى. ماخمۇت مۇھەممەت ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي خاسلىقى نېمىدە؟ ھايات ۋە ئادەملەرگە بولغان پاك مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان سەمىمىي ھەسرەتلىك كۈلكىدە. ئۇنىڭ بۇ ئىجادىي خاسلىقى قەدىرلىك كىتابخانلىرىمىزغا تەقدىم قىلىنىۋاتقان يېڭى ساتىرىك رومانى ‹‹چۈمبەل››دە تېخىمۇ روشەن، ئىجادىي گەۋدىلەنگەن.
ئاپتور بۇ ئەسىرىدە بەدىئىي پىروزىمىزدا ھازىرغىچە ئىجادىي بوشلۇق بولۇپ كېلىۋاتقان، ھېچقانداق تەييار بەدىئىي ئۈلگىسى بولمىغان، ناھايىتى ئېغىر ئەدەبىي ئەقلىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ساتىرىك رومان ئىجادىيىتىگە قەدەم قويۇپ، ئۆزى تاللىغان ھايات تېمىسىنى كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئوبرازلىق تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئىچىدە روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ، رومانچىلىقىمىزنىڭ يېڭى يۈكسىلىشىگە مۇناسىپ ئىجادىي تۆھپە قوشقان.
روماننىڭ بىزنى قايىل قىلىدىغان بەدىئىي خاسلىقى ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆزىگە مۇناسىپ ھايات يولى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچنېمىدىن ھېيىقمايدىغان جاھىلانە تىرىكچىلىك ئەقىدىسىدە گەۋدىلىنىدۇ. مانا بۇ ھاياتىمىزدىكى شۇ خىل كىشىلەرنىڭ يەنىلا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى سۈرۈپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىگە بىمالال ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ مەنىۋى ئاساسى. روماندا تەسۋىرلەنگەن باقەم، رەسۋائى، ئاسىم شىلىم، سادىق تەپتىش، مىرموللا مىرشىروۋ... لار ئەنە شۇنداق ھايات ئەقىدىسىگە، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان تەۋرەنمەس تىرىكچىلىك ئېتىقادىغا ئىگە تىپىك ئىجادىي شەخسلەر. بىز ئۇلار بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقىنىمىزدا ئاز – تولا ناتونۇشلۇق ۋە غەلىتىلىك ھېس قىلىمىز. لېكىن ئەسەرنى ئوقۇپ ئەقلىي قىيامغا يەتسەك، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى بىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان، ئالاھىدە خاراكتېرى، مىجەزى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا رەڭ ۋە مەنە بېرىۋاتقان تىرىك ئادەملەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ئاپتور رومانىدا پېرسوناژلار خاراكتېرىنىڭ بۇنداق خاسلىقىنى ئېچىشتا شۇنچىلىك چوڭقۇرلۇق، نازۇكلۇق ۋە ئېنىقلىققا ئېرىشكەنكى، ئەسەر پېرسوناژلىرىنىڭ بىر پۈتۈن روھىي دۇنياسى، ئۇلارنىڭ كىتابخان تېخى كىرىپ ئۈلگۈرمىگەن ھەممە مۇرەككەپ، زىددىيەتلىك پىنھان قەلبخانىلىرى بىزگە ئەسلىي ھالىتى بويىچە تولۇق ئايان بولىدۇ.
روماننىڭ يەنە بىر بەدىئىي ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئەسەرنىڭ تېماتىك مەزمۇنى ئېنىق، پىكىر يوللىرى راۋان، بەدىئىي لەۋھەلىرى يارقىن، ئەدەبىي بۆلەكلەرنىڭ مەنتىقىلىق باغلىنىشى شۇنچىلىك مۇقىم ۋە تەبىئىي بولۇپ، بەكمۇ ئىخچام ۋە يىغىنچاق. بىز روماننى ئوقۇپ چىقساق ئاپتورنىڭ شۇنچىلىك كەڭ ھاياتىي مەزمۇن ۋە شۇنچىلىك قىزىقارلىق ساتىرىك خاراكتېرلار تىپىنى ئاجايىپ يىغىنچاق، يارقىن بىر بەدىئىي سەھىپىدە ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. روماندا تېماتىك مەزمۇن تەلىپىگە مۇناسىپ بولمىغان ھەر قانداق بىر ئارتۇقچە تەپسىلات، ئۆزلەشتۈرمە پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەر يوق.
قەدىرلىك كىتابخان! سىز ‹‹چۈمبەل›› رومانىنى ئوقۇسىڭىز، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تۇنجى مىللىي ساتىرىك رومانىنىڭ ئېغىر ئىجادىي ئەمگەكتە دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىنى، ئازاب ئىچىدە شادلىنىپ كۈلەلەيدىغان ئالاھىدە تىپتىكى يېپيېڭى بىر تالانتلىق يازغۇچىمىزنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز.
مەن روماننى تۇنجى قېتىم تەبىئىي قىزىقىش تۇيغۇسىدا ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم، شۇ ھاياجان ئىلكىدە مۇشۇ دەسلەپكى تەسىراتىمنى يېزىپ، ئاپتورنىڭ بۇ يېڭى ئىجادىي مۇۋەپپەقىيىتىگە بولغان كىتابخانلىق سۆيۈنۈشىمنى بىلدۈردۈم. ئىشىنىمەنكى، مەزكۇر كىتاب ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە غۇلغۇلىسىنى قوزغايدۇ. ئۇ چاغدا تازا مۇكەممەل بولمىغان ئۇشبۇ ساددا قۇرلارنىڭ تەلەپچان مۇئەللىپىمۇ مۇنداق ئىپتىخارلىق مۇھاكىمىلەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىزغىن ئىشتىراك قىلىدۇ.
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى