ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، مەرھۇم تۇرسۇن ئايۇپنىڭ ‹‹ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر›› ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىنى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت يىغىنى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا 6 – ئاپرېل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
تۇرسۇن ئايۇپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىگەن 28 يىل جەريانىدا ‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى››، ‹‹خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى››، ‹‹قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى››، ‹‹قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار گىرامماتىكىسى›› قاتارلىق ئون خىلدىن ئارتۇق دەرس ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى›› ۋە ‹‹ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى›› ئېلىمىزدە تۇنجى تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇن ئايۇپ 1986 – يىلى ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسى ھاۋالە قىلغان ئاپتونوم رايون ۋە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتى 7 – بەش يىللىق پىلاندىكى نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى قىلىپ بېكىتكەن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى بۇددا دىنىغا دائىر يىرىك ئەسەر ‹‹ئالتۇن يارۇق››نى كەسىپدىشى مۇھەممەترېھىم سايىت بىلەن نەشرگە تەييارلىغان.
تۇرسۇن ئايۇپ 1986 – يىلى 2 – ئايدىن 7 – ئايغىچە تەكلىپكە بىنائەن ئاۋسترىيە ۋىيېنا ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ‹‹ئۇيغۇر تىلىدىن ئاساس››، ‹‹ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تاللانما››، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى›› قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. تۇرسۇن ئايۇپ 2003 – يىلى 8 – ئاپرېل بېيجىڭدا 56 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.
ئىسمائىل ھېكىم خەۋىرى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا
مېھرىبان ئاچا -سىڭىل
چېچەك پەسلى
دۇنياۋى مەشھۇر جايلارنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى
تۇنجى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
قەشقەر يەكەن مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى
سەبىي كۈلكىلەر