ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇدا Firefox تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش
ئېلان قىلىنغىلى526 كۈن بولدى / ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى / 28 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,161+

Firefox ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقىلى ئۈچ يىلدەك بوپتۇ. يېقىندىن بۇيان Google Chrome غا ئامراق بولۇپ قالدىم. نېمىشقا دېگەندە سەۋەب تولا :mrgreen:

Google Chrome نىڭ سۈرىتى ھەقىقەتەن تىز. بۈگۈن تۇيۇقسىز ئىككىلىسى بىر كومپيۇتېرغا قاچىلاقلىق تۇرسا نېمىشقا بۇنچىلىك پەرق بولىدۇ. Windows دا Firefox مۇ قېلىشمايدۇ بولمىسا دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. Firefox دا بەت ئاچقاندا دىققەت قىلساڭلار سول تەرەپ ئاستىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئەجەبا بۇ DNS نىڭ ئىشىمىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ توردىن ماتېرىيال ئىزدەشكە باشلىدىم. دەرۋەقە تور بەت ئىسمىنى يېشىشتە ئازراق مەسىلە باركەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن DNS ساقلانمىلىرىمغا نىسبەتەن ئازراق بەلگىلەش ئېلىپ بارساقلا Firefox لا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇبۇنتۇنىڭ تور سۈرىتى باشقىچە ئىتتىكلەيدىكەن. ئەسكەرتىپ ئۆتەي مىنىڭ ئىشلىتىدىغىنىم مەكتەپ تورى.

  • dnsmasq قورالىنى قاچىلايمىز
sudo apt-get install dnsmasq
  • dnsmasq ھۆججىتىگە نىسبەتەن بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز
sudo gedit /etc/dnsmasq.conf

بۇ يەردىن #resolv-file= دېگەننى تېپىپ قۇدۇق بەلگىسى (#) نى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، تەڭلىك بەلگىسىنىڭ (=) كەينىگە /etc/resolv.dnsmasq.conf نى قوشىدىكەنمىز. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىنكى بۇ قۇر تۆۋەندىكىدەك بۆلىشى كېرەك.

resolv-file=/etc/resolv.dnsmasq.conf
  • resolv.conf ھۆججىتىنى resolv.dnsmasq.conf ھۆججىتىگە كۆچۈرۈۋېلىپ، resolv.conf ھۆججىتىنى ئازراق ئۆزگەرتىمىز
sudo cp /etc/resolv.conf /etc/resolv.dnsmasq.conf
sudo gedit /etc/resolv.conf

ئېچىلغان ھۆججەت ئىچىدىكى توربەت ئىسمى مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى قۇرنى قوشىمىز.

nameserver 127.0.0.1

dhclient.conf ھۆججىتىنى يەنە ئازراق ئۆزگەرتىمىز

ئۇبۇنتۇ 10.10 ۋە بۇرۇنقى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ،

sudo gedit /etc/dhcp3/dhclient.conf

ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ تەھرىرلەيمىز.

sudo gedit /etc/dhcp/dhclient.conf

بۇ ھۆججەتتىن supersede domain-name دېگەن قۇرنى ئىزدەپ تېپىپ ئاستىدىكى تۆت قۇرنى تۆۋەندە مەن كۆرسەتكەندەك قىلىپ ئۆزگەرتىمىز، ئادەتتە prepend domain-name-servers دېگەن قۇرنىڭ ئالدىدىكى قۇدۇق بەلگىسىنى (#) ئېلىۋەتسەكلا بولىدۇ.

#supersede domain-name “fugue.com home.vix.com”;
prepend domain-name-servers 127.0.0.1;
request subnet-mask, broadcast-address, time-offset, routers,
domain-name, domain-name-servers, host-name,
netbios-name-servers, netbios-scope;

ئۇبۇنتۇ 10.10 ۋە كونا نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن wvdial ھۆججىتىنى ئېچىپ usepeerdns دېگەننىڭ ئالدىغا قۇدۇق بەلگىسى (#) قويۇپ قويۇڭلار.

sudo gedit /etc/ppp/peers/wvdial

بۇنداق بولغاندا resolv.conf ھۆججىتىگە ئېلىپ بارغان بەلگىلەشلىرىمىزنىڭ، يەنى DNS نىڭ قاپلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولغانلار ئىنكاس يېزىپ قويۇڭلار ھە…

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 28 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 3 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 3 پارچە. دەلىللەنگىنى: 22

  1. ئەلتىكىن : 2011-يىل 8-ئىيۇل21:39 جاۋاب

    مەن بۇ تور كۆرگىىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۈتۈرگەن ئىدىم شۇنىڭدىن كىيىن تور بەتلەرنىڭ خەتلىرى نۇرمال كۈرۈنمەيدىغان بۇلۇپ قالدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 8-ئىيۇل21:42 جاۋاب

      firefox نىڭ مۇ؟

      • ئەلتىكىن : 2011-يىل 8-ئىيۇل23:09 جاۋاب

        ھە شۇ بولماي يەنە قايسى بۇلاتتى…………..؟

        • Bakhtiyar : 2011-يىل 8-ئىيۇل23:12 جاۋاب

          لىنۇكسدا جاھاننامىدىن تولا نەرسە يوق. مەن ئۆزەممۇ Firefox نى جىق ئىشلەيمەن. :cool:
          فونت توغرا قاچىلانغان لىكىن Firefox تۇنىمىغان بولسا، firefox ئۆزىدە فونت تەڭشەشدىغان يىرى بار شۇيەردىن ئۇيغۇرچە فونتقا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ

  2. ئەلتىكىن : 2011-يىل 8-ئىيۇل23:15 جاۋاب

    شۇ يەردىن تەڭشەپ تۇنۇمىغانىڭ ئىشى شۇ بولمىسا بۇ ئىشلارنى مەنمۇ بىلەتتىم :lol: :mad: ئۇ يەردىن تەڭشىسەم ھىچ ئۈنۈمى بولمىدى

  3. Bakhtiyar : 2011-يىل 8-ئىيۇل23:19 جاۋاب

    ئۇيغۇرچە فونت نورمال قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ. ئادەتتە فونت نورمال بولسىلار ئۆزى تۇنۇيتتى

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×