كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ كىنو ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان كىنو ساھەسىدىكى قابىللارنى باھالاپ چىقىدىغان ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپات ى، شۈبھىسىزكى كىنو مەستانىلىرى ئۈچۈن ئەڭ تەقەززا بولىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېچىلىك تە پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليونلىغان كىنو مەستانىسى ۋە كىنو ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار بىرلىكتە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مىنۇتلارغا شاھىد بولىدۇ ۋە مەستانىلەر ئۆزىنىڭ مەبۇدىسىنىڭ شان-شەرەپلىرى …..
ئانچە-مۇنچە كىنو كۆرۈشكە ھەۋىسىمىز بولغاچ، ھەر يىلقى يېڭى كىنو لارنى ئامال بار قولدىن بەرمەي كۆرۈپ قويىمىز. ئەگەر بەكرەك ياراپ قالسا شۇ زامان تورخۇماردا «كۆرۈشتىن كىيىنكى تەسىرات» يازىمىز. ئۇزۇندىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتقان [بىر كىنو بىر دۇنيا] سەھىپىسىنى خېلى بولدى يېڭىلىمىغىلى. بۇ ياخشى كىنونىڭ يوقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن …..
ئىلگىرى يوللانغان ئۇماق رەسىملەرگە قاراپ كىنو نامىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟ سەرلەۋھىلىك يازما يادىڭلاردا بارغۇ دەيمەن. بىر يۈرۈش ئۇماق تېز سىزما رەسىم لەرگە قاراپ، شۇ رەسىمدە ئىپادىلەنگەن كىنو ئىسمى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرى ھەققىدە سوئال-جاۋاب خارەكتىرلىك ئويۇن ئوينىغان. بۈگۈنمۇ يەنە بىر يۈرۈشىنى ئېلىپ كەلدىم. ئوخشاشلا ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. بۇ يۈرۈشلۈك كارتون ئەسەرلەر قىستۇرما رەسىم لايىھىلىگۈچى Scott Campbell نىڭ ئىجادىيىتى. ئۇ يەنە …..
كومپيۇتېر CG تېخنىكىسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى كىنو – فىلىم ساھەسىگە مىسلىسىز تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. تورخۇماردا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم CG غا دائىر كۆرۈنۈشلەرمۇ بۇنىڭ دەلىلى. كىشىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىدىغان ھەيۋەت جەڭ مەيدانلىرى، ئاجايىپ-غارايىپ مەخلۇقلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەل تاغ-دەريالار… ھۆكۈمران ئۈزۈك فىلىمىنىڭ قىسسىلىرىدىن بىرى بولغان «خوببېتلار: كۈتۈلمىگەن سەپەر» فىلىمى بۇ يىلدىكى ئەڭ …..
كىنو كۆرۈشمۇ بىرتۈرلۈك مەدەنىي پائالىيەت، شۇڭا كىنو غا ئائىت ئانچە-مۇنچە بىلىم لەرنى ئىگىلەپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق. چوڭ-كىچىك ئادەملەر توپى ئىچىدە ھەرقايسى قاتلامغا مۇناسىپ ئېكران چېگرىسى بولمىغاندا قانداق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى بىزگە ئايدىڭ. بۈگۈن مەن كىنو دەرىجىسى( يەنە ساغلاملىق دەرىجىسى دەپمۇ ئېلىنىۋاتىدۇ) ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. كىنو دەرىجسى …..
جوئىن ۋىللىيام(John Williams)، خانىز زاممېر(Hans Zimmer)، جامىس ھورنېر(James Horner)_ ھوللىۋود تىكى بۇ ئۈچ نەپەر مۇزىكا ئىشلىگۈچىنى بەلكىم سىز تونۇماسلىقىڭىز مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ھۆددە قىلالايمەنكى، سىز پەقەت ھوللىۋود فىلىملىرى مەستانىسى بولسىڭىزلا بۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن نەچچە رەت ئۇچراشقان. ئەلۋەتتە مەنمۇ دەل مۇشۇ چەمبىرەك ئىچىدە. تورداشلارنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك، ئىلگىرى 10يۈرۈش تۇرمۇشىڭىزغا ئىلھام بەخش ئېتىدىغان يېنىك مۇزىكىلارنى يوللىغاندا، «قەيسەر يۈرەك» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى ھەققىدە بىراز توختالغان. مانا …..
ھوللىۋودنىڭ كىنو لىرىنى تولا كۆرىدىغانلارغا نىسپەتەن ھەرخىل يالماۋۇز ياكى غەيرى شەكىللىك ئادەملەر ئوبىرازلىرى ئانچە ناتونۇش بىلىنمەيدۇ. فىلىم ئىشلەش تېخنىكىلىرىنىڭ ئۆسۈپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل غەيرى مەخلۇقلارنىڭمۇ تەقى-تۇرقىدا ئوبدانلا ئىلگىرلەش بولدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ راس-يالغانلىقىنى پەرىقلەندۈرۈشمۇ تەسكە توختىماقتا… لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز بۇ كىنولارنى كۆرۈش جەريانىدا دائىم باش پېرسوناژ ياكى …..
ھېلىمۇ ئىسىمدە، تۇنجى قېتىم «قەيسەر يۈرەك» فىلىم ىنى كۆرگەندە ۋىلىيام ۋاللاسى (باش قەھىرمان)نىڭ ئۆلۈمى دىمىقىمنى ئەزگەن ئىدى. «تىتانىك»تىكى جېك بولسا نۇرغۇن قىزلارنى يىغلاتقان. بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەڭ ياقتۇرغان دېسنى كارتون فىلىمى «شىر پادىشاھ» تا سېنبانىڭ دادى سىن ىڭ ئۆلمى مېنى خېلى تەشۋىشكە سالغان. شۇنداق بۇ ئۆلۈملەرنىڭ بەزىلىرى ئادەمنى تەسىرلەندۈرسە …..
كىنو -فىلىم كۆرۈش بارا-بارا كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ئاساسلىق پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. مۇھەببەت فىلىمى كىشىلەرگە چەكسىز بەختلىك ۋە ياكى خىياللارنى ئېلىپ كەلسە، كومېدىيىلىك فىلىم ئادەمگە تۈگىمەس كۈلكە ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتاكى پات ئارىدا چىقىدىغان قىسىملىق كىنولارمۇ زېرىكىشلىك تۇرمىشىڭىزغا كۈتۈش ۋە نىشان ئېلىپ كېلىدۇ! ھا ھا … قىسقىچە …..
2012-يىلى نۇرغۇن نادىر فىلىم لەرنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ فىلىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگودىمۇ يەرشارى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا قويۇلدى ۋە ئاجايىپ يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتتى. بىر قىسىم كىنو لار گەرچە قويۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق تەڭداشسىز سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىدە يەنىلا خاتىرجەم ھوزۇرلىنىۋەتتۇق. بۈگۈن ئالدى بىلەن 2012 -يىلى بىلەت كىرىمى جەھەتتە بۇ …..
دىيارىمىزدا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ناخشا ئاڭلاش ۋە كىنو كۆرۈش بىلەن مەشخۇل بولىدۇ. لېكىن كېسىپ ئېيتالايمەنكى سۇپەتلىك كىنو كۆرۈپ ناخشىنى چۈشۈنۈپ ئاڭلايدىغانلار يەنىلا ئاز. شۇڭا بىزدە چاپاق كىنولار بىلەن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ناخشىلارنىڭ بازىرى ئىتتىك. لېكىن ئەلۋەتتە تورخۇماردا يەنىلا بىر توپ يۇقىرى ساپالىق تورداشلار توپى مەۋجۇد. ھېچ بولمىسا شۇنداق بولسىكەن …..
ھەركەت لىك كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئىچىدە Jason Statham نى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك. ئىسمىنى بىلمىسىمۇ رەسىمىنى بىر كۆرسىلا«ۋوي، ماۋۇ ھېلىقى سەت مۇشلىشىپ قويىدىغان ئاداشقۇ؟» دىمەي قالمايدۇ. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ئۇنىڭ ھەركەتلىك كىنو لىرىنى تاللاپ كۆرىمەن. بىر قىسىم كىنولىرىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بولمىغان بولسا بۇ سولتەككە زور قايىللىقىم باتتى. ھېلىمۇ …..
يېڭى تىما يوللىسا بۇلاتتى