ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە ،لېفىت چۈشۈپ كېتىۋاتقان چاغدا ئىچىدە خېلى كۆپ ئادەم بولۇپ، دۇڭۋەندىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خادىمىمۇ يېڭىلا ئۈگۈنۈشنى تۈگەتكەنىكەن. ئۇ كۈنى ئۇلار13 ئادەم سىغدۇرالايدىغان لېفىتقا 20ئادەم چىقىۋالغان بولسىمۇ لېفىت ھېچقانداق سېگنال بەرمەي ئىشىك تېخى يېپىلماستىلا لېفىت ئارغامچىسىنىڭ ئۈزۈلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ لېفىت تېزلىك بىلەن پەسكە چۈشۈپ كەتكەنىكەن. ۋەقەدىن كىيىن بۇ 20نەپەر كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، نۆۋەتتە 12 نەپەر يارىلانغۇچىنىڭ كۆپىنچىسى پۇتى سۇنۇپ دوختۇرخانىدا ئىكەن.ئامانلىق باشقارمىسى،ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى جامائەت خەۋىپسىزلىگى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ،ۋەقە سادىربولغان لېفىتنى پىچەتلىگەن. تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن مۇخبىر نەق مەيدانغا كېلىپ دۇڭۋەن نەنچىڭ دوختۇرخانىسىدا ياتقان ئالتە نەپەر يارىلانغۇچىنى زىيارەت قىلدى . ئۇلاردىن ئۈچىنىڭ ئىككى پۇتى تەڭ يەنە بىر يارىلانغۇچى جىن لوڭيۈ:«لېفىتىنڭ ئىشىكى تېخى ھىم ئېتىلمەستىنلا پەسكە چۈشۈپ كەتتۇق، بىز لېفىت ئىچىدە پەقەت سىمنىڭ ئۈزۈلگەن ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ تۇردۇق، ئەينى ۋاقىتتا سىلكىنىشتە لېفىتنىڭ تورىسىدىكى توسۇق تاختاي تۆپىسىدىكى چاڭ -توزاننىڭ ھەممسى چۈشكەن بولغاچقا نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ئۈستى بېشى توپا-چاڭ بولۇپ تېخىمۇ بىچارە بولۇپ قالغانىكەن. لېفىت يەر ئاستى بىرىنچى قەۋەتكە چۈشكەندىن كىيىن لېفىت ئىشىكى ئېچىلماي ، كىشىلەر ئۆرە -توپا بولۇشۇپ كەتكىنىدە قالغان خىزمەتداشلار شۇ يەرگە چۈشۈپ،تۆمۈر كالتەك بىلەن مېھمانخانا تەرەپ لېفىتنىڭ ئىشىغا ئۆي زېمىن شىركىتىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . فاڭجۇڭ ئۆي -مۆلۈك شىركىتىدىكى بىر مەسئۇل خادىم مۇخبىرغا نۆۋەتتە بۇئىش توغرىلىق شىركەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى يېغىن ئېچىپ ، ئىشنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.بىراق ئۇ يەنە 13كىشىلىك لېفىتقا 20ئادەمنىڭ چىقىۋېلىپ ۋەقەتۇغۇلغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى.ۋەقە يۈز بەرگىنى Otis لېفىتى بولۇپ،داڭلىق ماركىلىق لېفىت بولغىنى بىلەن بۇندىن بۇرۇنمۇ بېيجىڭ،ۋۇخەن ،گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم چاتاق چىققانىكەن. نۆۋەتتە،دۇڭۋەن شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە نەنچىڭ رايونلۇق سۈپەت كۈزىتش پونكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇئىشقا نىسبەتەن تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى. بۇئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان گۇرۇپپا 9-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن كاڭدا شىركىتى،لېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى شۇنداقلاخۇڭفۇ مەيدانى ئۆي-زېمىن خوجىلىقى قاتارلىقلارنى چاقىرىتىپ يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى،داۋالىنىش راسخوتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلدى. ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرگە يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى |