جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-سىنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاختى 7-سىنتەبىر ئەتىگەن ھىندىستان پايتەختى دېھلىدىكى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىدا شىددەتلىك پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بىرىپ، 9 ئادەم ئۆلۈپ، 45 ئادەم يارىلانغان. ھىندىستان ئىچكى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە، پارتىلاش تەخمىنەن سائەت 10دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتىلاتقۇچ خىزمەت سومكىسىغا سېلىپ قويۇلغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. ھىندىستان ساقچى تەرەپ ئاللىقاچان ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى قامال قىلغان بولۇپ، ئالاھىدە ساقچىلارھەرىكەتكە كىرىشكەن، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتمەكتە. پارتىلاش يۈز بەگەرگەن ئورۇننىڭ يىغىن بىناسى ۋە باش مىنىستىر ئىشخانىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئاللىقاچان نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن. ساقچىلارمۇ ئامانلىق خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. بۇ قېتىمقى پارتىلىتىش ۋەقەسى، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 25- كۈنىدىن بۇيانقى دېھلى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق پارتىلىتىش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى |