نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

خۇ جىنتاۋ فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئاكىنو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقتى: 15:44 02-09-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: ئاتايار كۆرۈلۈشى: قېتىم
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئاكىنو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىردەك بىلدۈرۈشتى.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىرلا جۇڭگو بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونى قىممەتلىك قوللاپ كەلدى. بىز بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز. جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەھكەم سىياسىتى.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن بىرلىكتە، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، جۇڭگو فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تېرىشىشنى خالايدۇ. يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، مۇداپىئە بىخەتەرلىك قانۇنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى نۇرلاندۇرۇش، كەڭ قۇرساق بولۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشغا تۇرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى 20 يىللىقى ۋە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2-بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، ئىنتېرنېت تور ئالاقىسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، جەمئىيەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۇرتكە بولۇشنى خالايدۇ. شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىجادى رول ئوينايدۇ.

ئاكىنو مۇنداق دېدى: ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان جۇڭگو فىلىپپىن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا تۇرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي مۇئەسسەسە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە تەشەببۇسى ئىزچىل ۋە ئېنىق . جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز تالاش تارتىشىنى تالاش تارتىش قىلىۋاتقان دۆلەت كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي دېڭىزنى تىنچلىق دېڭىز، دوستلۇق دېڭىز، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

ئاكىنو مۇنداق دېدى: فىلىپپىن رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولدا تىرىشىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ. فىلىپپىن بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىلا مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكى كېرەك. بىز بۇ مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىدا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىق قىلىپ، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ئاكىنو 3-نىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.


مەنبە: جوڭگو ئۇيغۇر رادىئوتورى ئىلھام مامۇت تەرجىمىسى

ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر