11-ئاۋغۇسىت بېيجىڭ ۋاقتى 18دىن 6مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيسى چىگىرىسىد(شىمالى كەڭلىك 39.9، شەرقى ئۇزۇنلۇق 77.2) 5.8بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 8 كېلومېتىر بولغان. قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپى قوماندانلىق شىتابىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 12-چىسىلا 10دىن 15مىنۇتقىچە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە شۇ يەرلىك ئاممىدا ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن، بىراق 21 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 4 ئېغىر يارىدار ئىكەن. بارلىق يارىداربولغۇچىلار تېز سۈرەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزىلىۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 172 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، 708ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى خەتەرلىك بولۇپ قالغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئىھتىمال يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شۇ يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش كوماندىر ئەسكەرلە
ر نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان.
![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() مەنبە: جۇڭگو خەۋەر تورى
ئەلتېكىن تەرجىمىسى
|