نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار 1-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن يولغا قويۇل

يوللانغان ۋاقتى: 07:27 02-08-2011 مەنبە: ئۇيغۇررادىئوتورى ئاپتورى: ئاتايار كۆرۈلۈشى: قېتىم
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىلىمىز بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملارنى يولغا قويدى. " ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى"1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. نىزامدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى باھالاپ بېكىتىشنىڭ كونكرېت ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ- قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا قۇربان بولغانلار، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياكى دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ مۈلۈكى، پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش جەريانىدا قۇربان بولغانلاردىن ئىبارەت بەش خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېقىندا "ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش نىزامى"نىڭ تۈزۈتۈلمىسى ھەققىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى ھەمدە تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى نىزامنى ئېلان قىلىپ، 1-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلغان "ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قوراللىق قىسىم فورمىسى، ماشىنا نومۇرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىغا قوللىنىدىغان كونكرېت قانۇنلار ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلىلەرنىڭ ئىزاھاتى " 26-ئىيۇل رەسمىي ئېلان قىلىندى.

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى بىلەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ تۈزگەن دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بولغان "قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش " تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى بىرلىشىپ تەستىقلاپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن 1-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلدى.

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى يېقىندا 1-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىغان " پوچتا ماركىسى توپلاش بازىرىنى باشقۇرۇش چارىسى "نى ئېلان قىلدى، چارىدە پوچتا ماركىسى توپلاش سودىسى قىلىدىغان بازارنى ئېچىشتا ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بەلگىلەندى.

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر