سەي-كۆكتاتلاردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋېتىلمەي، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
سەي-كۆكتاتلاردىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولسا، بىر داس سۇغا ئىككى قوشۇق ساپ شولتا سېلىپ، سەي-كۆكتاتلارنى بەش مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە چىلاپ قويۇپ، ئاندىن پاكىز سۇدا بىر قانچە قېتىم چايقىۋەتسەكلا، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.