يوللانغان ۋاقتى ئۆكتەبىر 4th, 2011

يوللىغۇچى: قۇناخۇن يوللانغان ۋاقتى :ئۆكتەبىر - 4 - 2011 3 ئىنكاسلىق
ShekilNeziryisimu

بىرىنچى قىسىم ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تور دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىلارنىڭ بېرى بولۇپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش >>شەكىل نەزىرىيىسى << نىڭ داۋراڭلىرى ئاز بولمىدى ، ھېلىھەم شۇ داۋراڭلار پەسكويغا چۈشكىنىمۇ يوق .فىزىكىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرلمەيدىغان ھەم ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ، تىپىك ئىجتىمائى پەن ساھەسىگە تەۋە ئەدىبتىن بىرسى چىقىپ قاتتۇرۇپ ماقالىدىن بىرنى يېزىۋېدى ، ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە ئۇ نەزىريىنىڭ قانداق نەزىرىيە ئىكەنلىكىنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدۇق . ئۇيغۇرغا كېلىدىغان نوبىل مۇكاپاتىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىدۇق . كەم دىگەندىمۇ 4~5 يىل ھاياجان ئىچىدە ساقلىدۇق . ئەمما بۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دىيارىمىزغا كەلمىكى بەكمۇ قىيىن بولدى . نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى تەلمۈرتكەن نوبىل مۇكاپاتى بىزلەرگە ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى . ئەمدى بىلدۇقكى ، نوبىل